ئۆتكەن ھەپتە بورتالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ۋە ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق 10 نەچچە كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئەمەلدارلار گۇرۇپپىسى رادىيومىزدا شىكايەتلىرىنى بايان قىلىۋاتقان رابىيخان مۇسا ئانا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ئۇلار سۆھبەت داۋامىدا، رابىيخان ئانىغا پاسپورتىنى بەرمەسلىكنىڭ سىياسىي بىر قارار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ساقچىلار بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېيتقان ۋە رابىيخان ئانىنى ئاخبارات باياناتىنى توختىتىش ھەققىدە تەكرار ئاگاھلاندۇرغان.
بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيخان ئانا ئوبلاست باشلىقلىرىنىڭ يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈشىنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بېرىش ياكى ئەرزنامە يوللاش پىلانى بارلىقىنى ۋە ئاخباراتقا گەپ قىلىشنى ۋاقىتلىق يەنى مۇشۇ قېتىمقىسىدىن كېيىن 3 ئايغىچە توختىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
رابىيخان مۇسا ئانا ئاخباراتقا گەپ قىلىشنى 3 ئايچە توختىتىپ تۇرۇش پىلانىنىڭ ئوبلاست باشلىقلىرىنىڭ تەھدىتىدىن قورقۇپ ئەمەس، ئۇلارنىڭ راست ياكى يالغان گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش ھەم ئۇلارغا ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىش يەنى پاسپورتىنى تارتىۋالغانلىق خاتالىقىنى تۈزىتىشكە پۇرسەت بېرىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە، ئەگەر بۇ ئۈچ ئاي جەريانىدا جاۋابتىن ئۈمىدلەنگۈدەك ئۇچۇرلار بولمىسا ياكى يەنە بۇرۇنقىدەك تەھدىت ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىسا، ئاخبارات باياناتىنى 3 ئاينى كۈتمەستىن يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلىغايسىلەر.