بورتالا شەھەرلىك ساقچى باشلىقى رابىيخان ئانىنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ بورتالادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلىرى 82 ياشلىق رابىيخان ئانىنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن بىر ھەپتىدىن بېرى ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى تېلېفون زىيارىتى نەتىجىسىدە بورتالا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رابىيخان ئانىغا قىلغان زوراۋانلىقىنى «قولىمىزدا يېتەرلىك پاكىت ۋە سەۋەبلەر بار» دەپ ئاقلاش ئارقىلىق، رابىيخان ئانىنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما مەزكۇر پاكىتلارنىڭ تەپسىلاتىنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمىدى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.