خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئالغان مۇقىملىق تەدبىرىنىڭ بىرى ئۈرۈمچىدىكى كۆچمەنلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، يەنى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى تام ۋە تۆمۈر رېشاتكىلار ئىچىگە ئېلىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش. دائىرىلەر بۇنى «بىخەتەرلىك» ئۈچۈن دەپ پەردازلىغان بولسىمۇ، شۇ ئېگىز رېشاتكىلىق مەھەللىلەردە ئولتۇرۇپ باققان ۋە بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئۇيغۇرلارنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزگەن ئىنكاسلىرىدىن، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ساقال قويغان، ھىجابلانغان، دىنىي ئېتىقادى ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇرلارنى بەكرەك نىشان قىلغان ئىرقىي، مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىش تۈسىنى ئالغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى بىزار قىلىۋاتقان، ھەتتا غەزەپلەندۈرۈۋاتقان بىر تۈزۈم ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.
ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ رايونى ئۈمىد كوچىسى ئاھالىلەر رايونىدىكى رېشاتكا رايونىدا بىر نەچچە يىل ئىجارە ئۆي ئېلىپ ياشاش جەريانىدا كۆپ قېتىم مەھەللە ئامانلىق خادىملىرىنىڭ تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ پاراكەندە قىلىشلىرىغا، روھىي جەھەتتىكى خورلۇق ۋە زورلۇقلىرىغا چىدىمىغانلىقىدىن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان بىر ئۇيغۇر، رادىيومىزغا يوللىغان يازما ئۇچۇرىدا مۇنداق دەپ قەيت قىلىدۇ: «ئۈرۈمچى شەھىرىدىن باشلانغان رېشاتكا رايونى قۇرۇلۇشى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر يېرىدە ئەۋج ئالدى، ھەتتا يېزا-قىشلاقلاردىكى مەھەللە-كويلارمۇ بۇنىڭ تېشىدا قالمىدى. رېشاتكا رايونى ئۇقۇمى تارىختا ياۋروپا ۋە چاررۇسىيە يەھۇدىلارنى ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندا قوللانغان ئۇسۇل بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان ‹دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا› دېگەن كىتابتا ‹بۇ ئۇسۇلنى مۇمكىن بولسا، ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا قوللىنىشقا بولىدۇ› دېيىلگەن.
2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن، خىتاي ئىچىدە ساقلاپ كەلگەن بۇ رەزىل پىلانىنى تىۋىشسىزلا يولغا قويۇشتىن تەدرىجىي ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەممە يېرىگە كېڭەيتتى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەممە يېرىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدا يولغا قويۇلدى !»
بۇ كىشى رېشاتكىلىق مەھەللە قۇرۇش پىلانى ھەققىدە مۇلاھىزىلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «بۇ، خىتاينىڭ يىللار مابەينىدىن پىلانلاپ كەلگەن رېشاتكا رايونى پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ پىلاندا سۆزلەنگەن ‹شىمالىي رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنى يۇقىرى بېسىم ئارقىلىق جەنۇبقا يۆتكەش› پىلانى» نىمۇ ئىجرا قىلماقتا.
يىللاردىن بېرى شىمالدا ياشاپ كەلگەن، ھەتتا ئۆي سېتىۋالغان، ئەمما نوپۇسىنى يۆتكىمىگەن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ۋاسىتە ئارقىلىق يۇرتىغا قوغلاشقا باشلىغان.
دەسلەپ ئۈرۈمچىدىن باشلانغان رېشاتكا رايونى سىنىقى ھازىر ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەممە يېرىدە قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئەڭ كۆلەملەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىنغان يەرلەر ئۈرۈمچى، سانجى، قۇمۇل، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ راھەتباغ، شامالباغ، تىكقۇدۇق رايونلىرىدا ھەتتا رېشاتكىغا ئالغاندىن سىرت، ئىجارە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىگە ئېلېكترونلۇق قۇلۇپ سەپلەنگەن بولۇپ، ئۆيدىكىلەر چىققاندا-كىرگەندە ئاھالە كومىتېتى بىۋاسىتە بىلىپ تۇرالايدىغان قىلغان. ئاخشامدا ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرگۈچىلىرىگە سىرتقا چىققاندا نەگە بارغان، نەدە تۇرغانلىقىنى دوكلات قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ رېشاتكا رايونىغا جايلاشقان كىچىك تىپتىكى زاۋۇت ۋە كارخانىلىرى بۇ سەۋەبتىن ئىشچى كەمچىلىكى، يولسىز تەكشۈرۈشلەر سەۋەبىدىن ياكى جەنۇبتىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن-بىر باش قويغۇدەك يېرى بولغانلىقى سەۋەبلىك مەجبۇرى تاقالماقتا!»
بىز بۇ ئۇيغۇرنىڭ دېگەنلىرىنى دەلىللەش يۈزىسىدىن دەل ئۈرۈمچىدىكى ئۈمىد ئاھالىلەر رايونى مەھەللە كومىتېتى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئۆزىنى مەھەللە باشقۇرۇشقا مەسئۇل دەپ كۆرسەتكەن كىشى، بۇ خىل مەھەللىلەرنى رېشاتكا ياكى تام ئىچىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ئۇلارنى ئوغرى-يالغاندىن ساقلاپ، ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەمما باشقا سوئاللىرىمىزنى جاۋابسىز قويدى.
رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئۈرۈمچىدىكى رېشاتكىلىق مەھەللىدە ئولتۇرۇش جەريانىدا ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ بەرگەن نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇر بولسا، رېشاتكىلىق مەھەللىدىكىلەر ساقاللىق ئەرلەر، ھېجابلانغان ئاياللارغا ئوخشاش دىنىي ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولغان، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئامما ئىكەنلىكىنى، مەھەللە كومىتېتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت-بايرام، نەزىر-چىراغلىرىدا، ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن نورمال يىغىلىش ئېلىپ بېرىشىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاممىنى بىزار قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاممىنىڭ بۇ خىل رەزىل تۈزۈملەرگە، خورلۇققا غەزەپلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئىپادىلەشكە ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ پروگراممىنى ئىلتەبىر تەھرىرلىدى.