سېناتور ماركو رۇبىيو «فوكۇس» خەۋەرلەر قانىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، «فوكۇس» خەۋەر قانىلىنىڭ تونۇلغان پروگرامما رىياسەتچىسى تاككېر كارلسون 23-ئاۋغۇست كۈنىدىكى ئاخشاملىق سۆھبەت پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە مەخسۇس ئورۇن بەردى. ئۇ «خىتاي تەھدىتى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ پروگراممىسىغا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدە سوئاللارنى سورىدى.

رىياسەتچى تاككېر كارلسون پروگراممىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا ئامېرىكىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ دىكتاتورىلىققا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما خىتايغا ئوخشاش ھەقىقىي بىر دىكتاتورغا كەلگەندە جىمىپ قالىدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئىنتايىن ناچار بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۆزىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق مۇسۇلماننى يېغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاش بىلەن بىرگە يەنە رايونغا زور كۆلەمدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئاندىن ئۇ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ساناقلىق سېناتورلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. تاككېر كارلسون ماركو رۇبىيودىن: «بىر مىليوندىن ئىبارەت بۇنداق زور ساندىكى ئادەمنىڭ لاگېردا يېتىۋاتقانلىقى راستمۇ، بۇ راست بولسا نېمىشقا بۇ ھەقتە كۆپلەپ ئەكس سادا يوق» دەپ سورىدى.

سېناتور رۇبىيو بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ راست. گۇگۇلنىڭ يەرشارى ئېپىدە بۇ لاگېرلار ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. ئەمما بىز خەۋەرلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۆزىنىڭ ئېپىدە بۇ لاگېرلار ئېنىق كۆرۈنىدىغان گۇگۇل شىركىتى ھازىر خىتاي بازىرىغا قايتىپ كىرىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ‹قايتا تەربىيە مەركىزى› دەپ ئاتالغان بۇ ئورۇنلاردا كىشىلەرنى ئۆز ئىسمىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئىشلارغا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. بۇ يەردە دىققەت تارتىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، ئۇيغۇرلار ئاشقۇن كىشىلەر ئەمەس،» دەيدۇ.

سېناتور ماركو رۇبىيو سۆزى داۋامىدا يەنە خىتايغا تېخنىكىلىرىنى سېتىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن بىرلىكتە يەنە ئىسلام دۇنياسىنى تەنقىد قىلىدۇ: «بۇ يەردە ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدىغان بىر قانچە مەسىلە بار. بىرىنچىدىن، ئامېرىكىنىڭ ۋە ياۋروپانىڭ بىر قىسىم شىركەتلىرى ئۆزىنىڭ نازارەت تېخنىكىلىرىنى خىتايغا سېتىپ بېرىپ، ئاشۇ ئىنسانلارنىڭ قېيىن ئەھۋالغا قېلىشىغا يول ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ د ن ئا تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ د ن ئا ئۇچۇرىنى مەجبۇرىي يىغىۋاتىدۇ. بۇ ئېھتىماللىق ئىنتايىن يۇقىرى. ئىككىنچىدىن، دۇنيادىكى ئەرەب دۆلەتلىرى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قاراپ باقايلى. ئادەتتە باشقا بىر ئىش بولسا ئوتتۇرىغا سەكرەپ چۈشىدىغان ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە كەلگەندە پۈتۈنلەي سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭ جاۋابى پۇل. خىتاينىڭ پۇلى پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىپ، ھۆكۈمەتلەرگە پارا بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ مەسىلىدە ئېغىز ئاچالمايدىغان قىلىپ قويدى. خىتاي بۇ دۆلەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ ۋە ۋەھشىي سىياسەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ گەپ قىلماي سۈكۈتتە تۇرۇشى ئۈچۈن پارا بەردى. ئەسلىدە بۇلار دەل شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان سىياسەتلەر ئىدى.»

رىياسەتچى تاككېر كارلسون ماركو رۇبىيونىڭ جاۋابىدىن ھەيران قېلىپ، «بۇ ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالارلىق ئىشكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر ھۆكۈمەتلىرى دۇنيادىكى چوڭ مۇسۇلمان ھاكىمىيەتلەردۇر. ئۇلار خىتايغا مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىش ھەققىدە بىر بېسىم ئىشلەتمىدىمۇ؟» دەپ سورىدى.

