84 ياشلىق رابىخان ئانىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشى پەرزەنتلىرىنى ئەندىشىگە سالدى

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىدىن پاسپورت بېرىشنى تەلەپ قىلغان رابىخان مۇسا ئانا 2017-يىلى 4-ئايدا بورتالا شەھىرىدىكى ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشى ئۇنىڭ نورۋېگىيەدىكى پەرزەنتلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتىكەن.

رابىخان ئانا ھەققىدە نورۋېگىيەدىكى ئوغلى قۇربان ئارىف ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بورتالا شەھەرلىك ئالتۇن دىيار ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق رابىخان مۇسا ئانا بۇ يىل 84 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇلار بورتالادىكى تونۇشلىرىدىن ئانىسى رابىخاننىڭ 2017- يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى بورتالادىكى ئۆيىدىن تۇيۇقسىز ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.

قۇربان ئارىف ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىخان ئانا تۇتقۇن قىلىنغان دەسلەپكى چاغلاردا ئۇلار بورتالادىكى ئۇرۇق-تۇغقان تونۇشلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن رابىخان ئانىنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە قەيەرگە قامالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشقان. ئەمما ئۇلار رابىخان ئانىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلار بىلەن ئۇچۇر ئالاقىسىدە بولغان بورتالادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە تونۇشلىرىنىڭمۇ ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ سوتلىنىپ تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى ئۇققان.

قۇربانجان ئەپەندى يەنە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يۇرتى بورتالادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تونۇشلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئۇچۇر-ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئانىسى رابىخان ئانىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇربانجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىخان مۇسا ئانا 2016-يىلى ياز پەسلىدە بورتالادىكى مۇناسىۋەتلىك ساقچى ئورۇنلىرىغا بېرىپ، چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان پەرزەنتلىرىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن پاسپورت بېجىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما بورتالا ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭغا «چەتئەلدە ئولتۇرۇشلۇق ئوغلۇڭ بىزگە قارشى پائالىيەتلەردە بولغانلىقى ئۈچۈن ساڭا پاسپورت بېرىلمەيدۇ» دېگەن.

ئەينى چاغدا رابىخان ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى 2016-يىلى ياز پەسلىدىن 2017- يىلىنىڭ بېشىغا قەدەر، رابىخان مۇسا ئانا ۋە بورتالادىكى مۇناسىۋەتلىك ساقچى دائىرىلىرىگە كۆپ قېتىم تېلېفون قىلىپ، بورتالا دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن رابىخان ئانىغا ئوخشاش پەرزەنتلىرى چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئاتا-ئانىلارنىڭ پاسپورت ئېلىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەشكە تىرىشقان ئىدى. ئەينى چاغدا رادىيومىزدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەر خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

رابىخان ئانا 2016-يىلى ياز پەسلىدىن تاكى 2017-يىلىنىڭ بېشىغا قەدەر رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۆزىنىڭ پاسپورت ئېلىشتىن ئىبارەت ھەققانىي تەلىپىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن رەت قىلىنىشىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

ئەينى چاغدا رادىيومىز يەنە بورتالادىكى مۇناسىۋەتلىك ساقچى ئىدارىلىرىگە تېلېفون قىلىپ، رابىخان مۇسا ئانىغا نېمە ئۈچۈن پاسپورت بېرىلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرىنى سۈرۈشتە قىلغان ۋە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى.

قۇربانجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بورتالادىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار ساقچى خادىملىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى رابىخان مۇسا ئانىنى ئىزدەپ كېلىپ، ئەگەر ئۇ خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمىسا ئۇنىڭ پاسپورت ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىكەن.

رابىخان ئانا 2017- يىلىنىڭ بېشىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان چېغىدا يەنە بىر مەزگىل ئىچىدە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ پاسپورت تەلىپىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشىغا قاراپ باقماقچى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرگەن ئىدى.

رابىخان مۇسا ئانىنىڭ 2017-يىلى 4-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن بىز ئەينى چاغدا، يەنى 2016-يىلى ۋە 2017-يىلىنىڭ بېشىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بورتالادىكى بىرقانچە ئون ساقچىخانىنىڭ ئوخشاش تېلېفون نومۇرلىرىغا قايتا تېلېفون قىلدۇق.

بورتالا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفونىمىزنى ئالغان خادىم مەزكۇر نومۇرنىڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ نومۇرى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، رابىخان ئانىنىڭ دېرىكى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى.

بورتالادىكى «شەرق شامىلى»، يەنى دوڭفېڭ ساقچىخانىسى چىندىل ساقچىخانىسى، ئوتبۇلاق ساقچىخانىسى، بورتالا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت قاتارلىق ئورۇنلارغا قىلغان تېلېفونلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى «بۇنداق نومۇرى يوق» دېگەن ئاپتوماتىك ئاۋاز ئۈسكۈنىسىگە ئۇلانغان بولسا، يەنە بەزىلىرىدىن تېلېفون ئابونتى ئالدىراش دېگەن سىگناللار كەلدى.

ئەمما رابىخان ئانا ئولتۇرۇشلۇق بورتالا شەھەرلىك ئالتۇن دىيار ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن 84 ياشلىق رابىخان مۇسا ئانىنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.

«ھە مەن رابىخان مۇسا ئانىنى بىلىمەن. بىلىشىمچە ئۇنىڭ نورۋېگىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇپ قالغان بالىلىرىمۇ بار ئىكەن. مەن ئۇنىڭ پاسپورتى يىغىۋېلىنغانلىقىغا نارازى بولغانلىقىنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم. بۇلتۇر ئەتىياز مەزگىلىدىن باشلاپ ئۇ ئايالنى كۆرمىدىم. بەزىلەر ئۇنى دوختۇرخانىدا دېيىشتى، يەنە بەزىلەر ئۆگىنىشتە دېيىشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بورتالادىكى بالىلىرى ۋە تۇغقانلىرىنىڭمۇ ئۆگىنىشكە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. ئەمما بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە سۆزلەشمەيمىز.»

ئۇ بايانىدا بورتالا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى رابىخان ئانىنىڭ چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان پەرزەنتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن پاسپورت ئېلىشقا ئىلتىماسى قىلغانلىقى ۋە ئىلتىماسىنىڭ كۆپ قېتىم رەت قىلىنغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بورتالادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رابىخان ئانا ۋە ئۇنىڭ بورتالادىكى باشقا پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى توغرىسىدا ھەر خىل پەرەزلەردە بولسىمۇ، ئەمما ئاشكارا سورۇنلاردا ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ بۇ ھەقتە سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىخان ئانىنىڭ ئوغلى قۇربانجان ئەپەندى بورتالا دائىرىلىرىنىڭ ئانىسى رابىخان مۇسا ئانىنى تۇتقۇن قىلىش ئۈچۈن ئانىسىغا ھەر خىل جىنايەتلەرنى ئارتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ يەنە دائىرىلەرنىڭ رابىخان ئانىنى تۇتقۇن قىلىشىدا يەنىلا ئۇنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئاساسىي سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا قۇربانجان ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 84 ياشلىق بىر ئانىنى تۇتقۇن قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ئىنسانىي ھەقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىدا نورمال ياشاش ۋە ئوز ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئانىسى رابىخان مۇسا ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقان دوستلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش ئارقىلىق خەلقئارا جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشقا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىشقا بەل باغلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.