پراگادا چاقىرىلغان «رادىكاللىقتىن ساقلىنىش» تېمىسىدىكى يىغىنغا د ئۇق ۋەكىلى قاتناشتى

0:00 / 0:00

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «رادىكاللىقتىن ساقلىنىش، ئاشقۇنلۇققا قارشى ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىش» ناملىق خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە 7-ئاپرېلدىن 11-ئاپرېلغىچە داۋاملاشقان «رادىكاللىقتىن ساقلىنىش، ئاشقۇنلۇققا قارشى ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىش» يىغىنىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر خەلقئارالىق يىغىننى كۆپلىگەن ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ يىغىننى تەشكىللىگەن ئاساسلىق ئورگانلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، يىلدا ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىننىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنىڭ زورلۇقىنى تىلغا ئالدى.

40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن 80 دىن ئارتۇق ۋەكىل كېلىپ قاتناشقان بۇ يىغىن 7-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن تەشكىلاتلار ھەم ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ۋەكىللەرنى تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلانغان. رەسمىي يىغىن 8-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ۋە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى نۇتۇق سۆزلىگەن.

يىغىندا «رادىكالىزم» ۋە «ئاشقۇنلۇق» مەسىلىلىرى مۇزاكىرە تېمىسى بولغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، رادىكاللىقنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي مەنىلىرى ھەققىدە چۈشەنچىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇھاجىرلار مەسىلىسى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش ئاپىتىدىن قېچىپ غەرب ئەللىرىدىن پاناھلىق تىلەش جەريانىدا يۈز بەرگەن پاجىئەلەرمۇ مۇزاكىرە تېمىسى بولغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن يىغىندا ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.