17-دېكابىر كۈنى سايباغ يېزىلىق پارتكومدا ئېچىلغان سايباغ توقۇنۇشى ھەققىدىكى يىغىنىدا، خىتاي سېكرېتار ۋەقەدە ئۆلگەن ئىككى نەپەر ساقچىغا تەزىيە بىلدۈرگەندىن كېيىن كادىرلار ۋە ئاممىنى ئۇلار ئۈچۈن ھەسسىلەپ ئىنتىقام ئېلىشقا چاقىرغان.
ئەمما سېكرېتار كىملەردىن قانداق شەكىلدە ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. يەنە شۇ كۈنكى يىغىندىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنكى ۋەقە سايباغقا قوشنا بولغان بۇلاقسۇ يېزىسىدىكى بىر ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى تۇتۇش ئۈچۈن بارغاندا پارتلىغان. مۇخبىرىمىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، بۇلاقسۇ يېزىسىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، بۇلاقسۇدىكى ۋەقەنىڭ زادى نېمە ۋەقە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلدى. ئاھالىلەردىن بىرى، بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى بۇلاقسۇنىڭ ئىڭىچكە كەنتىدە بىر يەرئاستى دىنىي مەكتەپنىڭ پاش قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. بۇلاقسۇدىكى ساقچى ۋە كادىرلار، گەرچە ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە بۇلاقسۇدا ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى يوشۇرالمىدى.
سايباغ يېزىلىق پارتكومدا ئېچىلغان يىغىندا سېكرېتار ۋەقەدە ئۆلگەن ئىككى نەپەر ساقچىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن:
-ئىككى ياراملىق خىزمەتچىمىزدىن ئايرىلدۇق. بۈگۈن ئۇلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولسا، كۈنلەرنىڭ بىرى مەن ياكى يېزا باشلىقى ۋە ياكى ئاراڭلاردىن بىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىشى مۇمكىن. شۇڭا بىز ئۆچ ئېلىشىمىز كېرەك! بىز ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ يامان نىيەتلىك ئادەملەرنى تارتىپ چىقىپ، قان قەرزنى ھەسسىلەپ ئېلىشىمىز كېرەك.
شۇ كۈنكى يىغىندا يەنە بايان قىلىنىشىچە، ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئىسلام ئىسمائىل ئائىلىسىگە بۇلاقسۇدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى سۈرۈشتە قىلىپ بارغان. بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، سايباغ يېزىسىغا قوشنا بولغان بۇلاقسۇ يېزىسىدىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق. ئاھالىلەردىن بىرى، بۇنىڭدىن بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى بۇلاقسۇنىڭ ئىڭىچكە كەنتىدە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ ئاچقان بىر دىنىي زاتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. بۇلاقسۇ يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى دەسلىپىدە ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا دېگەنلىرىدىن تېنىۋالدى.
بۇلاقسۇ يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەت
مۇخبىر: سىز بۇلاقسۇ يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى سايىتجانمۇ؟
خادىم: شۇنداق، مەن شۇ.
مۇخبىر: ئىڭىچكىدىكى يەر ئاستى مەكتەپ ۋەقەسىدە تۇتۇلغان دىنىي زاتنىڭ ئىسمى نېمە؟
خادىم: ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن.
مۇخبىر: سىز بۇ يەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئادەم، مۇشۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ سەزگۈر ۋەقەنى بىلمىگىنىڭىز قانداق ئىش؟
خادىم: ئۇ دېلونى ناھىيەدىكىلەر بىر تەرەپ قىلغان. شۇڭا بۇ ئىشنى ناھىيەدىكىلەردىن سوراڭ.
مۇخبىر: بىز ۋەقەنى ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇندىن ئىگىلىمەكچىمىز، ناھىيەدىن ئەمەس.
خادىم: ئۇ چاغدا مەن تېخى كەلمىگەن.
مۇخبىر: ۋەقەدە ئۆلگەن، يارىلانغانلار بارمۇ؟
خادىم: بۇ سوئالىڭىزغا مەن جاۋاب بەرمەيمەن!
مۇخبىر: جاۋاب بېرىشنى خالىمامسىز ياكى ھوقۇقىڭىز يەتمەمدۇ؟
خادىم: بۇنداق تېلېفوندىلا سورىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟!
مۇخبىر: ئەمىسە سوئاللىرىمنى يازما شەكىلدە ئەۋەتىشىم كېرەكمۇ؟
خادىم: ياق، بۇ سوئالغا زادى مەن جاۋاب بەرمەيمەن.
مۇخبىر: بولمىسا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىسىز؟
خادىم: ئۇنىمۇ بىلمەيمەن؟
مۇخبىر: بايا بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئاشكارىلىدىڭىزغۇ، دېلونى ناھىيەدىكىلەر بىر تەرەپ قىلدى دېدىڭىزغۇ؟
خادىم: ياق، ياق، مەن بىلمەيمەن ئۇ ئىشنى.
كېچىلىك نۆۋەتچى بىلەن سۆھبەت
بىز يەنە يېزىلىق پارتكومدا كېچىدە نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان خىزمەتچىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتچى خادىم ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئەنسىز پوزىتسىيىسى ئارقىلىق ھەر قانداق كىشىنىڭ ھەرقانداق سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، بۇلاقسۇدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ بۇ يېزىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مۇخبىر: يېزىلىق پارتكوممۇ بۇ؟
خادىم: شۇنداق.
مۇخبىر: نۆۋەتتە تۇرۇۋاتامسىلەر؟
خادىم: شۇنداق.
مۇخبىر: قانچە كىشى نۆۋەتتە تۇرۇۋاتىسىلەر؟
خادىم: بۇنداق سوئالنى سورىماڭ مەندىن؟
مۇخبىر: نېمە بولدى، سوئالىمنىڭ نېرى خاتا، نېرى سەزگۈر؟
خادىم: بۇنداق سوئالنى سورىماڭ دېدىم، سورىماڭ!
مۇخبىر: نىمانچىۋالا ئەنسىزلىك قىلىسىز؟ بۇلاقسۇدا ۋەزىيەت شۇنداق جىددىيمۇ؟
خادىم: ياق، ۋەزىيەت نورمال.
مۇخبىر: ئەمىسە نېمىشقا جاۋاب بەرمەيسىلەر؟
خادىم: ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق سوئالىغا جاۋاب بەرمەيمىز.
مۇخبىر: شۇ توغرىدا مەخسۇس ھۆججەت چۈشتىمۇ، تېلېفون قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە؟
خادىم: بۇنداق سوئاللارنى سورىماڭ دېدىم، ئەمدى تېلېفوننى قويۇۋېتىمەن....
يۇقىرىدا سايباغدىكى دائىرىلەرنىڭ ئۆلگەن ساقچىلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشقا چاقىرىق قىلىنغانلىقى ۋە ئىڭىچكە ۋەقەسىدىن كېيىن بۇلاقسۇدىكى ۋەزىيەتنىڭ نىسبەتەن جىددىيلەشكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.