قازاق مۇساپىر سايراگۈل ساۇتباينىڭ مەسىلىسى مەتبۇئاتلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا دىققەت قوزغىماقتا
2018.07.24

مەلۇمكى، ئۈچ ئايدىن بۇيان قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا چىققان قازاق خانىم سايراگۈل ساۇتباينىڭ تەقدىرى توغرىلىق ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى داۋام قىلماقتا. يېقىندا قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن چېگرىداش بولغان پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ ياركەنت (يەركەت) شەھىرىدە ئىككى مەملىكەت چېگراسىنى قانۇنسىز بۇزۇپ ئۆتكەنلىكىدە ئەيىبلەنگەن سايراگۈل ساۇتباي ئۈستىدىن سوت باشلانغان ئىدى.
يەرلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مۇشۇ يىلنىڭ 22-ئاپرېل كۈنى سايراگۈل ساۇتباي «قورغاس» چېگرا پونكىتى ئارقىلىق قازاقىستانغا ئۆتۈپ، بۇ يەردە قېلىش ھەققىدە قازاقىستان ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرىنى خەۋەردار قىلمىغان. بىر ئايدىن كېيىن ئۇ مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
«ئازادلىق» رادىئوسىدا بېرىلگەن «خىتايدىن كەلگەن قازاق ئايالنى بېيجىڭغا بەرمەسلىكنى سوراۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سايراگۈل ساۇتبايغا مۇناسىۋەتلىك سوت ئىشى 9-ئىيۇلدا باشلىنىپ، مۇشۇ كۈنگىچە داۋام قىلماقتا. سايراگۈل ساۇتباي «قازاقىستان چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتكەنلىكىدە» ئەيىبلەنمەكتىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇنى مەملىكەتتىن چىقىرىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ياركەنت شەھىرىدە ئۆتكەن بىرىنچى سوت يىغىنىغا 40 ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆتكەن يىلى ئاستانادا بولۇپ ئۆتكەن دۇنيا قازاقلىرىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلارنىڭ مەسىلىسىنى كۆتۈرگەن گېرمانىيەلىك ئۆمىرخان ئالتىن ۋە شۇنداقلا قازاقلار مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قاتار پائالىيەتچىلەر بولغان.
سايراگۈل ساۇتباينىڭ يولدىشى ۋەلى ئىسلام ھەم ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئالغان بولۇپ، سايراگۈل ساۇتباي دۆلەت خىزمىتىدە بولغانلىقتىن يەرلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ئۇنىڭ ھۆججەتلىرىنى تارتىۋالغان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئېلىش ئۈچۈن ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرالمىغان. سايراگۈل ساۇتباي قازاقىستانغا ئۆتۈش ئۈچۈن قورغاس تاموژنا پوستىدا «بىر كۈنلۈك ۋىزىسىز رۇخسەت» نى پايدىلانغان.
مەزكۇر ماقالىدىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا يەرلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى گېرمانىيەنىڭ «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر» ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتىنىڭ قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ نامىغا خەت يازغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىكەن. خەتتە سايراگۈل ساۇتباينى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكنى ئىلتىماس قىلغانلىقى، ئۇنى قايتۇرۇپ بەرگەن تەقدىردە ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ تۇغۇلۇش مۇمكىنلىكى ئېيتىلغان.
مۇشۇنداق مەزمۇندىكى خەت قازاقىستان تەرىپىدىنمۇ ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، بۇنى قازاقىستان خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ۋە قانۇنى ساقلاش بيۇروسى ئېلان قىلغان. مەزكۇر خەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى، مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە، يۇنېسكو، ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق 67 خەلقئارا تەشكىلاتلارغا يوللانغان. ئەمدى قازاقىستان خەلقىگە ھەمدە قازاقىستان پرېزىدېنتىغا يېزىلغان خەت مۇنداق دەپ باشلىنىدۇ. «سايراگۈل ساۇتباينىڭ تەقدىرىدىن قازاق خەلقى، قازاقىستان جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارا تەشكىلاتلار ئەنسىرەيدۇ. خىتاي بۇ كۈندە مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر، تىبەت، قازاق ۋە باشقىمۇ خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى سەۋەبسىز تۈرمىگە قاماپ، شۇ خەلقلەرنىڭ ئانا تىللىرى بىلەن مەدەنىيىتىنى سىستېمىلىق يوقاتماقتا ۋە ئىنسان ھوقۇقىنى بۇزۇشتا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى ئەللەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. خىتاينىڭ ئىنسان ھوقۇقىنى قوپاللىق بىلەن بۇزۇشتىكى سىياسىتىنى ئاشكارىلايدىغان 60 تىن ئوشۇق ماقالىلەر گۋاردىياندىن باشلاپ كۆپلىگەن غەربنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىندى.»
