قازاقىستاندا مۇساپىر سايراگۈل ساۋۇتباي مەسىلىسى يەنە ئوتتۇرىغا چىقتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.10.17
sayragul-savatbaykizi.jpg «قازاقىستان چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن» دەپ ئەيىپلەڭەن قازاق خانىم سايراگۈل ساۇتباي. 2018-يىلى. قازاقىستان.
Social Media

قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سايراگۈل ساۋۇتبايغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشتىن باش تارتىشى بىلەن بۇ مەسىلە يەنە ئوتتۇرىغا چىققان. قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئۆكتەبىردە قازاقىستاننىڭ تالدىقورغان شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن كۆچمەنلەر كومىسسىيەسىنىڭ يىغىنىدا سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ مەسىلىسى قارىلىپ، ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان. مەزكۇر كەمىسسىيە تەركىبىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مەملىكەتنىڭ باشقىمۇ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كىرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، سايراگۈل ساۇتباي ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە ئورۇنلاشقان ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرى» دا ئىشلىگەن. مۇشۇ يىلنىڭ 22-ئاپرېل كۈنى ئۇ «قورغاس» چېگرا پونكىتى ئارقىلىق قازاقىستانغا قېچىپ ئۆتكەن. ئەمما 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بولسا، قازاقىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىيۇل ئېيىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە ئىككى مەملىكەت چېگراسىنى قانۇنسىز بۇزۇپ ئۆتكەنلىكىدە ئەيىبلەنگەن سايراگۈل ساۇتباي ئۈستىدىن بىر نەچچە قېتىم سوت مەجلىسلىرى ئۆتكەن. سايراگۈل ساۇتباي سوت داۋامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىدا قازاق، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ سولىنىپ، ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ شۇنداقلا قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنى خىتايغا قايتۇرماسلىقىنى ۋە سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. پەقەت 1-ئاۋغۇست كۈنى قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

بىز سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ ئادۋوكاتى ئابزال قۇسپانوف بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇنداق بولۇشىنى مەن خىتاينىڭ قازاقىستانغا بولغان تەسىرىدىن دەپ چۈشىنىمەن. بىرىنچىدىن، يىغىن كۈتمىگەن يەردىن بولدى. ئۇلار مېنى ئالدىن-ئالا تەكلىپ قىلمىدى. مېنىڭ ماكانى ۋە تۇرىدىغان جايىمنى، تېلېفونلىرىمنى بىلىدۇ. ئەتىسى سائەت 10 دا ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ تالدىقورغان شەھىرىدە ئۆتىدىغان يىغىن توغرىلىق ماڭا پەقەت يېرىم كۈن قالغاندا خەۋەر بەردى. مەن ئۇ ۋاقىتتا باشقا سوت ئىشلىرى بىلەن ئاتىراۋ شەھىرىدە ئىدىم. ئىككى ئوتتۇرىدا ئايروپىلانمۇ ئۇچمىغانلىقتىن، مېنىڭ بۇ يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ كېلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن بىر نەچچە قېتىم خەۋەرلەشكىنىمدە، كومىسسىيە ئەزالىرى ھۆججەتلەرنى يىغىۋاتىمىز دەپ ئېيتقان ئىدى. ئومۇمەن چۈشەنمەيدىغان بىر ئەھۋال بولدى. ئىككىنچىدىن، بىزنىڭ قولىمىزغا بېرىلگەن كەمىسسىيە قارارىدا سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى مىللىي، دىنىي ۋە باشقىمۇ باستۇرۇشلار ھەققىدە يەتكۈزگەن مەلۇماتلىرىنىڭ دەلىللەنمىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن».

ئابزال قۇسپانوف قازاقىستاندا سايراگۈل ساۋۇتبايغا سىياسىي پاناھلىق بېرىلىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقىمۇ خەلقئارا تەشكىلاتلارغا بۇ ھەقتە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئالمۇتا ئوبلاستلىق كۆچمەنلەر كومىسسىيەسىنىڭ قارارى ئۈستىدىن ئاستانادىكى كۆچمەنلەر كومىتېتىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى، سايراگۈل ساۋۇتباينىڭمۇ كۈرەشنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قازاقىستاندىكى سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوفنىڭ پىكرىچە، سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ ئىشىدا سىياسىي، يەنى مەملىكەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئادۋوكات سايراگۈل ساۋۇتبايغا سىياسىي پاناھلىق بېرىش يوللىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئەرز قىلالايدۇ. خىتاي تەرەپ بولسا، سايراگۈل ساۋۇتباينى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. سايراگۈلنىڭ قازاقىستاندا قېلىپ، ئۇنىڭدىن سىياسىي پاناھلىق سورىشىغا بارلىق ئاساسلار بار. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتايدىن قېچىپ، قازاقىستانغا ئۆتكەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ياخشى مەلۇم. ئومۇمەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، جۈملىدىن قازاقىستان ھازىر ھېچ كىمگە دېگۈدەك سىياسىي پاناھلىق بەرمەيۋاتىدۇ. سەۋەبى قوشنا مەملىكەت بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامان بولۇشىنى خالىمايدۇ. غەرب مەملىكەتلىرىدە بولسا، سىياسىي پاناھلىق بېرىش مەسىلىسى ياخشى يولغا قويۇلغان.

غالىم ئاگېلېئۇئوف قازاقىستاننىڭ سايراگۈل ساۋۇتبايغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشتىن باش تارتىشىنىڭ مەملىكەتنىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىغا چوڭ نۇقسان كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئازادلىق» رادىئوسىدا ئېلان قىلىنغان «بۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش. قازاقىستانلىق ھوقۇقشۇناسلار سايراگۈل ساۋۇتبايغا پاناھلىق بېرىشتىن باش تارتتى» ناملىق ماقالىدا ئىنسان ھەقلىرى بويىچە قازاقىستان بۆلۈمىنىڭ خادىمى گۈلمىرە قۇئاتبېكوۋانىڭ بۇ ھەقتە پىكرى بېرىلگەن. ئۇ قازاقىستاننىڭ 1998-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «قاچاقلار ھوقۇقى» توغرىلىق ھۆججىتىگە قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما سايراگۈل ساۇتباي مەسىلىسىدە ھەم دۆلەت قانۇنىنى، ھەم خەلقئارا قانۇننى بۇزغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا ھوقۇق مۇتەخەسسىسى ئېسبول ئۆمىرجانوف تالدىقورغان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، يۇقىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «سايراگۈل ساۇتباي ئىشى بويىچە قارار شۇنى كۆرسەتتىكى، بەزى قارارلارنى قوبۇل قىلىشتا رۇسىيەنىڭ تەۋەلىكىدە بولۇپ كۆرۈنگەن بىزنىڭ دۆلىتىمىز خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدا بولماقتا. بۇ قارار خىتايدىكى بىر يېرىم مىليون قازاقنىڭ ۋە باشقىمۇ ئەللەردىكى قازاقلارنىڭ بىزنىڭ ئېلىمىزگە بولغان ئىشەنچىنى بۇزدى».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.