قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ سايباغ يېزىسىدا يۈز بەرگەن 15-دېكابىر قانلىق توقۇنۇشى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنكى ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلاردىن بىر قانچىسى ۋەقە جەريانىدا ياكى ۋەقەدىن كېيىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ يۇرتتىن غايىب بولغان. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، شۇ كۈنى دەسلەپتە ئۆي ئاختۇرغىلى كەلگەن 7 نەپەر ساقچىنىڭ 5 نەپىرى قورالسىز ياردەمچى ساقچى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى باشلاپ كەلگەن ئىككى نەپەر ساقچى باشلىقى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. ئىككىنچى قەدەمدە ۋەقەنى باستۇرۇش ئۈچۈن ناھىيەدىن ۋە قوشنا يېزىلاردىن ساقچىلار يېتىپ كەلگەن چېغىدا، ئۆيى ئاختۇرۇلغان جەمەت ئىچىدىكى 6 نەپەر ئايالمۇ جۆرىلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ساقچىلىرىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەن؛ بۇلار ھۇجۇمغا ئۆتۈشنىڭ ئالدىدا ئەتراپقا ئولاشقان قولۇم-قوشنىلىرىنى قېچىشقا ۋە ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرغان.
بىز ۋەقە ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق ۋە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ۋەقە يۈز بەرگەن 13-كەنت يەنى گۈلچىمەن كەنتىنىڭ كەنت سېكرېتارى بىلەن كۆرۈشۈشكە تىرىشتۇق. ئەمما سايباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ تەشكىلات بۆلۈمى مەسئۇلى، مەزكۇر كەنت سېكرېتارى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزگە يول قويمىدى.
مۇخبىر: سىز سايباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ تەشكىلات ئىشلىرى مەسئۇلىغۇ دەيمەن؟
خادىم: شۇنداق، نېمە گەپ بار؟
مۇخبىر: 13-كەنتنىڭ سېكرېتارى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدىم؛ ئۇ كىشىنىڭ تېلېفونىنى دەپ بېرەلەمسىز؟
خادىم: ياق، بولمايدۇ! بولمايدۇ!
مۇخبىر: نېمانچە ئاچچىقلىنىسىز؟ بىر دۆلەت خىزمەتچىسى دېگەنمۇ مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلامدۇ؟
خادىم: ....
خادىم تېلېفونىنى قويۇۋېتىدۇ ۋە تەكرار ئالمايدۇ.
بىز سايباغ يېزىسىغا قوشنا بولغان بۇلاقسۇ يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانىدا نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان خادىم، سايباغدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە بۇلاقسۇ يېزىلىق پارتكومدا ۋە ساقچىخانىدا ئېچىلغان يىغىنلاردا ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
مۇخبىر: سايباغدىكى ۋەقە ھەققىدە سىلەر نېمىلەرنى ئاڭلىدىڭلار، سىلەرگە قانداق ئۇقتۇرۇلدى؟
خادىم: بىر قىسىم ساقچىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قاراپ ماڭدى دەپ ئاڭلىدىم، گۇماندارلارنىڭ بەزى شايكىلىرى شۇ تەرەپلەردىمۇ بار ياكى شۇ تەرەپلەرگە قاچقان ئوخشايدۇ.
مۇخبىر: ۋەقەدە ئۆلگەن ئاياللارنىڭ سانىنى قانچە دەپ ئۇقتۇردى.
خادىم : ئالتە نەپەر.
مۇخبىر: ئىسىملىرىنى نېمە دەپ ئۇقتۇردى؟
خادىم: ئىسىملىرىنى ئېلان قىلغان، ھازىر ئېسىمدە يوق.
مۇخبىر: ساقچىلار بىلەن قارشىلاشقۇچىلارنىڭ قاتارىدا ئاياللارمۇ بارمىكەن ياكى....
خادىم: ئاياللارمۇ باركەن. ئۇلار «قاچىدىغىنىڭلار قېچىڭلار، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار، بىز جەڭنى باشلىدۇق» دەپ ۋارقىراپتۇ.
مۇخبىر: ئۇلار بۇ گېپىنى كىمگە قارىتىپ دەيدىكەن، قارشى تەرىپىدىكى ئۇيغۇر ساقچىلارغىمۇ ياكى ئەتراپىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ؟
خادىم: ۋەقەنى كۆرۈپ تۇرغان قولۇم-قوشنىلىرىغا.
مۇخبىر: ئۇنداقتا ۋەقە يۈز بەرگەن يەردە جەمەت ئەزالىرىدىن باشقا، قولۇم قوشنىلىرىمۇ بارمىكەن؟
خادىم: شۇنداق. دەسلەپتە مەي سوجاڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىللە بارغان ياردەمچى ساقچىلار ئۆزىنى دالدىغا ئالغان، ناھىيەدىن ساقچىلار كەلگۈچە ئارىلىقتا شۇ يەرگە ئادەم يىغىلىپ كېتىدۇ.
مۇخبىر: ياردەمچى ساقچىلار قاچقان گەپمۇ؟
خادىم: قولىدا قورال بولمىغاچقا ھەم قارشىسىدىكىلەر بەك كۆپ بولغاچقا ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالغان.
سايباغ يېزىلىق پارتكومدا ئېچىلغان يىغىندا سېكرېتار ۋەقەدىن كېيىن بەزى كوچىلاردا قان ئىزلىرى بايقالغانلىقىنى، شۇڭا ۋەقەگە قاتناشقانلاردىن بەزىلەرنىڭ قاچقانلىق ئېھتىمالىنى بايان قىلغان ۋە يىغىن ئەھلىنى ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان. يەنە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دەسلەپتە كەلگەن 7 نەپەر ساقچىدىن ئىككى نەپىرى ئۆلتۈرۈلۈپ، ناھىيە ۋە قوشنا ساقچىخانىلاردىن ساقچىلار ياردەمگە كەلگەنگە قەدەر ئاز دېگەندە يېرىم سائەتكە قەدەر ۋاقىت ئۆتكەن بولۇپ، مانا مۇشۇ بوشلۇقتا، جەمەتتىكى ھاياتى تەھدىت ئاستىدا دەپ قارالغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياكى مەھەللە جامائىتى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە. يېقىنقى كۆنلەردە خەۋەرلەردە تارقالغان «قاچقۇن» ناملىق تۇتۇش بۇيرۇقىمۇ بۇ ئېھتىماللىقتىن بېشارەت بەرمەكتە.