خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» باھانىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكلەش، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە، ئەزەلدىنلا قانۇنىي ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى دەخلى-تاۋۇزغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يەنىمۇ زور دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ھەتتا بۇنى ساقچىلارمۇ دەلىللىدى. ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى، تۈرمىلەر، ساقچىخانىلارغا ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر قىز، ئاياللىرىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقىمۇ ئاشكارىلانماقتا.
گەرچە بۇ، خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇنىغا ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ، خاراكتېرى ئېغىر بولغان بىر مەسىلە بولسىمۇ، ھالبۇكى، مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدا بولسۇن ياكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دەۋاسىدا بولسۇن، كۈن تەرتىپكە كىرگەن جىددىي بىر ئايرىم مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. مەزكۇر مەسىلىنىڭ خەلقئاراغا جىددىي تۈردە ئاڭلىتىلىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان سەۋەبلەر نېمە؟
ئىنكاسلاردىن ۋە مەلۇماتلاردىن، يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش دېگەن شوئارلار ئاستىدا ئىجرا قىلىۋاتقان چەكلەش سىياسەت تەدبىرلىرى بىلەن، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پەقەت ھىجابلانغانلىقى ۋە ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىگەن دائىرىدە كىيىنگەنلىكى ئۈچۈنلا قارا قويۇق تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى، ساقچىخانىلارغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن بولسا، ساقچىلارنىڭ نامۇۋاپىق قاتتىق مۇئامىلىسى، تەھدىت، قورقۇتۇش، ھەتتا ئىززەت ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلىشلارغا ئۇچرايدىغانلىقىدەك ئەھۋاللارمۇ ئاشكارىلانماقتا.
يېقىندا بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئىنكاس قىلغۇچىلار، ئۆزىنىڭ ساقچىخانا ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا قىز، ئاياللارنىڭ ھىجاپلىرىنىڭ ئەر ساقچىلار تەرىپىدىن قوپاللىق بىلەن يۇلۇپ تاشلىنىپ، كىيىملىرىنىڭ، بەدىنىنىڭ مەجبۇرىي ئاختۇرۇلۇپ تۈرلۈك زورلۇق-زومبۇلۇقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى، بۇ خىل ئىنكاسلارنى دەلىللەش يۈزىسىدىن، خوتەننىڭ لوپ ناھىيىلىك ساقچىخانىسىغا تېلېفون ئۇلىدۇق، ئىسمىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئۆزىنى مۇشۇ ساقچىخانىنىڭ مەسئۇل ساقچىسى دېگەن بىرىنىڭ بايانلىرى، ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ، بولۇپمۇ دىنىي سەۋەبلەر بىلەن گۇمانلىنىپ تۇتۇلغان ئاياللارنىڭ ھەقىقەتەن ئىنكاسلاردا دېيىلگەندەك زورلۇق-زومبۇلۇققا ئۇچرايدىغانلىقىنى دەلىللىدى:
-ساقچىخانىغا بىرەر ئايالنى تۇتۇپ كەلسەڭلار، مەسىلەن، ياغلىق چەككەن ياكى چەكلىمىگە بويسۇنمىغانلارنى ھەر قانداق ساقچى ئاختۇرسا بولۇۋېرەمدۇ؟
-مەسلىھەت سورايدىغان يەر ئەمەس يا، بۇ، پەيچۇسو، ساقچىخانا بۇ، ھە، كىمسىز؟ مەن بىر ئوقۇي ھە ماقۇما؟
-مەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى.
-قاراڭ، ھەر قانداق ساقچى، مەسىلەن، پەيچۇسودا ئايال ساقچى بولمىغان ۋاقىتتا ئامال يوق، پەيچۇسودا ئاختۇرۇپ سولىمىساق، يانچۇقىدا بومبا، پىچاق بىرمە بوپ قالسا، بىزگە خەتىرى يېتىدۇ، شۇڭا ئاختۇرۇمىز.
-لېكىن قانۇن بويىچە ئاياللارنى ئۇنداق ئاختۇرۇشقا بولمايدىكەنغۇ؟
-ئەمىسە، سىز كېلىپ ئاختۇرۇپ بېرىڭ، ماقۇما بولمىسا....
-بۇنداق قىلساڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولمامدۇ؟ سىز ئاختۇرۇۋېرەمسىز ئايال كىشىنى تۇتۇۋالسىڭىز؟
-يالغۇز ئاختۇرسا بولمايدۇ، يېنىدا ئادەم بار ۋاقتىدا ئاختۇرىدىغان گەپ، مەن بولسام جەنكۇڭنى، شېشاڭتونى قالىتىپ قوياپ ئاختۇرىمەن.
-قانۇن سۈرۈشتە قىلامدۇ، ساقچىنىڭ ئاشۇنداق قانۇنسىز قىلمىشىنى؟
-فايۇەنگىمۇ ياكى جەنسايۇەنگىمۇ بېرىپ سوراپ بېقىڭ، مەن بىلمەيمەن.
-بەلگىلىمىدە ئېنىق بارمۇ؟
-بەلگىلىمىدە ئايال كىشىنى ئاختۇرسا بولمايدۇ دەپ گەپ يوق، جىق گەپ بار ئۇنىڭدا.