خەتتە «قازاقىستان ئىتتىپاقى» جەمئىيىتى، تۈركىي ۋە ئۇگرو-فىن خەلقلىرى قۇرۇلتىيى، زىيالىيلار ۋە جەمئىيەتلەر نامىدىن مۇنۇلار، يەنى «سايراگۈل ساۇتبايغا قازاقىستاندا سىياسىي پاناھ بېرىش؛ ئۇ سوتلانغان تەقدىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ھۆججىتى ئاساسىدا جازاسىنى قازاقىستاندا ئۆتەش؛ بۇ ئىشنىڭ ئىجابىي ھەل قىلىنىشىغا بىۋاسىتە جاۋابكارلىق قازاقىستان پرېزىدېنتى، ئالىي سوت، باش تەپتىش مەھكىمىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتىدىن مەسىلىنىڭ خەلقئارالىق نورمىلارغا مۇۋاپىق ئىجابىي ھەل قىلىنىشىنى 18 مىليون قازاقىستانلىق ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىك نامىدىن تەلەپ قىلىش» قاتارلىقلار ئىلتىماس قىلىنغان.
يەرلىك مەتبۇئاتلاردا سايراگۈل ساۇتباي مەسىلىسى بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەربىيىلەش لاگېرلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر پات-پات ئېلان قىلىنىپ تۇرماقتا. مەزكۇر لاگېرلار ھەققىدە سۆز بولغاندا بەزىدە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ تىلغا ئېلىنغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سايراگۈل ساۇتباينىڭ ئىشىغا باشتىن ئارىلىشىپ كېلىۋاتقان «ئاتا يۇرت» خەلقئارا ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەھبىرى قىدىرەلى ئورازۇلى سايراگۈل ساۇتباينىڭ ئۆتكەنكى سوتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقانلىقى توغرىلىق پاكىتنى يەنە بىر قېتىم تەستىقلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «سايراگۈلنى قازاقىستاننىڭ جاي-جايلىرىدىن قوللاپ، خەتلەر يېزىۋاتىدۇ. شۇنداقلا چەتئەلدىن، يەنى ئامېرىكىدىن، ياۋروپادىن ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىدىن خەتلەر كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى كونترول ئاستىغا ئېلىپ، گېرمانىيەنىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىسىگە تاپشۇرما بەردى. شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇنى كونترول ئاستىغا ئالماقچى. تۈنۈگۈن بولغان سوتقا ئامېرىكىدىن >ۋاشىنگتون پوچتىسى> گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى كەلدى. مېنىڭچە، سوت جەريانى سايراگۈلنى بوشىتىشقا يېتىپ كەلگەندەك تۇرىدۇ. ئادۋوكات تۈنۈگۈن تەرەپ-تەرەپتىن كېلىۋاتقان خەتلەرنى، شۇنداقلا خەلقئارا بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش كېلىشىمىنى تاپشۇردى. ئەنە شۇنىڭ بىلەن تونۇشۇش سەۋەبىدىن سوت 1-ئاۋغۇستقا قالدۇرۇلدى. بۇ قېتىم سايراگۈلنى قازاقىستاننىڭ بارلىق جايلىرىدىن قوللاپ كەلگەنلەرنىڭ سانى 100 دىن ئاشتى».
قىدىرەلى ئورازۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، 23-ئىيۇلدا ئۆتكەن سوتتا سايراگۈلنى قوللاپ كېلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا تەرەپ-تەرەپلەردىن خەتلەرنىڭمۇ كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن ئىكەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ كونسۇلخانىسى ۋەكىللىرى قاتناشتى. ئۇلار بىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سوتقا قاتنىشىمىز دەپ ئۆتۈنۈش بىلدۈرگەن ئىكەن. شۇڭلاشقا ئۇلارمۇ قاتنىشىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلار بىر قېتىممۇ سۆھبەت بەرمەي، ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ يۈرىدۇ. ئۆتكەن سوتلاردا ئۇلارغا سۆز بېرىلمىدى».
ئىگىلىشىمىزچە، «ئاتا يۇرت» خەلقئارا ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىن تارىخىي ۋەتىنى قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن قازاقلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش بويىچە كۆپلىگەن ئىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا، پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. قازاق ياشلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى قازاق تىللىق مەتبۇئاتتا كەڭ تۈردە يورۇتۇلۇپ كەلدى.
«مىللەت تەقدىرى» ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى دوست كۆشىمنىڭ پىكرىچە، قازاقىستانلىقلار، شۇ جۈملىدىن بارلىق قازاقلار سايراگۈل ساۇتباينى قازاقىستاندا قالدۇرۇش، ئۇنىڭغا سىياسىي پاناھ بېرىش خاھىشىدا ئىكەن. مۇبادا ئۇ خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇنىڭ ئۆمرىگە چوڭ خەۋپ تۇغۇلىدىكەن. دوست كۆشىم سايراگۈل ساۇتباي مەسىلىسىدە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئەھۋالدا بولۇۋاتقانلىقىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ھۆكۈمەت ئىككى ئەھۋالدا قالدى. بىرىنچىدىن، ئۇ ياقتىن خىتاينىڭ قىسمى بار. سەۋەبى ئاخىرقى سوتلاردا خىتاينىڭ كونسۇلخانىسىدىن ئادەملەر كېلىپ قاتناشتى. مېنىڭ ئويۇمچە، ھۆكۈمەت ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالدى. مەن بۇنى چۈشىنىپ تۇرۇۋاتىمەن. ئەگەر ئۇنى قالدۇرسا، خىتاي ھۆكۈمىتى «بىزدىن قېچىپ كەتكەن ئادەمنى قالدۇردۇڭ» دېگەن سۆزى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى قايتۇرسا خەلق ئىچىدە نارازىلىق پەيدا بولىدۇ. مەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئەھۋالدىن قانداق چىقىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرىمەن. ئىشنىڭ كىيىڭە قالدۇرۇلغانلىقىمۇ شۇنىڭدىن بولۇش كېرەك. ھۆكۈمىتىمىز بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتىدۇ».
دوست كۆشىم سايراگۈل ساۇتباي مەسىلىسىدە شەخسەن قازاقىستان ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلەرنى ساقلاپ قالغان ھالدا ھەمدە دىپلوماتىيىلىك مەدەنىيەتكە ئەمەل قىلغان ھالدا بىرەر كېلىشىمگە كېلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
سىياسەتشۇناس راسۇل جۇمالى قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ئالاقىلەرنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر يىلدىن بۇيان بۇنىڭغا كۆلەڭگە چۈشكەندەك ئەھۋالنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ مۇنداق بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ساقلاپ قېلىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خەلقئارا قانۇنلار بولسۇن، ئادىمىي نۇقتىئىنەزىرىدىن بولسۇن، سايراگۈل ساۇتباينى خىتايغا بېرىشنىڭ ئاساسى يوق. سەۋەبى خەلقئارا قانۇنلار بار. شۇنداقلا ئائىلە مەسىلىسىمۇ بار. بۇ مەسىلىمۇ قانۇن بويىچە سايراگۈلنىڭ پايدىسىغا ھەل بولۇشى كېرەك. بۇ ھەقتە خىتاي بىلەنمۇ كېلىشىگە بولىدۇ. سەۋەبى سايراگۈل جىنايەتچى ئەمەس. قانۇننى بۇزغىنى يوق. پەقەت چېگرا تەرتىپىنى بۇزغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ چوڭ جىنايەت دەپ قارالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي تەرەپمۇ بۇنىڭغا چۈشىنىش بىلەن قارايدۇ دەپ ئويلايمەن.»
