ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا، بولۇپمۇ سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ سەزگۈر رايونلارنىڭ بىرى بولغان خوتەن ۋىلايىتىدە بۇ يىل فېۋرالدىن باشلاپ تۈركۈملەپ ياردەمچى ساقچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى مەلۇم.
رادىيومىزنىڭ خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، «24 سائەت ئىشلەپ 24 سائەت دەم ئېلىش» تەك خىزمەت بەلگىلىمىسى بىلەن قوبۇل قىلىنغان ياردەمچى ساقچىلار يېقىنقى ئۈچ-تۆت ئايدىن بۇيان دەم ئالالمىغان.
كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىلىق ساقچىخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر رەسمىي ساقچى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئۇدا 48 سائەت يېزا-بازارلارنى چارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر ساقچىمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېزا-كەنتلەردىكى تەكشۈرۈش توساقلىرىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ياردەمچى ساقچىلارنىڭ بىر قىسمى يېقىندىن بۇيان ئىستېپا بېرىشكە باشلىغان.
سىيەك ساقچىخانىسىدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر ياردەمچى ساقچىمۇ ئۆزىنىڭ ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلەۋاتقىلى 4 ئايدىن ئاشقانلىقىنى، بۇ جەرياندا بىر كۈنمۇ دەم ئېلىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ، ياردەمچى ساقچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالىدىن شىكايەت قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خوتەن يېزىلىرى خىتايچە «گاڭپېڭ» دېيىلىدىغان، ئەمما ئۇيغۇرچىغا «خەلققە قولايلىق ساقچى مۇلازىمەت پونكىتى» دەپ تەرجىمە قىلىنىۋاتقان تەكشۈرۈش توساقلىرى بىلەن تورلاشتۇرۇلغان ئىكەن.
بۇ يەردە كېچە-كۈندۈز نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ياردەمچى ساقچىلار بىر تەرەپتىن ئېغىر خىزمەت بېسىمى ۋە چارچاش سەۋەبىدىن ھالىدىن كەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خىتاي باشلىقلىرىنىڭ خورلىشى ۋە بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايدىكەن.