ئاتاقلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ 5 يىل كېسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.01.04
Senewer-Tursun-01.jpg ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئاتاقلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن.
Social Media

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان كۆپ قىرلىق سەنئەتكار، ئاتاقلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، ئۇيغۇر جامائىتى ۋە شۇنداقلا خەلقئارادىكى ئۇيغۇر

سەنۇبەر تۇرسۇن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ۋە «ئون ئىككى مۇقام» لارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن داڭلىق ناخشىچىدۇر. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ سەرخىل مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى، ئۇيغۇر سەنئىتى تەتقىقاتلىرىدىكى ئىزدىنىش نەتىجىلىرى بىلەنمۇ ئېتىراپ قىلىنغان بىر كۆپ قىرلىق سەنئەتكار.

ئەل سۆيگەن سەنئەتكار سەنۇبەر تۇرسۇننىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 5 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ يارا بولغان يۈرىكىنى يەنە قاناتتى.
ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ۋە فېيسبۇك بېتىدە ئىنكاس يېزىپ، سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 5 يىل كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن پەرىشان بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى، دوكتور راچېل ھاررىس خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن بولغان دوستلۇقىغا بۇ يىل 18 يىل تولغان ئىكەن.

راچېل خانىم سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن بولغان كەسپي ھەمكارلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم 2001-يىلى سەنۇبەر تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئاكىسى مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننى ئامېرىكا سىمىسسونىيەن مۇزېيى تەرىپىدىن 2002-يىلى ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا يىپەك يولى سەنئەت فېستىۋالى» غا تەكلىپ قىلىش بىلەن باشلانغانلىقىنى، ئەمما ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئامېرىكىغا كېلىپ كونسېرتقا قاتنىشىشتىن توسۇپ قالغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

سەنۇبەر تۇرسۇن راچېل خانىمنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەنگىلىيەدىكى ئاگاخان مۇزىكا فوندىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كونسىرت قويغان. ئەمما 2016-يىلى 11-ئايدا سەنۇبەر پاسپورتىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن راچېل خانىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. 

سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ھەر بىر ناخشىسىنى ئوخشاشلا سۆيۈپ ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن راچېل خانىم سەنۇبەر تۇرسۇندەك يۇقىرى سەۋىيىلىك يېتۈك بىر سەنئەتكار، ئەل سۆيگەن ناخشىچى ۋە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يارقىن بىر سىموۋولىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سۈپۈرۈپ تاشلاشتەك نىيىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ چۈشۈنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئۆتكەن يىلى دىكابىردا سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خىتايدىكى بەزى كەسپداشلىرىدىن ئاڭلاپ، بۇ قايغۇلۇق ئۇچۇرنى دەلىللەشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ دەلىلەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە سەنۇبەرنىڭ بۇ يىل نويابىردا شىئەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ناخشا كېچىلىكىنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ ئۆزىدىن سەنۇبەرنىڭ بىر پېشكەللىككە ئۇچرىغانلىقىنى پەرەز قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. راچېل خانىم يېقىندا ئەنگىلىيە ئاگاخان مۇزىكا فوندىدىن سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە خىتايغا نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىشنى ئىلتىماس قىلىۋاتقان ئىكەن.

بىز سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ قاچان، نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى، قەيەردىلىكى ھەقىقدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇ ئىلگىرى بىلىم ئاشۇرغان شاڭخەي مۇزىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مۇقام ئانسامبىلى قاتارلىق جايلار بىلەن ئالقىلىشىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن تېلىفونىمىز ئۇلانمىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ تەشۋىقات ئىشخانىسىغا تېلېفون ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي خادىم بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بىزنىڭ كادىرلار بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى ئېيتىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى. 

تۇرسۇن چاڭ دەپ داڭ چىقارغان چالغۇچى سەنئەتكار ئائىلىسىدە-1971 يىلى دۇنياغا كەلگەن سەنۇبەر تۇرسۇن 5-6 ياش چاغلىرىدىن باشلاپ دادىسىدىن دۇتار، ساتتارلارنى چېلىشنى ئۆگەنگەن. ئۇ سېھرېى كۈچكە ئىگە مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن باشلاننغۇچ مەكتەپ چاغلىرىدىلا مەكتەپ سەھنىلىرىدە چاقناشقا باشلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ-3 يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا «سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن» ناملىق مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ تېكىستىگە تۇنجى ئاھاڭىنى ئىشلەپ ۋە ئۆزى ئورۇنداپ ناخشا ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. 

سەنۇبەر تۇرسۇن ئىجراسىدا ۋە ئىجادىيەتلىرىدە «ئانا يۇرت»، «يۇللۇقۇم»، «ھەر كىمنىڭ گۈلى بولسۇن» قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق خاس ناخشا مۇزىكا پىلاستىنكىلىرى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ يەنە يېقىنقى يىللاردا 3 دانە ئۈن ۋە سىن پىلاستىنكىلىرى ئامېرىكا، ئىتالىيە ۋە تۈركىيىدە نەشردىن چىقىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غېرىپ قەلبىگە مەلھەم بولغان ئىدى. 

«قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي-سەنۇبەر تۇرسۇن» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئازىز ئەيسا ئەلكۇن ئەپەندى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ناخشىلىرىغا باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ ناخشىلىرى يېنىك رېتىم، تېكىستلەردىكى مەنىلىك جۈملىلەر، تىلىنىڭ ئاددىي بولۇشى، مىللي خاسلىققا باي يېقىملىق ئاھاڭلار، بۇلبۇل كەبى لەرزان ئاۋاز ۋە مۇڭلۇق كۈيلەرنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ئىجرا قىلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل رىشتىسنى ئۆزىگە باغلايدۇ. بۇ مۇڭلۇق كۈي ۋە ناخشىلارنى ئورۇنداشتا ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۇپ ئورۇنلاپ كەلگەن، خەلقنىڭ مۇڭلىرىنى ئۆز ناخشىلىرىدا يۈكسەك مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۈك سەنئەتكار قىزى، ئاتاقلىق ناخشىچى، مۇزىكانت ۋە كومپوزىتور سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم شەرەپ بىلەن ئورۇن ئالىدۇ!» 

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئۇيغۇر زىيالىسى ئەزىز ئەيسا لوندون ئۇنۋېرسىتىتى شەرىقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى برۇنېي گاللېرىي تىياتېرخانىسىدا 2014-يىلى 12-ماي كىونسېرتىنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئەسلىدى.

سەنۇبەر تۇرسۇن-2016يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانجېلىس شەھىرىدە «سەنۇبەر تۇرسۇن ناخشا كېچىلىكى» نى ئۆتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولغان ئىدى. ئەينى چاغدا لوس-ئانجىلېستىكى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئويۇنلىرىنى تەشكىللەش مەركىزىنىڭ تەكلىپى بىلەن شەھەر مەركىزىدىكى كالىفورنىيە پلازا دەپ ئاتىلىدىغان مەدەنىيەت مەيدانىدا سەنۇبەرنىڭ بۇ خاس ئۇيغۇر ناخشا كېچىلىكى ئىنتايىن ھاياجانلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.