سايراگۈل ساۇتباي مەسىلىسى كۆپلىگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەركىزىي ماۋزۇلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. مەزكۇر ماقالىلەردە ئۇيغۇرلار بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇملارمۇ تىلغا ئېلىنغان. گېرمانىيەنىڭ «كۈندىلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلاردىن كېيىن ئەمدى قازاقلارغا كەلدىمۇ؟» خىتاينىڭ تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا ئولتۇرغان قانداق ئىكەن؟» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى يېۋا ئويېر سايراگۈل ساۇتباينىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا 2500 قازاقنىڭ قامالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن مۇناسىۋەتلەر سەۋەبىدىن شىنجاڭ تۇراقسىز رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۈركىي تىللىق ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي باستۇرۇشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە بىر يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا ئەۋەتمەكتە. ئىلگىرى شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقان 1، 5 مىليون ئېتنىكىلىق قازاقلار مۇنداق دۆلەت باستۇرۇشىغا دۇچ كەلمىگەن ئىدى، ئەمما ئەمدى سايراگۈل ساۇتباينىڭ بىلدۈرۈشلىرى ئىككى مەملىكەتنى قىيىن ئەھۋالغا قويماقتا.»
«ياۋرواسىيانېت ئورگ» تور بېتىدە بېرىلگەن «قازاقىستاندا ئېتنىكىلىق قازاق ئۈستىدىن سوت بولماقتا» دېگەن ماقالىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ئەھۋالىنى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كەڭ يورۇتقانلىقى، چارەك ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقىبلەشلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى، كۆپ كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، يوقاپ كەتكەنلىكى، شۇنداقلا ئەھۋالغا ئەمدى قازاقلارنىڭمۇ دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «تەربىيىلەش لاگېرلىرى خىتاي ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ رەھىمسىز ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سابىق تۇتقۇنلار ئاچارچىلىق، قىيناشلار ۋە خىتايدىكى مەدەنىي ئىنقىلابى كۈچەيگەن ۋاقىتتا بولغانغا ئوخشاش تەربىيىلەش سىستېمىسى ھەققىدە سۆزلىدى. ساۇتباينىڭ سۆزلىرى بويىچە، ‹تەربىيىلەنگۈچىلەر› نى ئىدېئولوگىيىلىك ئەدەبىياتلارنى ئوقۇشقا، دۆلەت گىمنىنى يادلاشقا ياكى دۆلەت تىلىنى ئىگىلەشكە مەجبۇرلىماقتا. بۇ مەركەزلەردە ئاساسەن مەدەنىي ئالاھىدىلىكلىرىدە ‹خىتاي ۋەتەنپەرۋەرلىكى يوق› دەپ باھالىنىۋاتقان قازاقلار ۋە ئۇيغۇرلار تۇتۇلۇپ تۇرۇلماقتا.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەينى ۋاقىتلاردا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش بويىچە مۇستەقىل ئانالىزچى سۈپىتىدە ئىشلىگەن پروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى سايراگۈل ساۇتباينىڭ مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنلار ئاساسىدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەلۇمكى، 1951-يىلى جەنۋەدە قاچاقلار دەرىجىسى بويىچە خەلقئارا ھۆججەت قوبۇل قىلىنغان ئىدى. بۇ ئىنسان ھەقلىرى بويىچە ئەڭ مۇھىم قانۇندۇر. قانۇن بويىچە، بىرىنچى، ئىرقى، مىللىتى بويىچە تەھدىت ئاستىغا ئېلىنغانلار ھىمايە قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، دىنىي كۆز قاراشلىرى بويىچە خەتەر ئاستىدىكىلەر ھىمايە قىلىنىدۇ، ئۈچىنچى، سىياسىي كۆزقاراشلىرىنى ئوچۇق ئىپادىلىگىنى ئۈچۈن خەتەر ئاستىغا ئېلىشقا بولمايدۇ، تۆتىنچى، پۇقرالىق مەۋقەسى ئۈچۈن تەقىب قىلىشقا بولمايدۇ. مۇستەقىل ئانالىزچى سۈپىتىدە، مېنىڭچە، سايراگۈل ساۇتباي مۇشۇ تۆرت ماددىنىڭ ھەممىسىگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئۇنى قېچىپ چىققان دۆلىتىگە قايتۇرۇشقا بولمايدۇ دەپ ھېسابلايمەن.»
ئالىمجان تىلىۋالدىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزلىرىنى مەدەنىيەتلىك ھېسابلايدىغان، ئىنسان ھەقلىرىنى قەدىرلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ بارلىقى قاچاقلار ھۆججىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، قوبۇل قىلغان ئىكەن. بۇ ئىنسان ھەقلىرى بويىچە قوبۇل قىلىنغان ھۆججەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ۋە ئۆلچەملىك خاراكتېرگە ئىگە قانۇن بولۇپ قالماقتىكەن.