دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى جەريانىدا، 21-نويابىر كۈنى نورۋېگىيەنىڭ بېرگىن شەھىرىدە مۇھىم بىر يىغىنغا قاتناشتى.
رافتو كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېچىلغان يىغىنغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 6 كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى، نورۋېگىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە رافتو ۋەخپىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى بىلەن 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان. يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئەھلى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. بىرىنچى گۇرۇپپا ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەردە قانداق بىر مېخانىزملارنى قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسى. ئىككىنچى گۇرۇپپا بولسا دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئاياللار مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاياللار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانداق تەشكىللىنىش مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. ئۈچىنچى گۇرۇپپا بولسا ئىنسان ھەقلىرى بىلەن تىجارەتچىلەر يەنى مەبلەغ سالغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
يىغىندا رابىيە قادىر خانىم رافتو مۇكاپاتى ئالغان كىشىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان. ئۇ، دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. يىغىن جەريانىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى تۈپەيلى خەلقئارا سوتتا سوراققا تارتىلىشى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان. يىغىن ئاخىرىدا ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداشنىڭ تەدبىرلىرى توغرىسىدا قارار ماقۇللانغان.
بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.