چەتئەللەردىكى تەتقىقات ئورگانلىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئۇيغۇر ئېلى تىنجىمايدۇ

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 23 - ئاپرىل مارالبېشى سېرىقبۇيا يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقە خەلقئارادىمۇ بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىدى. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىككىنچى چوڭ قانلىق ۋەقە دەپ قارىلىۋاتقان سېرىقبۇيا ۋەقەسىنى خىتاي دائىرىلىرى تېررور ۋەقەسى دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بازار تاپالمىدى.

ئەكسىچە، چەتئەللەردىكى تەتقىقاتچى، كۆزەتكۈچىلەر ۋەقەنىڭ كېلىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ، خىتاينىڭ 2009 - يىلىدىن كېيىن رايوندا يۈرگۈزگەن ئىسلاھاتلىرىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلمىغانلىقى، ئەگەر خىتاي بۇ سىياسىتىنى داۋام قىلغان تەقدىردە مارالبېشىدىكىدەك ۋەقەلەرنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە سىىلەرگە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم مۇلاھىزىلەردىن مەلۇمات بېرىدۇ.

سېرىقبۇيا ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە شۇنىڭدەك خەلقئارادىكى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ۋەقەنىڭ پۈتۈن جەريانىنى تولۇق ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى سېرىقبۇيا ۋەقەسىنى ئۆزىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشقا چاقىردى. خەلقئارادىكى ئالاقىدار ئورگانلار ئاساسەن ۋەقەگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنى مۇلاھىزە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان سىياسىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك ۋەقەلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

مەسىلەن، ئەنگىلىيىدىكى خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورگىنى بولغان خان جەمەتى بىرلەشمە مۇلازىمەتلەر ئىنىستىتۇتى ۋەقەدىن كېيىن ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009 - يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن رايوندا يۈزگۈزگەن سىياسىتى ئارقىلىق ۋەقەنىڭ ماھىيىتىگە باھا بەرگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ناھايىتى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرغان. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى رايوندا ماۋ زىدۇڭنىڭ «ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ» دېگەن ئىدىيىسى بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش، دەل ۋاقتىدا زەربە بېرىش ۋاستىسى قوللىنىپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتكەن. مۇلاھىزىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2009 - يىلىغىچە 15 يىلغا يېقىن قاتتىق قوللۇقى بىلەن تونۇلغان ۋاڭ لېچۈەن تەرىپىدىن باشقۇرۇلغانلىقى، ئۇنىڭ «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكەتلىرى بىلەن تونۇلغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاڭ لېچۈەننى 2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىشىگە قارىتا مۇنداق باھا بېرىلگەن :

- ۋاڭ لېچۈەن يۆتكەپ كېتىلگەندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنى يېقىندىن كۆزەتكەندە ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان مەنا بېرىشكە بولىدۇ. خىتاي رەھبەرلەر ۋاڭ لېچۈەننى ھوقۇقىدىن چۈشۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئۇنى خىتاي سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قىلىپ ئۆستۈرۈپ بېيجىڭغا ئەكەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ «قاراڭغۇ» ئەمەلدارىنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن قاتتىق قوللۇق سىياسىتى ئەمەلىيەتتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ رايون مۇقىملىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆپى ۋاڭ لېچۈەننىڭ يۆتكەپ كېتىلىشىنى ئۇنى ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يېتەرلىك قاتتتىق بولمىدى، دەپ نارازى بولغان خىتايلارنىڭ ئاچچىقىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئوينالغان بىر سىياسىي ئويۇن، دەپ قارايدۇ.

ئەنگىلىيە خان جەمەتى بىرلەشمە مۇلازىمەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇلاھىزىسىدە يېڭى رەھبەر جاڭ چۈنشيەن يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن ۋە رايوندا يېڭى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار يولغا قويۇلغاندىن كېيىنمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا بىر ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ داۋاملىق ھالدا رايوندا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ۋەقەنى «شەرقىي تۈركسىتان بۆلگۈنچى تېررورچىلىرى» پەيدا قىلدى دېگەننى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ داۋام قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ «جاڭ چۈنشيەننىڭ 2012 - يىلى نويابىردا سىياسىي بيۇرۇ ئەزاسى قىلىپ ئۆستۈرۈلۈشى ئۇنىڭ بۇ مەۋجۇت قاتتىق قوللۇق سىياسەتنى داۋاملاشتۇرغانلىقىغا بېرىلگەن مۇكاپاتنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ئىپادىسى» دېيىلگەن.

مەزكۇر ئورگان مۇلاھىزىسدە، مارالبېشىدا يۈز بەرگەن ۋەقەگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، رايوندا بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:

- ئەپسۇسكى، دائىرىلەرنىڭ سېرىقبۇيا ۋەقەسىگە قايتۇرغان ئىنكاسى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق نارازىلىق ھەرىكىتىنى تېخىمۇ زالىملىق بىلەن باستۇرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ تۇرماقتا. سېرىقبۇيا ۋەقەسىدىن كېيىن شى جىنپىڭ ۋە جاڭ چۈنشيەن ھەر ئىككىلىسى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ چىڭىتىشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2010 - يىلىدىن كېيىن يولغا قويغان ئىقتسىادىي ئىسلاھاتلىرى ۋە كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي، ۋەقەلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرقى مەۋجۇت مۇقىملىقنى قوغداش سېستىمىسى داۋام قىلغان مۇددەتچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىن كەلگۈسى ئۈچۈن تىنچلىقتىن شەپە بېرىش ئانچە مۇمكىن ئەمەس. بىز كېلەچەك يىللاردا تېخىمۇ كۆپ ۋەقەلەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

بۇ قېتىمقى سېرىقبۇيا ۋەقەسىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاسلاردا يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئۆزگەرمىگۈچە شىددەت ۋەقەلىرىنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىدەك ئورتاق بىر نۇقتا ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان دېترويىت خەۋەرلىرى گېزىتىمۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىملىق سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە يازغان خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بېسىم سىياسىتى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان ۋە ئۇنى رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ يىلتىزى، دەپ كۆرسەتكەن. ماقالىدە «خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇنداق زوراۋانلىق ۋەقەلىرى پەقەت خىتاينىڭ ئىچىدىلا قالمايدۇ. ئۇ خىتاينىڭ سىرتىغا يەنى پۈتۈن دۇنياغا تەسىر قىلىدۇ، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ھەممىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ يېزىلغان.