مارالبېشىدىكى «سېرىقبويا ۋەقەسى» گە چېتىلىپ نۇرغۇن كىشى قولغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.04.29
qeshqer-saqchi-ismina-almishish قەشقەردىكى بىر مەھەللىدە ساقچىلار ئىسمېنا ئالماشتۇرماقتا. 2011-يىلى ئاۋغۇست.
Muxbir Qiao Long

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى 23 - ئاپرېل مارالبېشىدا يۈز بەرگەن «سېرىقبويا ۋەقەسى» گە باغلاپ قولغا ئالغان كىشىلەرنىڭ سانى 25 كە يېتىپ بارغان.

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ ئۆزىدە 8 كىشىنىڭ تىرىك قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن خىتاي ئاخباراتى قولغا ئېلىنغان بۇ 25 كىشىنىڭ ئىسمى، سالاھىيىتى، ۋەقە بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىپ باقمىدى.

دۈشەنبە كۈنى سېرىقبويا يېزىسىغا قاراشلىق 3 - كەنتنىڭ ئۆزىدىن 3 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئېنىقلاندى. سېرىقبويادىكى ۋەقەدىن خەۋەردار بىر يەرلىك كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3 - كەنتكە كېلىپ ئىجارىدە ئولتۇرۇۋاتقان بىر كىشى بىلەن، ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن قارشىلاشقۇچىلاردىن بىر كىشىنىڭ مەزكۇر كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق تاغىسى_ ئەخمەت تۇرادىم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى قولغا ئېلىنغان.

دائىرىلەر مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئاساسەن ئايدىڭلاشقانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ داۋاملىق ئاخباراتنى كونترول قىلىپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ رايونغا بېرىپ تەكشۈرۈشىنى چەكلىشى، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى داۋاملىق كونترول قىلىشى قاتارلىق ئامىللار ئانالىزچىلارنىڭ ۋەقەگە بولغان گۇمانىنى كۈچەيتىپ كەلدى. بۇ ئۇلاردىكى ۋەقەدە قارشىلىشىپ ئۆلگەنلەر تېررورچىلارمۇ ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارمۇ، دېگەن گۇماننى چوڭقۇرلاشتۇرغان.

خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى مىڭ خوڭۋېي دۈشەنبە كۈنى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتىدا، مارالبېشىدىكى ۋەقەنىڭ ئەھۋالى ئاساسەن ئايدىڭلىشىپ بولدى. يەنە بىر تۈركۈم تېررورچىلار قولغا ئېلىنىپ، قولدا ياسالغان بىر قىسىم پارتلاتقۇچ بۇيۇم، قاتىللىق قوراللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ بايرىقى قولغا چۈشتى، دېگەن.

بىراق ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي تور ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى لى خوڭكۇاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى دەرھال «تېررورلۇق قىلمىش» دەپ ئېلان قىلىشىدا گۇمانلىق نۇقتىلار بار.

ئۇ: مەن بۇ خەۋەرگە دىققەت قىلدىم. خەۋەردە بەزى گۇمانلىق نۇقتىلار بار. بىرىنچى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى 3 - بىر تەرەپنىڭ خەۋەر قىلىشىنى قامال قىلىپ، چەتئەل ۋە باشقا رايونلاردىكى جۇڭگو مۇخبىرلىرىنىڭ شۇ رايونغا بېرىپ، نەق مەيداننى تەكشۈرۈشىگە يول قويمىدى. پەقەت ئۇ نېمە دېسە شۇ خەۋەر قىلىندى. بۇ، ئوقۇرمەن ياكى ئاڭلارمەنلەرنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلمىدى. ئىككىنچى، بۇ ۋەقە دەل ئامېرىكىنىڭ بوستون مارافون ھۇجۇمى پاش قىلىنىپ، گۇماندار قولغا ئېلىنغان كۈنىگە توغرا كەلگەن. يەنى تېررورلۇق خەلقئارانىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭدىكى مۇستەقىللىق داۋاسى قىلغۇچىلارغا تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈردى. ئۇلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە سۈكۈت قىلىشىغا ئېرىشىشنى كۆزلىدى. بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن ئىستراتېگىيە. بىراق، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئېنىق ئەمەس. زادى قانداق ۋەقە يۈز بەردى؟ كىم كىمنى ئۆلتۈردى، دېگەن تەپسىلاتلار مەجھۇل، دەپ كۆرسەتتى.

ئانالىزچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقەگە قايتۇرغان ئىنكاسى.

خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى مىڭ خوڭۋېي خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتىدا، ئاتالمىش تېررورچىلارنى بارلىق زۆرۈر ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قاتتىق باستۇرىدىغانلىقى، رەھىم - شەپقەت قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، «ئۈچ خىل كۈچلەر» شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ئاساسلىق خەۋپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

بىراق خىتاينىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە بەرگەن تەبىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل گۇمانىنى قوزغاپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق بىلەن سىياسىي ئۆكتىچىلىك ۋە تىنچ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ چەك - چېگرىسىنى مۈجىمەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئوخشاش ۋاسىتىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن.

لى خوڭكۇەن ئەپەندى مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى مىڭ جۇڭۋېينىڭ سۆزى قايىل قىلارلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، باشقىلارنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ، ئۇ يەردىن تېپىلغان بايراق قاتارلىق نەرسىلەرنى باشقا بىر قاتىللىق دېلوسىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. بايراق جىنايى پاكىت ئەمەس. بەلكى ئۇ پىكىر ئەركىنلىكىگە مەنسۇپ نەرسە. لى خوڭكۇاڭ، بۇ خىل قوپال سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ خىل يۇقىرى بېسىملىق، لۈكچەكلەرچە ۋە يولسىز تەدبىر شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلىشنىڭ يولى تىنچلىق ۋە سوغۇق قانلىق بىلەن ئولتۇرۇپ، شىنجاڭ خەلقى جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىدىن پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئالدىدا ئوچۇق - ئاشكارا زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىنى سوراش. ھەر قايسى تەرەپلەر بىردەك قوبۇل قىلالايدىغان بىر ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش. شۇنى ئاساس قىلىپ، تىنچ ياشاشنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. بىراق كومپارتىيە بۇ خىل دېموكراتىك پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ھېچقاچان قوبۇل قىلىپ باقمىدى. كومپارتىيە مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ھېچقاچان دېموكراتىيىگە تايانغان ئەمەس. ئۇ مەسىلە ھەل قىلىشتا تۆمۈرگە، پۇرۇلتارىيات دىكتاتورسىغا، كۈچكە ۋە ئارمىيىگە تايىنىدۇ......... بۇ پەقەت زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ، خالاس. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا بەزى ئۇقۇشماسلىقلار بولۇشى مۇمكىن. بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا نارازى بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. بىراق، ئۇلارنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش يولى يوق. بەزى رادىكال ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ بىلدۈرۈپ باققان بولسىمۇ، بىراق جۇڭگو ھۆكۈمىتى قۇلاق سالمىدى. بۇ ئەھۋالدا زىددىيەت داۋاملىق ئۆتكۈرلىشىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ داۋاملىق زورىيىش ئېھتىماللىقى بار. ئاخىرىدا شىنجاڭ ئوت دېڭىزىغا ئايلىنىپ، قان دەريا بولۇپ ئاقسا مەن ھەيران قالمايمەن. چۈنكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى شىنجاڭنى بۇ يولغا ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە ئۆلگەن ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ۋە ساقچىلارغا مۇراسىم ئۆتكۈزگەن. مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ۋەقەنىڭ مىللىي ياكى دىنىي مەسىلە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ ئۆز مىللىتىدىكى كىشىلەرنى ئاياپ قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ «ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش يولىدىكى تېررورلۇق قىلمىش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

23 - ئاپرېل يۈز بەرگەن سېرىقبويادىكى ۋەقەدە ئۆلگەن 15 نەپەر ھۆكۈمەت ياللانما خادىمى ۋە ياللانما ساقچى خادىمىنىڭ 10 نەپىرى ئۇيغۇر ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.