سايباغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى مەرەمنىساخاندىن تارتىۋېلىنغان ياردەم پۇل ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00


ئۈرۈمچىدىكى غايىپلار ئائىلە - تاۋاباتلىرىدىن مەرەمنىسا تۇردىغا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بېرىلگەن 3000 سوم ياردەم پۇل، ئۈرۈمچىنىڭ خوتەن يولى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى تارتىۋېلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىز بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر ئەھۋال ھەققىدە جۈملىدىن چەتئەلدىن كەلگەن ياردەم پۇلنى ئېلىشقا بولمايدۇ دەيدىغان بىر بەلگىلىمىنىڭ بار - يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى.

خوتەن يولى ساقچىخانىسىنىڭ ئالاقىدار خادىمى ئارزۈگۈل تالىپ، تارتىۋېلىنغان پۇلدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ئۆزىنىڭ ھوقۇقى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سايباغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسنىڭ ئەرزىيەت بۆلۈمى بولسا، مەرەمنىسا تۇردىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئاندىن بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:

ئۈرۈمچى شەھىرى خوتەن يولى ساقچىخانىسىنىڭ دۆلەت ئامانلىق ساقچىسى ئارزۈگۈل تالىپنى زىيارەت

مۇخبىر: سىلىنىڭ ساقچىخانىنىڭ خادىملىرى سەنشىخاڭزىدىكى مەرەمنىسا دېگەن ئايالغا چەتئەلدىن كەلگەن ياردەم پۇلىنى تارتىپ ئەكىتىپتۇ؛ مۇشۇ پۇل قايتۇرۇپ بېرىلەمدۇ، قانداق بولىدۇ؟

ئارزۈگۈل: بۇ دېلونى سوجاڭلار ئىشلەۋاتىدۇ، شۇلاردىن سوراڭ، شۇلار دەپ بەرسۇن.

مۇخبىر: تېلېفون نومۇرىڭىزنى لى سوجاڭدىن ئالدىم، لى سىلەرنىڭ سوجاڭغۇ؟

ئارزۈگۈل: شۇنداق.

مۇخبىر: لى بىزگە «بىزنىڭ دۆلەت ئامانلىق ساقچىمىز ئارزۈگۈل تالىپ، ئەھۋالنى شۇنىڭدىن سوراڭ» دېدى.

ئارزۈگۈل: ئۇنداق بولسا، بىزنىڭ گوباۋ دادۈينىڭ (دۆلەت ئامانلىق ساقچى ئەترىتىنىڭ) پەرھات دەپ بىر دادۇيجاڭى بار، شۇنىڭدىنمۇ سوراڭ. شۇلار بىزگە بۇ ئىش ھەققىدە سەيفاڭ(مۇخبىر زىيارىتىنى) قوبۇل قىلساڭ بولىدۇ دەپ ئورۇنلاشتۇرسا، ئاندىن جاۋاب بېرەلەيمەن.

مۇخبىر: مەرەمنىسادىن شۇ پۇلنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز بار - يوقلۇقىنىمۇ دېيەلمەمسىز؟

ئارزۈگۈل: دېيەلەيمەن، خەۋىرىم بار. لېكىن مېنىڭ ئۈستۈمدە باشلىق بار - دە؟

مۇخبىر: دېمەك، بۇ ئىش ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىش سىزنىڭ ھوقۇق دائىرىڭىزنىڭ سىرتىدا؟

ئارزۈگۈل: بىزنىڭمۇ بىر تۈزۈمىمىز بار.......

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى رازىۋېتكا بۆلۈمىنى زىيارەت

مۇخبىر: بۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىمۇ؟

خادىم: ھە، شۇنداق.

مۇخبىر: سوراپ باقىدىغان بىر ئىش بارتى: مەرەمنىسا دېگەن بىر تۇل ئايالغا چەتئەلدىن كەلگەن 3000 سوم ياردەم پۇل خوتەن يولى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىپتۇ.....

خادىم: خاتا ئۇرۇپ قاپسىز، ئەرزىيەت بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىڭ.

مۇخبىر: ئىش ئەرزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، بىلمەكچى بولغىنىم، چەتئەلدىن كەلگەن ياردەم پۇلنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ دەيدىغان سىلەرنىڭ ئىدارە تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن بىر ھۆججەت بارمۇ؟

خادىم: بۇ ئىشلارنى مەن بىلمەيمەن.

مۇخبىر: ئەمىسە، سىلەرنىڭ ئىدارىنىڭ قايسى بۆلۈمى بۇ ئىشقا ئالاقىدار، كىم بىلەن كۆرىشىشىمىز كېرەك؟

خادىم: ئۇنى مەن نېمە بىلەي، بىز دېگەن رازۋېتكا بۆلۈم.

