قەشقەر سوت مەھكىمىسىنىڭ يېقىندا ساقال ۋە ھىجاپلىق بىر جۈپ ئۇيغۇر ئەر-ئايالنى ئايرىم-ئايرىم 6 يىللىق ۋە 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى، دۇنيادىكى بارلىق چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىندى. مەزكۇر ۋەقە دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
قەشقەر سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، ئۆكتىچى ۋە بەزى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، بۇ، جىسمانىي قىياپەتكە قارىتىلغان ھۇجۇم، دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى.
بىراق خىتاينىڭ بەزى ھۆكۈمەت مۇتەخەسسىسلىرى، بۇ تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، بۇ خىل دىنىي كىيىم-كېچەكلەرنىڭ تېررورلۇق كەيپىيات پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا، ئۇنى چەكلەش توغرا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سوتنىڭ قارارىنى قوللىغان خىتاي ھۆكۈمەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى، بېيجىڭلىق ئۇيغۇر مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى جياڭ ياۋيۇڭ.
ئۇ يېقىندا، خوڭكوڭ «ئەينەك» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، ھىجاپ، بۇرقا، ساقال قاتارلىق كۈچلۈك دىنىي ئاشقۇنلۇق تۈسىگە ئىگە كىيىم-كېچەكلەر. ئۇنى كىيىش بىر خىل تېررورلۇق كەيپىياتى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئاممىۋى سورۇنلاردا بۇ خىل كىيىم-كېچەكلەرنى چەكلەش ئەيىبلىگۈدەك نەرسە ئەمەس، دېگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل كىيىم، كېچەك ۋە قىياپەتلەر دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىر خىل تۈرى، شۇڭا، ئۇ ئاممىۋىي سورۇنلاردا قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى كېرەك. بىراق قەشقەر سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى ئۇيغۇر ئىلىدە كىشىلەرنىڭ جىسمانىي تۇرقىي ۋە قىياپەت ئەركىنلىكىنىڭ چەك-چېگرىسى قەيەرگىچىلىك، دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى.
ئامېرىكا نيۇيورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، قەشقەر سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنىڭ ئاقلىغۇدەك ھېچقانداق تەرىپى يوق. كىشىگە ساقىلى، ياغلىقى سەۋەبلىك قاماق جازاسى بېرىش، كىشىنىڭ جىسمانىي تۇرقىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقتۇر.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ شەخسنىڭ كىيىم-كېچىكىگە ئارىلاشقانلىق. بىز مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ چۈمبىلىگە ئارىلاشقانلىقىنى كۆردۇق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى سېنىڭ چۈمبىلىڭنى ئېلىۋېتىشىمىز، سېنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش، دەيدۇ. ئەركەكلەرنىڭ بولسا جىسمانىي تۇرقى كىيىم-كېچەك ۋە ياكى ساقىلىغا ئارىلاشتى. لېكىن مېنىڭچە، رېئاللىق شۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھوقۇقدارلىق، ھوقۇق مەركەزىيەتچىلىك تۈسىنى ئېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ھەرىكىتى شەخسلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قەدەر كېڭەيمەكتە. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بىئولوگىيىلىك كونتروللۇقى كىشىنىڭ جىسمانىيىتىگە قاراپ ماڭدى. بۇ تىپىك دۆلەت قانۇنىنىڭ چەكسىز كېڭىيىشىدۇر. ئۇنىڭ مەقسىتى، سېنىڭ ھەرىكىتىڭنى كونترول قىلىپلا قالماي، سېنىڭ ئىدىيەڭنى كونترول قىلىش ئىدى. بىراق ھازىر بولسا ئۇ، سېنىڭ جىسمانىي تۇرقۇڭنى كونترول قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»
پروفېسسور شيا مىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، جياڭ ياۋيۇڭنىڭ قەشقەردىكى سوت توغرىلىق قىلغان سۆزى دېموكراتىك ئەللەردىكى زىيالىيلار بىلەن دىكتاتور دۆلەتلەردىكى زىيالىيلارنىڭ پىكىر قىلىش جەھەتتىكى تۈپ پەرقىنى نامايان قىلىپ بەرگەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىن ھوقۇق مەركەزلەشكەن دىكتاتور دۆلەتلەر بىلەن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تۈپ پەرقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتلەردىكى زىيالىيلار بىلەن بېكىنمە، ئىستىبدات دۆلەتلەردىكى زىيالىيلارنىڭ پەرقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈپ پەرق شۇ، دېموكراتتىك ئەللەردە جەمئىيەت دۆلەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. يەنى دۆلەت مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى بىزنىڭ مەھەللىمىز، بىزنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىمىز، بىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىز، ئائىلە، مائارىپ مەسىلىمىز، كارخانا ۋە پۇقرالار.
دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى ئۇلارنى قوغداش، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە تونۇشلارنى مۇرەسسە قىلىش. بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلام ۋە ئېلېمېنتلىرىنىڭ تىنچ بىرگە ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. بۇ بىز دېموكراتتىك دۆلەتلەردىكى تۈپ مۇناسىۋەت. بىراق جۇڭگو مەسىلىگە ئۇنداق قارىمايدۇ. ئۇ جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئېلېمېنتلىرىغا دۆلەتچىلىك نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا، ئىجتىمائىي ئېلېمېنتلار جۇڭگودا مەمۇرىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تۇنجۇقتۇرۇلۇپ، دۆلەت ھەممە نەرسىگە ئىگە بۆلىۋالغان.
ھازىر بولسا ئۇ دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇۋاتىدۇ. يېقىندا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە بۇنىڭ تىپىك مىسالى. بۇ ۋەقەنىڭ ماھىيىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي توقۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، خالاس.
لېكىن خىتاينىڭ «شىنجاڭ مۇتەخەسسىسى» جياڭ ياۋيۇڭ «ئەينەك» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئىلىدا، بولۇپمۇ قەشقەردە ئاياللارنىڭ جىلباپ كىيىشى، ئەركەكلەرنىڭ ساقال قويۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ئادىتى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل قىياپەت ئۇيغۇرلارغا ئوتتۇرا شەرقتىكى رادىكال ئىسلامى گۇرۇھلاردىن تارقالغانىكەن.
ئۇ، «بۇ خىل غەيرىي كىيىملەر دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ بەلگىسى» دەپ كۆرسىتىپ، «بۇ خىل كۈچلۈك دىنىي تۈسكە ئىگە ئالامەتلەر ئاممىۋى تۇرمۇش تەرتىپىگە بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، تېررورلۇق كەيپىيات پەيدا قىلىدۇ» دېگەن.
لېكىن پروفېسسور شيا مىڭ جياڭ ياۋيۇڭنىڭ پىكرىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئۆزى بىر خىل ئاشقۇنلۇق، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا قوللانغان تەدبىرلىرىنىڭ ئۆزى بىر خىل ئاشقۇنلۇقكەن. ئۇ بۇنى دۆلەت رادىكالىزم، دەپ كۆرسەتتى.
شيا مىڭ: «جۇڭگو كومپارتىيەسى ئەمەلىيەتتە ئاشقۇنلۇق ئارقىلىق دۆلەت باشقۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ بۇنىڭدا ماركسىزم، ماۋ زېدۇڭ، شى جىنپىڭ ۋە ماۋ زېدۇڭنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ۋاسىتىلىرىنى قوللاندى. لېكىن ئۇ رادىكاللىق بىلەن بىرگە يەنە، تېررورلۇقنى قوللاندى. نېمىشقا دېگەندە ئۇ شىنجاڭلىقلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇپ، قانۇن تۈزۈمنى چەتكە قايرىپ قويدى. ئۇ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقىرىپ قىرغىن قىلسا بولىدىغان بولدى. ئۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قوراللىق ساقچىلارنى سالسا بولىدۇ. ئۇلار يەنە خەنزۇلارغا ئوخشاشلا قورال ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى دۆلەت تېررورلۇقىدۇر.»
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھازىرقى تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق ھەرىكىتىگە دەرھال خاتىمە بېرىپ، ھەر قايسى مىللەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدىكى خەلقلەر بىلەن يارىشىش يولىغا مېڭىشى كېرەك. بولمىسا خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلۇق ۋە دۆلەت رادىكالىزملىق خائىشى ئۇنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: «نېمىشقا؟ چۈنكى، دۆلەت تېررورلۇقى ۋە دۆلەت رادىكالىزمى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ياقامدۇ؟ خوڭكوڭدا خەلقنىڭ مەركەزنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتى بار. بۇ خىل ھەرىكەت تەيۋەنلىكلەر ئۈچۈن ئوخشاشلا قورقۇنچلۇق. تەيۋەنلىكلەرنىڭ قۇياش ھەرىكىتى بار. بۇ يەنە، تىبەتلەرنى بىئارام قىلىدۇ. ئۇلاردىكى مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا شىنجاڭلىقلار مۇستەقىللىق تەلىپىنى تېخىمۇ قاتتىق ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا، ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىنى كومپارتىيە پەيدا قىلىۋاتىدۇ.
قەشقەردە بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ساقال ۋە ھىجاپ سەۋەبلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەڭ بۇرۇن «شىنجاڭ ئىقتىسادى گېزىتى» خەۋەر قىلغان. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ خەۋەر خىتاي تور بەتلىرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. ئارقىدىنلا نامسىز بىر مۇخبىر توردا كەچۈرۈم سوراش خېتى ئېلان قىلىپ، بۇ خەۋەر توغرا پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ يېزىلمىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.