ماركو رۇبىيو بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «شۇنداق، ئۇلار تىلغا ئېلىپمۇ باقمىدى. خەلقئارالىق ئورگانلاردىمۇ شۇنداق. ئاخىرى ئۆتكەن ھەپتە بىر خەلقئارالىق ئورگان بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋاب بېرىشكە قىستىدى. ئەمما ئىسلام دۆلەتلەرنىڭ ئۆزى چىقىپ بىرنەرسە دەپ باقمىدى. دېگەنلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار ناھايىتى يۇمشاق سۆزلەر. ئەگەر بىر غەرب دۆلىتى ھەرقانداق بىر دىنغا تەۋە بولغان بىر مىليون كىشىنى ئاشۇنداق سولىۋالغان بولسىدى، ئۇ ھالدا بىز ناھايىتى زور چۇقانلارنى ئاڭلىغان بولاتتۇق. ئەمما ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كەلگەندە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى كۆپىنچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پارا ئالغان ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەققىدىكى ۋەدىلىرىنى ئالغان بولغاچقا كۆزىنى يۇمۇۋالدى. مەنچە، بۇ كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ياسالمىلىق. ھازىر ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىپ، بىر ئىش قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇۋاتىمەن،» دېدى.

سېناتور ماركو رۇبىيو سۆھبەت پروگراممىدىكى سۆزىدە يەنە ئامېرىكىلىقلارنىڭمۇ خىتاي ھەققىدىكى تونۇشىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى ۋە «نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار 1991-يىلىدىن بېرى ھەقىقەتنى چۈشەنمەي كەلگەن ئىدى. ئۇلار تېخى ئەمدى ئويغىنىۋاتىدۇ. خىتاي بىزنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى رىقابەتچىمىز ئەمەس، ئۇلار دۇرۇس نىيەت بىلەن ھەقىقىي رىقابەتلىشىشنى ئەمەس، بەلكى تۈرلۈك ئويۇنلار بىلەن بىزنىڭ ئورنىمىزنى ئىگىلەشنىڭ كويىدا بولۇۋاتىدۇ،» دېدى.

ماركو رۇبىيو سۆزىنى داۋام قىلىپ «ئەپسۇسكى، بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىشقا شۇنچىلىك ھەۋەس قىلىدۇ. ئۇلار ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنا بىلەن مۇداپىئە پىلانلىرىدا ھەمكارلىشىشنى خالىمايدۇ-يۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئارمىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. مەن پرېزىدېنت ترامپ بىلەن ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. چۈنكى بۇ ھۆكۈمەت ئۇزۇن يىللار بويىچە داۋام قىلغان سۈيئىستېمالدىن كېيىن ئاخىرى خىتايغا قارشى ئورنىدىن دەس تۇرغان بىردىن-بىر ھۆكۈمەتتۇر،» دېدى. ماركو رۇبىيو سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ ئاخىرىدا پروگرامما رىياسەتچىسى تاككېر كارلسوننىڭ بۇ مەسىلىگە ئورۇن بەرگەنلىكىگە خۇرسەنلىكىنى ئىپادىلەپ سۆزىنى ئاياغلاشتۇردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئامېرىكىدىكى مانا مۇشۇنداق نۇرغۇنلىغان مۇھىم خەۋەر ۋە سۆھبەت پروگراممىلىرىدا ئورۇن ئېلىپ، ئامېرىكا جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ۋە ئېڭىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا. تاككېر كارلسوننىڭ ئاخشاملىق پروگراممىسىمۇ ھەر كۈنى كەچ سائەت 8' دە فوكۇس قانىلىدا تارقىتىلىدىغان ۋە نۇرغۇن كىشىلەر، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى ئوڭ قانات سىياسەتنى ياقىلايدىغان كىشىلەر كۆپلەپ كۆرىدىغان پروگراممىلاردىن بىرى.