گۇمىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان ئاخباراتلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاقىۋەتنى تالاش-تارتىش قىلىشتى. ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە ئاسىيا تەتقىقات بۆلۈم مۇدىرى پروفېسسور شان روبېرتىس ئەپەندى زىيارىتىمىز داۋامىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنى «ساقچى دۆلىتى» سېستىمىسى بىلەن ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا قوراللىق كۈچ كۆرسىتىپ، ھەيۋە قىلىش، ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپات ئېلان قىلىش، ئاپتوموبىللارغا ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى گ پ س ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەجبۇرىي ھالدا ئىجرا قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئارقا-ئارقىلاپ ئېلان قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىماقتا. بىراق، يۇقىرىدىكى بۇ تەدبىرلەرنى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر چېكىدىن ئاشقان ساقچى دۆلىتى سېستىمىسىغا ئوخشىتىپ، بۇنى تېررورلۇق پەيدا قىلىۋاتقان مەنبە، دەپ كۆرسەتمەكتە.
بۇ ھەقتە «تىنچ ئوكيان ئۆلچەملىرى» ناملىق خەۋەرلەر تورىدا «خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ساقچى دۆلىتى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە ئاسىيا تەتقىقات بۆلۈم مۇدىرى پروفېسسور شان روبېرتىس ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىسىگە يەر بېرىلگەن. شان روبېرتس ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرقى پەن-تېخنىكىنىڭ بارلىق ئىمكانلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ بىر ساقچى دۆلىتى سېستىمىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بىز شان روبېرتس ئەپەندىنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى «ساقچى دۆلىتى» گە ئوخشىتىشىدىكى سەۋەبنى سورىدۇق. ئۇ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەبنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەقىب قىلىش، كۆزىتىش تەدبىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ : «ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان تەقىب قىلىش، كۆزىتىش ھەرىكىتى خىتاينىڭ باشقا ھېچقانداق يېرىدە يوق. مەنچە بۇنى پۈتكۈل خىتاي ئۈچۈن بىر يامان ئىشارەت دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەدبىرلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدا سىناق قىلىۋاتقان بولۇشى ۋە بۇنى كېيىن مەملىكەت مىقياسىغا ئومۇملاشتۇرۇشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلىدىكى ئۆكتىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ بارلىق ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ كۆزىتىش ئىشلىرى دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىمۇ بار دېيىشكە بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجرا قىلىۋاتقىنى ئىنتايىن زالىملارچە» دېدى.
دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يېڭى پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگو كەلگەندىن بېرى يەنە زور دەرىجىدە چىڭىتىلىپ، پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش، بارماق ئىزى ئېلىش، بىر قىسىم يەرلىك ئورۇنلاردا يەنە پىچاق سېتىۋالغاندا ئۆز ئىسمىنى قوللىنىش، پىچاق ئۈستىگە ئىسىمىنى ئويۇش دېگەنگە ئوخشاش چېكىدىن ئاشقان تەقىبلەش ئاماللىرى يولغا قويۇلغان ئىدى. يۇقىرىدىكى «تىنچ ئوكيان ئۆلچەملىرى» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدىمۇ يۇقىرىدىكىلەر تىلغا ئېلىنغان. ژۇرنال بۇ ھەقتە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجەسكىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئالغان بولۇپ، ئۇ بۇ تۈزۈملەرنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى، چۈنكى ھازىرغىچە قوللىنىلغان بۇ تېخنىكا ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىقىغا ئائىت بىر كونكرېت ئىسپات يوقلۇقىنى ئېيتقان.
شان روبېرتس ئەپەندىمۇ بىزگە قىلغان سۆزىدە، بۇ خىلدىكى تەدبىرلەر ئارقىلىق مۇقىملىق ياراتقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى : «مەنچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىم، بولۇپمۇ دىندار ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىمى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئۇسۇللار، ئۇيغۇرلارنى جەمئىيەتنىڭ قوينىغا ئەكىرىشتىن بەك، ئۇلارنى تېخىمۇ ياتلاشتۇرۇش، چەتكە قېقىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇنداق ھەرىكەتلەر ئۇيغۇرلارغا "سىلەر باشقىلار بىلەن باراۋەر ئەمەس" دېگەن سېگنالنى بېرىدۇ.»
شان روبېرتس ئەپەندى تىنچ ئوكيان ئۆلچەملىرى ژۇرنىلىدىكى سۆزىدە 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىنى تاشلاپ چەتئەللەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ رادىكال گۇرۇپپىلار ئۈچۈن سۈرىيەدە ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى مىسالغا ئېلىپ تۇرۇپ «نەتىجىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرنىڭ قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشىگە يۈزلەندۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭمۇ بېسىمى ئارتىۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ بىر خەتەرلىك چەمبىرەك ھالىتىنى شەكىللەندۈردى» دېگەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بولسا يۇقىرىدىكى ئايىقى چىقمايدىغان تۇيۇق يولنى خىتاي ھۆكۈمىتى خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ ھەپتە ئىچىدە «دېپلومات ژۇرنىلى» قاتارلىق خەۋەر تورلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەردىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت تەسۋىرلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قولى بىلەن تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شان روبېرتېس ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىددىيلىكنى پەسەيتىشتىكى بىردىن-بىر ئۇسۇلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش، ئۇلارغا سىياسىي ھوقۇقلىرىنى بېرىش، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ : «مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن 1980-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدا ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا بىر قىسىم ئەركىنلىشىش بولغان. جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت قاتارلىق جايلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نۇرغۇن ئەمەلىي ھوقۇق بېرىلگەن. ھەققىي ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈش تىرىشچانلىقلىرى بولغان. مەنچە بۇ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىردىن-بىر يول. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تەرەققىيات سىياسەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، بۇ تەرەققىيات سىياسىتى يەرلىكنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. چۈنكى، قارار مەركەزدىن كەلگەن. ئۇ يەرلىكنىڭ مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. بۇ تەرەققىيات سىياسىتىدىن، مەبلەغدىنمۇ يەنىلا خىتايلارنىڭ، خىتاي شېركەتلىرىنىڭ پايدا ئالغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭا بۇ بىر چارە ئەمەس، ھازىرقى دۇنيادىكى ئېقىمغا قارايدىغان بولساق، تەرەققىيات شۇ يەرلىك خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا، ئۇلارنىڭ پىكرى، ئاۋازى ھېسابقا قېتىلغاندا ئاندىن ئۈنۈم بېرىدۇ. شۇڭا خىتاي بۇنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك» دېدى. ئەمما ئۇ يەنە، قوشۇمچە قىلىپ يۇقىرىدىكىلەرنى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئاللىقاچان ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن تۈرمىگە ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى يېڭى، ياش رەھبەرلىرىنىڭ ھازىرقىلاردىن پەرقلىق يول تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00