رابىيخان مۇسا ئانا پەرزەنتلىرىنى كۆرەلمەيۋاتقان ئانىلار نامىدىن خەلقئارا تەشكىلاتلارغا مۇراجىئەت ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

بورتالادىكى رابىيخان مۇسا ئانا ئۆتكەن ھەپتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ چەتئەلدىكى ئوغلىنى كۆرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن چەكلىنىۋاتقان ۋە جازالىنىۋاتقانلىقىنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىغان ئىدى.

ئارىدىن 10 كۈنچە ئۆتكەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئۇنىڭ دەرد-ھالىنى سورايدىغان ۋە ياكى بۇرۇنقىدەك ساقچىلار ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ سوئال-سوراق قىلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمىگەن.

رابىيخان ئانا بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز داۋامىدا، چەتئەللەردىكى پەرزەنتلىرىنى كۆرەلمەي ئازابلىنىۋاتقانلارنىڭ يالغۇز ئۆزى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، دۇنيادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن، بۇ تۈر مەسىلىلەرنى خىتاي ۋە خەلقئارانىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈشىنى ۋە ئانىلارنىڭ بۇ خىل ئازابتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.