رەيھاننىسا ئانا: نەۋرەم رىشات ھاجى «تېررورچىلارغا پۇل ئەۋەتتى» دېگەن تۆھمەتكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

ئاتۇشتىكى تۇتقۇن رىشات ھاجى ھەققىدە مۇخبىرىمىزغا كەلگەن ئىنكاستا، رىشات ھاجى ئائىلىسى ئۇنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇن قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان.

مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى رىشات ھاجىنى ئىككىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىپمۇ ئاكىسى ئابدۇۋەلى ھاجىنى تۈركىيەدىن قايتۇرۇپ ئەكىلەلمىگەندىن كېيىن، رىشات ھاجىنى تۆھمەت بىلەن قولغا ئالغان. مەكتۇپتا ئەسكەرتىلىشىچە، رىشات ھاجىنىڭ ئابدۇۋەلى ھاجىغا ئىككى يىل ئاۋۋال مال ئۈچۈن ئەۋەتكەن 10 مىڭ سوم پۇل، ساقچىلار تەرىپىدىن «تېررورچىلارغا ماددىي ياردەم بېرىش» دەپ قارالغان. ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رەيھاننىسا ئانا مەزكۇر مەكتۇپتىكى بۇ ئۇچۇرلارنىڭمۇ توغرىلىقىنى دەلىللىدى، ئاتۇشتىكى ساقچىلار بولسا بۇ تېمىدا گەپ قىلىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

مەكتۇپتىكى ئۇچۇرلاردىن ۋە رەيھاننىساخان ئانىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇن رىشات ھاجىنىڭ ئاكىسى ئابدۇۋەلى ھاجى ئۈرۈمچىدە تۈركىيە كىيىملىرى دۇكىنى ئاچقان بولۇپ، ئۇ تۈركىيەگە يېقىنقى 5-6 يىلدىن بۇيان پات-پات بېرىپ‏-كېلىپ سودا قىلغان. ئۇ ئاخىرقى قېتىم بۇلتۇر 10‏-ئايدا تۈركىيەگە كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر بولمىغان. ئۇ تۈركىيەگە چىقىپ كېتىپ 15 كۈندىن كېيىن مەزكۇر ئائىلە ئەزالىرى تەقىب ۋە تەھدىتكە ئۇچراشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىمىزدىكى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە تۇتقۇن رىشات ھاجى ئۈستىدىن سوت ئېچىلىدۇ. سوتتا ئۇنىڭ 2 يىل ئاۋۋال ئاكىسىغا مال سېلىش ئۈچۈن 10 مىڭ سوم پۇل ئەۋەتكىنىدىن باشقا، يەنە نېمىلەرنىڭ دېيىلىدىغانلىقى ۋە سوتنىڭ قانداق خۇلاسىلىنىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.