مەلۇم بولۇشىچە، 9 نەپەر پىدائىي سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشتىن بىر سائەت ئىلگىرى مارالبېشى ناھىيىلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى، ئۇلارنىڭ ئىككى نەپەر سەپدىشىنى ئالاغىر يېزىسى ۋە سېرىقبۇيىنىڭ 17-كەنتىدىن تۇتقۇن قىلغان.
ئىككى شېرىكى تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭمۇ پاش بولىدىغانلىقىنى ۋە باستۇرۇلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان پىدائىيلار، باستۇرۇشنى كۈتۈشنىڭ ئورنىغا ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش يولىنى تاللىغان.
شۇڭا ئۇلار، تەييارلىقسىز ھالەتتە ئۇشتۇمتۇت ھەرىكەت قوزغاپ، پۇختا تەييارلىق ئىچىدىكى خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان. مەلۇم بولۇشىچە، ھاياتىدىن ئايرىلغان بۇ 9 نەپەر پىدائىينىڭ 3 نەپىرىنىڭ سېرىقبۇيىدىن، 2 نەپىرىنىڭ ئاقسۇدىن ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان؛ قالغان 4 نەپىرىنىڭ كىملىكى تېخى ئېنىقلانمىغان.
**************************************
مۇخبىر: شۇ كۈنى بىنانىڭ ئىچىدە قانچىلىك ئادەم بار ئىدى؟
خادىم: ناھىيىدىن كەلگەن ئەسقەر جۈيجاڭ، دۆلەت ئامانلىقىغا مەسئۇل قۇربان جېڭۋېي )قۇربان ھەيدەر( قاتارلىقلار بولۇپ 20 گە يېقىن ئادەم.
مۇخبىر: ئۇلار ھەر ۋاقىت مۇشۇ يەردە بولامدۇ ياكى مەلۇم بىر ئىش بىلەن كەلگەنمۇ؟
خادىم: گوباۋنىڭ)دۆلەت ئامانلىقنىڭ( شۇ كۈنى ئىككى ئادەم تۇتقان، ئۇلار شۇلارنىڭ ئادەملىرىكەن، شۇڭا قوزغىلىپ كېلىپ ھۇجۇم قىلغان.
مۇخبىر: ئۇنداقتا، ھۇجۇمچىلارنىڭ ئىككى ئادىمى ئۇلار ھۇجۇم قوزغاشتىن بۇرۇن تۇتۇلغان دېگەن گەپ؟
خادىم: شۇنداق، يېقىن ئەتراپتا ئالاغىر دەپ قوشنا يېزا بار، يېرىم سائەت ئاۋۋال شۇ يەردىن ئىككى ئادەمنى تۇتۇپ كەلگەن. ئىككىسى تۇتۇلغاندىن كېيىن قالغانلىرىمۇ، ئۇلار پاش بولدى، بىزمۇ پاش بولىمىز، ئۇلار كېلىپ بىزنى تۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ كېلىپ تۇتۇشىنى كۈتۈپ تۇرغىچە، بېرىپ ھۇجۇملا قىلايلى، يا ئۇ ئىككىسىنى قۇتقۇزۇپ چىقارمىز، بولمىسا باشقا كەلگەننى كۆرەرمىز دەپ كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەي كەلگەن گەپ.
مۇخبىر: ئالاغىردىن تۇتۇلغانلار قانداق يەردىن، قانداق ۋەزىيەتتە تۇتۇلۇپتۇ؟
خادىم: ئۇنى مەن بىلمىدىم، ئۇلارنى تۇتۇپ كېلىپ ئايرىم ئىككى ئۆيگە ئەكىرىپ سوراق قىلىپ، يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىنلا بېسىپ كەلدى.
مۇخبىر: ئىككى سەپدىشى تۇتۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېتىپ كېلەلىگىنىگە قارىغاندا، بۇلار يېقىن ئەتراپتا ياشاۋاتقان ياكى مۆكۈپ تۇرۇۋاتقانلار ئوخشىمامدۇ؟
خادىم: ئالاغىردىن كەلسىمۇ 10-15 مىنۇتتا كېلىپ بولالايدۇ. ھازىرغىچە بەشىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى. بۇلارنىڭ 3 ئى سېرىقبۇيىدىن، ئىككىسى ئاقسۇ ئاۋاتتىن؛ قالغانلىرى تېخى ئېنىقلىنىۋاتىدۇ.
مۇخبىر: جەسەتلەرنى كۆردىڭىزمۇ؟ سېرىقبۇيىدىن بولغانلارنى تونىيالىدىڭىزمۇ؟
خادىم: ياق، مەن تونۇيالمىدىم، چۈنكى ھەممىسى 1990-يىللاردا تۇغۇلغان بالىلار ئىكەن، ئەڭ چوڭى 30 ياش، قالغىنى 21 ياشنىڭ تۆۋىنىدە، ئەڭ كىچىكى 17 ياش.
************************
مۇخبىر: سىز شۇ كۈنى ساقچىخانىدا بارمىتىڭىز؟
خادىم: ھە بار.
مۇخبىر: شۇ كۈنى ئالاغىرغا ئادەم تۇتۇشقا سىز باردىڭىزمۇ؟
خادىم: ياق، بارمىدىم.
مۇخبىر: ئالاغىرىدىن تۇتۇلغانلار كىملەر؟
خادىم: ئۇنىڭدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوقكەن.
مۇخبىر: شۇ كۈنى ھۇجۇمچىلارنىڭ ئىككى شېرىكى تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار ھۇجۇمنى قوزغاپتىغۇ؟
خادىم: ئۇ تۇتۇلغانلار سېرىقبۇيىنىڭ 17-دادۈيىدىن تۇتۇلدى..
مۇخبىر: : شۇلارنى تۇتۇشقا سىز باردىڭىزمۇ؟
خادىم: ياق، مەن ۋەقەنى بېسىقتۇرۇشقا قاتناشتىم.
مۇخبىر: سىزنىڭمۇ قولىڭىزدا قورال بارمىدى؟
خادىم: يوقتى.
مۇخبىر: سىز نېمە ئىش قىلدىڭىز؟
خادىم: ۋەقە چىققاندىن كېيىن يەنسو بىلەن جاڭسو ئۆگزىگە قاراپ ماڭدى، مەنمۇ ئارقىسىدىن چىقتىم؛ ئۇلار ئاتتى، مەن «ئا يەردە بار، مايەردە بار» دەپ كۆرسىتىپ بەردىم. بىرئازدىن كېيىن «ئەنجىڭلا شيالەي» بېسىقتى تۆۋەنگە چۈشۈڭلار دېدى؛ پەسكە چۈشۈپ، قورۇلارنى تازىلاپ، ئۇ يەر-بۇ يەرنى رەتلەپ دېگەندەك ئارقا سەپ ئىشلىرىنى قىلدىم.
يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتاينىڭ مىللىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، بىخ ھالىتىدە يانجىپ تاشلاش، باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇرۇش، رەھىم قىلماسلىق، نەق مەيداندا ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىش دېگەندەك بىخەتەرلىك تەدبىرىلىرى 9 نەپەر پىدائىينىڭ سېرىقبۇيا ساقچىخانىسىغا تەييارلىقسىز ھۇجۇم قىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە.