بۇنىڭدىن 3 ئاي ئاۋۋال يەنى، 2013-يىلى 2-سېنتەبىر كېچىسى، خوتەن ناھىيىسى تەۋەككۈل يېزىلىق دوختۇرخانىدا ساقچىنىڭ دوختۇرغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خىتاي ساقچى خادىمى، ئوكۇل سېلىپ قويۇشنى رەت قىلغان دوختۇر ئابدۇلېتىپكە قارىتىپ ئوق چىقارغان. بەختكە يارىشا ئوق ئابدۇلېتىپكە تەگمىگەن.
بىراق، ئابدۇلېتىپ ئوق چىقارغان ساقچىنى يېزا رەھبەرلىرىگە ئەرز قىلىپ تاياق يېگەن. ساقچى پونكىتىنىڭ خىتاي سىياسىي يېتەكچىسى يېزىدىكى باشقا خىتاي كادىرلار بىلەن بىرلىشىپ، ئابدۇلېتىپ ئابدۇۋارىسنى يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىدا ئۇرغان. يەرلىك ئاھالە توپلىنىپ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرسە، ساقچىلار ئاسمانغا ئوق چىقارغان ئىدى. ئابدۇلېتىپ ئېغىر روھىي ۋە جىسمانىي زەخىمىگە ئۇچراپ ئەرز قىلغان.
ھالبۇكى، دائىرىلەر ۋەقەگە چېتىشلىق ساقچى ۋە سىياسىي يېتەكچىنى باشقا ئورۇنغا يۆتكەپ كېتىپ، ئابدۇلېتىپتىن ئەپۇ سوراشنى رەت قىلغان. ئابدۇلېتىپ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، توردا چاقىرىق ئېلان قىلدى.
دوختۇر ئابدۇلېتىپ ئابدۇۋارىس توردا ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، خىتاي دائىرىلىرىنى دوختۇر ۋە تېببىي خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى. ئېغزىغا ماسكا تارتىپ، ئۇچىسىغا ئاق خالات كىيىۋالغان ئابدۇلېتىپنىڭ قولىدا «مەركەزنىڭ يېڭى رەھبەرلىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلسۇن» دېگەن خەت يېزىلغان تاختاينى كۆتۈرۈپ، تەۋەككۈل يېزىلىق دوختۇرخانا ئالدىدا چۈشكەن رەسىمى «ئۇيغۇربىز» تورىدا ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر تورنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئابدۇلېتىپ يەنە، ئۆزىنىڭ يېقىندا قەرەلسىز ئىش تاشلاپ، نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى، ئۆزىگە ھەقسىز ئادۋوكات تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يەرلىك دائىرىلەر ئۇنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تەقدىرى چەتئەلدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي، بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش نامىدا ساقچىلارغا زور ھوقۇق بېرىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە كونترولسىز كۈچكە ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى، دەپ كۆرسىتىپ، بۇ ئۇيغۇر جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
دوختۇر ئابدۇلېتىپنىڭ توردا خىتاي دائىرىلىرىنى كىشىلىك بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىشى، لوپ ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتى مۇتەللىپ ئىمىننىڭ ئۆتكەن يىلى 1-دېكابىر «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى »چوڭ يولدا تاختاي كۆتۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن يەنە بىر ھوقۇق تەلەپ قىلىش ۋەقەسى.
مۇتەللىپ ئىمىن، ئۆزىنىڭ 79 كۈن سولاپ قويۇلۇپ، پاسپورت، كىملىك ۋە كومپيۇتېر قاتارلىق شەخسى ئەشيالىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
نۇرمەمەت مۇساباينىڭ قارىشىچە، بۇ كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن ئۆزىنى قوغداشتىكى ياخشى يۈزلىنىش.
بىز ۋەقەنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تەۋەككۈل يېزىلىق دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفوننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى.
بىز يەنە، تەۋەككۈل يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق. لېكىن ساقچى پونكىتىدىكى خادىملار بۇ ۋەقەنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
بىر خىتاي ساقچى «كەچۈرىسىز، بىز بۇنداق بىر ئىشنى بىلمەيمىز، مەن بۇ ئىشنى بىلمەيمەن، مەن يېقىندا كەلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىشلارنى سوراپ تېلېفون قىلماڭ» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. بىز يەنە، ساقچىخانا باشلىقىغا ئۇلاندۇق. بىراق ساقچىخانا باشلىقى ئوخشاشلا سوئالىمىزغا جاۋابسىز قويدى.
ھالبۇكى، مەزكۇر ساقچىخانا باشلىقى ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ، ۋەقە سادىر قىلغان ساقچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەرمىگەن ئىدى.
بىراق ئابدۇلېتىپنىڭ قەيت قىلىشىچە، دائىرىلەر ئۇنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلمىغان. نەتىجىدە ئۇ، خىتاي سەھىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاش، ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ، توردا بۇ چاقىرىقنى ئېلان قىلغان. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇنىڭ بۇ قارارغا كېلىشىدە ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارىنىڭ ئوق چىقارغان ساقچىنى ئاقلىشى، ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بۇ ۋەقەنى سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى مۇھىم رول ئوينىغان.
ئابدۇلېتىپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئۆتكەن يىلى 10-دېكابىر خوتەن ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى بىلەن كۆرۈشكەندە، پارتكوم سېكرېتارى «ساقچىنىڭ ئوق چىقارغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ» دېگەن.
مەسلەن، بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەسئۇل بولغان. مەزكۇر ئورگان ئالدىدا مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇپ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، بىراق كېيىنرەك بۇ دېلو سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بولسا ئابدۇلېتىپقا تەھدىت سالغان. بۇ ۋەقەنىڭ نېمە ئۈچۈن سىياسىي كېڭەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى مەجھۇل.
بىراق، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ سىياسىي كېڭەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى، دائىرىلەرنىڭ بۇ ھادىسىنى ئېغىر ئىنتىزام مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى خەلق ئىچىدىكى نورمال ئىختىلاپ ئورنىدا بىر تەرەپ قىلىش نىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. نۇرمەمەت مۇساباي، دائىرىلەرنىڭ ساقچى سادىر قىلغان زوراۋانلىققا كۆز يۇمۇشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەسلىدىنلا ئىنتايىن كەسكىن نارازىلىق ۋە غەزەپ نەپرەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دائىرىلەر ئۇنىڭغا ۋەقەگە چېتىشلىق ئىككى خىتاي ساقچىنىڭ خىزمىتىدىن توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنى ساقچىلار بىلەن بىرلىشىپ ئۇرغان ئىككى خىتاي يېزا كادىرىغا ھېچقانداق جازا بېرىلمىگەن. ئۇلارنىڭ بىرى داۋاملىق بۇ يېزىدا ئىشلەپ كېلىۋاتقان بولسا، يەنە بىرى باشقا بىر يېزىغا يۆتكىلىپ كەتكەن.
بۇ ۋەقە ئۇنىڭغا ئېغىر جىسمانىي، روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ زىققە ۋە نېرۋا كېسىلىنى قوزغىۋەتكەن. ئۇنىڭ سالامەتلىكى داۋاملىق ناچارلىشىپ، خىتاينىڭ 2014 -يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان.
ئۇ «ئۇيغۇربىز» تورىغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ مۇشۇ ۋەقە سەۋەبلىك ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.