خىتاي دېموكراتلىرى ئىلھام توختى ۋە ساخاروف مۇكاپاتى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

10-ئۆكتەبىر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئىلھام توختى ۋە ساخاروف مۇكاپاتى» ناملىق مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. خىتاي دېموكراتلىرىدىن «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ 2008-يىللىق ساھىبى خۇ جيا ئەپەندى ۋە ئىلھام توختىنى ئەڭ دەسلەپ «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە قىلغان خىتايدىكى ئۆزگىرىش تورىنىڭ ساھىبى ساۋ ياشۆ خانىملار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي قۇتراتقۇلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ نېمە ئۈچۈن ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا لايىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى 2016-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى»غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن 5 كىشىنىڭ بىرى بولۇپ، 10-ئۆكتەبىر يەنى دۈشەنبە كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىلھام توختى ۋە ساخاروف مۇكاپاتى » ناملىق يىغىندا ئىلھام توختىنىڭ نېمە ئۈچۈن ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكى مۇزاكىرە تېمىسى بولدى.

يىغىن قاتناشچىلىرىدىن، ئىلھام توختىنى ئەڭ دەسلەپ ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا كۆرسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان خىتاي دېموكراتلىرىدىن ئامېرىكىدىكى «خىتايدىكى ئۆزگىرىش » تورىنىڭ ساھىبى ساۋ ياشۆ خانىم 10-ئۆكتەبىر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى ئىلخان كۈچۈك تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئىلھام توختى ۋە ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ناملىق يىغىندا بېرىلگەن دوكلاتلاردا ئىلھام توختىنىڭ نېمە ئۈچۈن ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا لايىق ئىكەنلىكى مۇنازىرە تېمىسى بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ساۋ ياشۆ خانىم ئىلھام توختى ھەققىدە بېرىلگەن دوكلاتلار ھەققىدە توختىلىپ، «بۈگۈنكى يىغىندا ئۇيغۇر زىيالىيسى پروفېسسور ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ نېمە ئۈچۈن ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا لايىق ئىكەنلىكى ئاساسلىق مۇنازىرە تېمىسى بولدى. پارلامېنت ئەزاسى ئىلھان كۈچۈك ئەپەندى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلۈشىنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن بولسا، ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام توختىنىڭ بىر دادا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە قالدۇرغان تەسىراتىنى بايان قىلدى. ئىلھام توختىنى يېقىندىن تونۇيدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىبەتشۇناس پروفېسسورى ئىللىئوت سپېرلىڭ ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىنى ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلىش مەسىلىسىدە خىتاينىڭ بېسىمىغا پىسەنت قىلماسلىققا چاقىردى. مەن خىتايدا دېموكراتىيە ۋە ھەققانىيەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپى ۋە ئاۋازىنى خىتاي خەلقىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشقا جۈرئەت قىلالىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان سەر خىل ئۇيغۇر زىيالىيسى بولغىنى ئۈچۈن ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئەڭ لايىق نامزات ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدىم» دېدى.

ساۋ ياشۆ خانىم يەنە، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا لايىق شەخس دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «پروفېسسور ئىلھام توختى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى تەڭسىزلىكنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلالىغان بىردىن-بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى. ئۇ ئۆزى قۇرغان «ئۇيغۇر بىز تورى»نىڭ خىتاي تىلىدىكى سەھىپىسىدە بىر مىليارد 300 مىليون خىتاي خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مىللىي ھوقۇقى باستۇرۇلۇۋاتقان رېئال ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە بۇ يولدا ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش خىتايدا باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلگە ئېشىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان خىتاي زىيالىيلىرىنى تەسىرلەندۈردى. شۇڭا مەن ئىلھام توختى ئەپەندىنى پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئەڭ لايىق كىشى دەپ بىلىمەن» دېدى.

نۆۋەتتە بېيجىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتى ۋە تەقىبى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئەپەندى، پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2008-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ 2008-يىللىق ساھىبى بولغان ئىدى.

ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىنىڭ 2008-يىللىق ساھىبى خۇ جيا ئەپەندى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئىلھام توختىنىڭ نېمە ئۈچۈن «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا لايىق ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئىلھام توختىنى 2006-يىلى ئۇنىڭ «ئۇيغۇر بىز تورى» دا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى ئارقىلىق تونۇدۇم دېسەممۇ بولىدۇ. ئۇ قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئىدۇق. ماڭا ئاكا يوللۇق ئىلھام توختى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىنى ئاڭلىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، جاسارىتى، پىداكارلىقى ۋە ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان كىشىلىك پەزىلىتى بىلەن مەن ۋە ماڭا ئوخشاش دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلغۇچى زىيالىيلارنى قايىل قىلىپ ھۆرمىتىمىزگە ئېرىشكەن ئىدى. ئەلۋەتتە مەنمۇ پۇقرالاردا سۆز-پىكىر ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغىنىم ئۈچۈن، «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا جامائەت پىكىر توپلىغان» دېگەن سىياسىي جىنايەت ئارتىلىپ 3 يېرىم يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندىم. نوبېل ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ شاۋبو ئەپەندىمۇ 2008-يىللىق ئاساسىي قانۇن لايىھىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەلىپىنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسچىسى بولغىنى ئۈچۈن 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئەمما ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈنلا مۇددەتسىز قاماق جازاسىدەك ئېغىر جازاغا ئۇچرىدى. مېنىڭچە، ئىلھام توختى دۆلىتىمىزدە باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلىگەن زىيالىي. شۇڭا ماڭا ئوخشاش خىتايدا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ئىلھام توختىنى ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا ئەڭ لايىق شەخس دەپ قارايمىز » دېدى.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 10-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېچىلغان «ئىلھام توختى ۋە ساخاروف مۇكاپاتى» ناملىق يىغىنغا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان «ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش» گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنىۋەرجان ئەپەندى قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ دوكلات بەرگەن.