رادىيومىزغا كەلگەن بىر قىسىم ئىنكاسلاردا دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ قالايمىقان قولغا ئېلىشى ۋە مەجبۇرىي ئاختۇرۇشى سەۋەبلىك، تۈرلۈك شەكىلدە خورلۇققا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىز مەلۇم نەتىجىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىنىڭ ساقچى ئورۇنلىرىدا جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى دەلىللىيەلمىدۇق.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خانىم قىزلارنى ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلمىغان ئاساستا ئاختۇرۇش، ھىجاب-روماللىرىنى مەجبۇرەن يۇلۇپ ئىلىۋېتىشنىڭ ئۆزىمۇ، ئۇلاردا چەكسىز روھىي ئاسارەت قالدۇرىدىكەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى جەمئىيەت ۋە قانۇن سىستېمىسىدا ئاياللار ھوقۇقى تېگىشلىك قوغدالمىغانلىقى ئۈچۈن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار يەنىلا ياردەمسىز قالماقتا ئىكەن.
بۇنداق ئەھۋالدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللار قانداق قىلىپ بۇ خىل خورلۇق ئېلىپ كەلگەن روھىي ئازابنى يېڭىشى ۋە قانداق ئورۇنلاردىن ياردەم سورىشى كېرەك؟
بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا مۇشۇ خىل مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن ئاياللارغا روھىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى قىلىپ كېلىۋاتقان كانادادىكى رۇقىيە تۇردۇش خانىم مەسلىھەتلەر بېرىدۇ.
ئۇيغۇر قىز-ئاياللارنىڭ تۈرمىلەردە، ئادەتتىكى سولاقخانىلاردىمۇ خورلۇقلارغا دۇچار بولىدىغانلىقىغا شاھىت بولغان بىرى، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى يامالىق ساقچىخانىسىدا 3 كۈنچە قامىلىپ، سوراققا تارتىلىش جەريانىدا، ھىجابلىق ياش ئۇيغۇر قىز-ئاياللارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن سۆرەپ سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىپ كېتىلگەنلىكىنى، بىر قانچە سائەتلەرچە ئۇلارنىڭ قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنغان ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلىنىپ تۇرغانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا بۇ بىگۇناھ قىزلارنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان، قورقۇپ كەتكەن بىچارە قىياپەتلەردە چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغانلىقىنى يەتكۈزگەن ئىدى.
بىرى ھەتتا ئۇيغۇر قىز-ئاياللارنىڭ بۇ خىل خورلۇققا ئايروپورتلاردىمۇ ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىق سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى، ساقچىخانىلارغا ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئەر ساقچىلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئاختۇرۇلىدىغانلىقىنى ھەتتا ساقچىلارمۇ دەلىللىگەن.
ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق مۇئامىلە، تەھدىتكىلا ئەمەس، تۈرلۈك شەكىللەردە دەپسەندىچىلىككە ئۇچرايدىغانلىقى خاراكتېرى ئېغىر بولغان بىر مەسىلە بولسىمۇ ھالبۇكى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار كۆپىنچە ھالدا سۈكۈت قىلىدىغان بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىنكى ئۇلاردا پەيدا بولىدىغان يالغۇزلۇق، غەزەپ-نەپرەت ئۇلارنى يەنە تۈرلۈك بېسىم ۋە روھىي بىنورماللىقلارغا مۇپتىلا قىلىدىكەن.
ئاياللارنىڭ تۈرلۈك خورلۇقلارغا ئۇچراپ ئاۋازسىز قېلىشى پەقەت ئۇيغۇر جەمئىيىتىگىلا خاس ھالەتمۇ؟ چەتئەللەردە بۇ خىل خورلۇقلارغا دۇچ كەلگەندە ئاياللار قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىنى قوغدايدۇ ۋە ئازابلىرىنى يېڭىدۇ؟
بۇ سوئاللىرىمىزغا كانادادىكى ئاياللارنى قوغداش تەشكىلاتىدا، ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلارغا روھىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى قىلىپ كېلىۋاتقان مول تەجرىبىلەرگە ئىگە رۇقىيە تۇردۇش خانىم ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسەت ۋە قانۇنلىرى، دۆلەت سىستېمىسى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان خورلۇق، ئازابلار دۇنيانىڭ باشقا ھېچقانداق جايدىكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇر ئاياللار خىتاي سىياسىتىنى ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن خورلىشىغىلا ئەمەس، بەلكى يەنە روھىي ۋە پسىخىكا ھەر جەھەتتىن خورلىشىغىمۇ ئۇچراپ، تەسۋىرلىگۈسىز ئازابلاردا قالماقتا. بىزنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىمىز، بىزنى قوغدايدىغان قانۇن بولمىغانلىقتىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇ مەسىلە تېخىمۇ مۇرەككەپ تېخىمۇ ئېغىر بىر مەسىلە» دەيدۇ.
ئۇ يەنە خورلۇققا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قىز-ئاياللارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن پسىخىكا، روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى يېڭىشى كېرەكلىكىنى، باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ۋە جىنايىتى بىلەن ئۆزىنى جازالىماسلىقنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.