رابىيخان ئانا سالامەتلىكى ناچارلاشقان بولسىمۇ، داۋالىنىشنى رەت قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغانلىقى ۋە نورۋېگىيەدىكى ئوغلى ۋە نەۋرىلىرىنى كۆرۈش ئارزۇسىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ھەققىدە رادىيومىز ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە شىكايەت قىلغان 82 ياشلىق رابىيخان مۇسا ئانا، 2 ئاينىڭ ئالدىدا دائىرىلەر بەرگەن ۋەدىگە ئاساسەن شىكايىتىنى ۋاقىتلىق توختاتقان ئىدى. ئەمما ۋەدە مۆھلىتى توشقان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا پاسپورتىغا ئېرىشەلمىگەن. ئۆتكەن ھەپتە ئۇنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۆلۈپ ئۆيىدە قان قۇسقان، دائىرىلەر ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىدا ياتقۇزغان. ئەمما رابىيخان ئانا پەرزەنلىرىنى كۆرۈشتىن باشقا ھەرقانداق بىر چارىنىڭ كېسىلىگە شىپا بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، داۋالىنىشنى رەت قىلغان ۋە بېلىكىدىكى ئوكۇلنى ئۆزى يۇلۇپ تاشلاپ دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىققان.

تۆۋەندە دىققىتىڭلار، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىدا بولسۇن.