مۇخبىر: ئۆزىڭىز ئىشلەۋاتقان ئىدارىنىڭ تارماقلىرىنى سىز بىلمىسىڭىز، بىز سىرتتىكىلەر قانداق بىلىمىز؟ ئەمىسە ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ تېلېفونىنى دەپ بېرىڭ؟

خادىم: پۇلىڭىزنى ئەكەتكەنلەر خوتەن يولى ساقچىخانىسى بولغاندىكىن شۇلارنى ئىزدىمەمسىز دەيمەن؟

مۇخبىر: گەپكىمۇ قۇلاق سالماپسىز، مېنىڭ پۇلۇم ئەمەس، تۇل ئايال مەرەمنىسانىڭ پۇلى.

خادىم: چۈشەندىم، يولدىشى يوقاپ كەتكەن مەرەمنىسانىڭ پۇلىكەن، ئەمىسە سىز سايباغ رايونلۇق ئەرزىيەت بولۈمىگە تېلېفون قىلىڭ، شۇلار سىزگە مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمنى دەپ بېرىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئەرزىيەت بۆلۈمىنى زىيارەت

مۇخبىر: مەرەمنىسا خانىمدىن خوتەني ولى ساقچىخانىسى تارتىۋالغان پۇل قايتۇرۇلۇپ بېرىلەمدۇ - بېرەلمەمدۇ، شۇنى ئۇقۇپ باقايلى دەپ تېلېفون قىلغان؟

خادىم: بۇ ئىشتىن مېنىڭ خەۋىرىم يوقكەن.

مۇخبىر: ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغان، چەتئەلدىن كەلگەن ياردەم پۇلنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ دەيدىغان بىر ھۈججەت بارمۇ - يوقمۇ؟

خادىم: مەن ئاڭلىمىغانكەنمەن. بىزنىڭ فاجىكې (قانۇن - تۈزۈم) بۆلۈمى دەپ بىر بولۈمىمىز بار. شۇلار بىلىدۇ. شۇڭا شۇ كىشى بىزگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلسا، شۇ بولۈمىمىز تەكشۈرۈپ باقسا قانداق بولار؟

مۇخبىر: بولىدۇ، ياخشى گەپ، ئەمىسە مەرەمنىسا خانىمغا دەيلى ئەھۋالنى سىلەرگە مەلۇم قىلسۇن.

خادىم: سىز نېمىسى بولىسىز ئۇياقنىڭ؟

مۇخبىر: مەن ھېچنىمىسى ئەمەس، مەن مۇخبىر؛ مۇشۇ ئىش قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، سۈرۈشتە قىلىپ تېلېفون قىلىشىم.

خادىم: ئۇ ئايال ئەھۋالنى سىزگە ئۆزى مەلۇم قىلدىمۇ؟

مۇخبىر: سىرتتىن ئۇقتۇق، ئۆزىدىنمۇ، ساقچىخانىدىنمۇ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

خادىم: ساقچىخانىنىڭ جاۋابى نېمە؟

مۇخبىر: پۇل ئالغانلىقىمىز راست، بۇ ئىشلار ھەققىدە سوئالىڭلار بولسا يۇقىرىدىكىلەرگە دەڭلا دەيدۇ. پۇلنى ئەكەتكۈچىلەر ئارىسىدا، ساقچىخانا باشلىقى دىلشاتتىن باشقا سىلەرنىڭ رايونلۇق ساقچىدىنمۇ بىر كىشى بارىكەن.

خادىم: ئەمىسە پۇل دىلشاتتىمۇ، ساقچىخانىدىمۇ، ئىگىسىگە قايتۇرۇلۇش كېرەكمۇ، تۇتۇپ قېلىنىشى كېرەكمۇ ئېنىقلاپ باقايلى، مەرەمنىساخان بىزگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلسۇن.

مۇخبىر: بولىدۇ. مەرەمنىسا خانىم ئۇدۇل سىزنىلا ئىزدىسۇن، ئىسمىڭىز نېمە؟

خادىم: رەھىمە، رەخىمايى.

پۇلى تارتىۋېلىنغان مەرەمنىسا خانىمنى زىيارەت:

مۇخبىر: سايباغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئەرزىيەت بۆلۈمى بىلەن كۈرۈشتۇق، سىزنى بىزگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلسۇن دەيدۇ، ۋاقتىڭىز بولسا، بېرىپ ياكى تېل قىلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىڭ.

مەرەمنىسا: بولىدۇ، شۇنداق قىلىمەن.

مۇخبىر: خوش، ئىشنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە يەنە كۆرىشىمىز.

مەرەمنىسا: خوش، رەھمەت.