-قانداق گەپ بار؟ قانۇنلۇق ھوقۇقىمىزنى بىلىۋالايلى.
-مېنىڭ سىزگە قانۇندىن جاۋاب بەرگۈدەك ساۋاتىم يوق جۇما، ساۋاتسىز مەن. كىم سىز، نەدىن تېلېفون ئۇردىڭىز سىز ھازىر؟
-ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن.
بۇ ساقچى ئېنىقسىز بىر نېمىلەرنى دەپلا تېلېفوننى ئۈزدى.
بىز، ئوخشاش سوئالنى يەنە خوتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن سورىدۇق.
-بۇ ساقچىخانىمۇ؟
-ھە ساقچىخانا ئىشخانىسى.
-ئاياللار تۇتۇلغاندا ھەر قانداق ساقچى ئاختۇرسا بولۇۋېرەمدۇ ياكى ئايال ساقچىلار ئاختۇرۇشى كېرەكمۇ؟
-ئايال كىشىنى چوقۇم ئايال ساقچى ئاختۇرۇشى كېرەك.
-ئەگەردە بىر ئايال شۇنداق ساقچىلارنىڭ مەجبۇرىي ئاختۇرۇشىغا ئۇچرىغان بولسا، ئەرز قىلسا بولامدۇ؟ ساقچىغا قانداق جازا قوللىنىسىلەر؟
-بۇنى باشلىقتىن سوراڭ جۇمۇ...(تېلېفون ئۈزۈۋېتىلدى)
ئايال گۇماندارلارنى ئاختۇرۇش ۋە ئۇلارنى سوراق قىلىشقا ئائىت بەلگىلىمىلەر ھەققىدە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىدىن قانائەتلىك جاۋاب ئالالمىغانلىقتىن، بىز يەنە تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان سابىق ئۇيغۇر ساقچى ئۆمەرجان ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلدۇق. ئۆمەرجان ئەپەندى ئەسلى خىتاينىڭ بېكىتكەن قانۇن، بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەر ساقچىلارنىڭ ئايال گۇماندارلارنى ئاختۇرۇشى چەكلەنگەنلىكى، ئاياللا ئەمەس، ھەر قانداق بىر گۇماندارنىڭ بىردىن ئارتۇق ساقچى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىشى، باشقا قانۇن، تەرتىپلەردىمۇ شۇنداق بەلگىلىمە بارلىقىنى، ئەمما بۇ ھېچبىر قانۇنى ئادىل ئىجرا قىلىنمايدىغان خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا قانۇن ياكى ساقچى تارماقلىرىنىڭ ھېچقاچان بۇ خىل قانۇن تۈزۈملەرگە رىئايە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ھەر قانداق گۇمان بىلەن تۇتۇلغان ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ئوخشاش ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىدىغانلىقىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئاياللارنىڭ قانۇنىي ساۋاتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى بىلمەسلىكى، ئىززەت-ئابرۇيىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشى، قانۇننىڭ ئادالىتىدىن ئۈمىدى يوقلۇقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن، بۇ خىل خورلۇقلارغا ئۇچرىغاندا دەردىنى ئىچىگە سېلىپلا سۈكۈت قىلىدىغانلىقى، دەل ئاياللارنىڭ بۇ خىل پسىخىكىسىدىن پايدىلانغان ساقچىلارنىڭ ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىپ، قانۇنسىز قىلمىشلارنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇر قىز، ئاياللىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق مۇئامىلە، تەھدىتكىلا ئەمەس، تۈرلۈك شەكىللەردە دەپسەندىچىلىككە ئۇچرايدىغانلىقى دەلىللەنگەن، ھەممىگە مەلۇم بولغان ۋە ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك نارازىلىق ھەتتا غەزەپ پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ، نېمە سەۋەبتىن باشقا مەسىلىلەرگە ئوخشاش كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىيالمايدۇ؟ ھەتتا قىز، ئاياللارنىڭ غۇرۇرىغا، نومۇسىغا تېگىدىغان، جىسمانىي جەھەتتىنمۇ قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك مەسىلىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ توغرا ئاڭلاتقىلى بولىدۇ؟
بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈلمىرە زۇنۇن خانىم، بۇ خىلدىكى ئىنكاس ۋە مەسىلىلەرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغىمۇ مەلۇم بولغان بىر ئېغىر مەسىلە بولسىمۇ، ئۇنى خەلقئاراغا جىددىي تۈردە ئاڭلىتىشتا پاكىت يېتەرلىك بولماسلىقتەك توسالغۇلار مەۋجۇت ئىكەنلىكى بىلدۈردى. گۈلمىرە خانىم يەنە، ئەگەر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمىغاندا، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەق-ھوقۇقىدىن سۆز ئېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، خەلقئاراغا مەسىلىنى ئىسپاتلىق ئاڭلاتماي تۇرۇپ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق تۈردە بۇ خىل دەپسەندىچىكلەرگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارنىڭمۇ ۋە ئۇلارنىڭ شاھىدلىرىنىڭمۇ سۈكۈت قىلىشنى تاللىماسلىقىنى، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى ياخشى بىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەتلىك بولۇشىنى تەۋسىيە قىلدى.