خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنى ئىزچىل چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈچلىرىگە باغلاپ باستۇرۇپ كەلگەن. دائىرىلەر «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دە د ئۇ ق نى قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
خوتەن، قاغىلىق، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋە توقۇنۇشلارنى ھىندىقۇش تاغلىق رايونلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جىھاتچى كۈچلىرىگە باغلىغان ئىدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم مارالبېشى «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» دە ئۆزىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ۋەقەنى چەتئەلدىكى كۈچلەرگە باغلاش تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتتى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سېرىقبۇيىدىكى ۋەقە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە يۈز بەرگەن «ماراتون تېررورلۇق ۋەقەسى» ئارىسىدا ئۆز - ئارا پارالىللىق قۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت باياناتچىسى خۇ خەنمىن پەيشەنبە كۈنى 23 - ئاپرېل يۈز بەرگەن مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبويا بازىرىدىكى توقۇنۇش ھەققىدە يەنە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ چەتئەل بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چۈشەندۈرۈشى دەرھال چەتئەل ئاخباراتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى داۋاملىق چەتئەل كۈچلىرىگە باغلايدىغان مەۋقەسىدە ئۆزگىرىش ياسىغان.
خۇ خەنمىن، «خەلق گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، 23 - ئاپرېل زوراۋانلىق ۋەقەسى تەكشۈرۈلۈپ، «تېررورچىلارنىڭ چەتئەلدىكى كۈچلەر بىلەن ئالاقىسى يوق، دېگەن خۇلاسە چىقىرىلدى» دېگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە قارشىلاشقۇچىلاردىن 25 ئادەم قولغا ئېلىنغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي ئاخباراتىنىڭ دەسلەپكى خەۋەرلىرىدە، قارشىلاشقۇچى 6 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، قارشىلاشقۇچىلارنىڭ 15 نەپەر ساقچى ۋە يەرلىك خادىمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى دەرھال تېررورلۇق دەپ ئېلان قىلىشى، ۋەقە توغرىلىق بىر - بىرىگە زىت ئۇچۇرلارنى بېرىشى چەتئەل ئاخباراتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋە كۆزەتكۈچىلەردە گۇمان قوزغىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ۋەقەنى تەلتۆكۈس، ئوچۇق - ئاشكارا تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىپ، ۋەقەدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت كۆرسىتىشكە چاقىرغان ئىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تىنچ مۇخالىپلارنى، مۇشتەرەك جىنايى قىلمىشلارنى بىمالال تېررورلۇق كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈپ كەلگەن. خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا چىقىدىغان نەشرىيات ئەپكارى - «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان ئۆكتىىچى زىيالىيلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تېررورلۇق ئۆلچىمىگە چۈشمەيدۇ.
ئۇ : «ھۆكۈمەتنىڭ چۈشەندۈرۈشى بويىچە ئېيتقاندىمۇ، ناھايىتى ئېنىقكى مارالبېشىدىكى ۋەقە تېررورلۇق ھۇجۇم ئەمەس. قەيەردىمۇ تېررورچىلار ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تېررورلۇق قىلىدىغان ئىش بولىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تېررورلۇق قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇ ئائىلىسىنى زور خەتەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ. ھېچكىم بۇنداق قىلمايدۇ. تېررورلۇقنىڭ ئۆزىگە خاس تەبىرى بار. ئۇ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلسا تېررورلۇق بولىدۇ. شۇڭا ئۇ، ئادەملەر توپلاشقان يەرلەرنى ياكى سىمۋول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ۋە ئورۇنلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسى مۇددىئاسىنى ئىپادىلەيدۇ. سىز مارالبېشى ۋەقەسىگە دىققەت قىلسىڭىز، ئۇنىڭ ھېچقانداق بىر تەرىپى تېررورلۇق تەدبىرىگە چۈشمەيدۇ. ئۇ چوقۇم تېررورلۇق ھۇجۇمى ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ چەتئەلگە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، بىراق «تېررورچىلار»نىڭ چەتئەلدىكى بۆلگۆنچى كۈچلەر ۋە خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىگە ئائىت سىنئالغۇ كۆرۈپ، شۇنىڭ تەسىرىدە رادىكاللاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. دائىرىلەر ۋەقە توغرىلىق بەرگەن دەسلەپكى ئۇچۇرىدا، ئۇلارنىڭ قۇرئان كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەسەبىي دىنىي كىتاب، جىھادقا چاقىرىق قىلىنغان بايراق قاتارلىق بۇيۇملارنى ساقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنىستىتۇتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى لى ۋېي بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ: بۇ تېررورلۇق ھەرىكىتى چەتئەلدىن كىرگەن تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ئىدىيىسىدىن ئىلھام ئالغان. شىنجاڭدا ئەسەبىي ئىدىيىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئاز بىر قىسىم شەخس ۋە گۇرۇھلار مەۋجۈت، دېگەن.
بىراق، خىتاينىڭ بۇ خىل بۇيۇملارنى تېررورلۇقنىڭ دەلىلى قىلىپ كۆرسىتىشى، «سېرىقبۇيا ۋەقەسى»نىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىگە بولغان گۇماننى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتكەن. «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ۋەقەدە نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلار بار.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىز ئويلاپ بېقىپ، مەھەللە كومىتېتىنىڭ بىر نەچچە خادىمى باشقىلارنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈپ، پارتلاتقۇچ، قىڭراق قاتارلىق قوراللارنى تاپقان. ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتەن بىر تېررورلۇق جىنايەت شايكىسىنى بايقىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم جىددىيلىشىپ، دەرھال قېچىپ چىققان بولاتتى. بىراق ئۇلار نېمىشقا قېچىپ چىقمىدى؟ ئۇلار ئۆيدە خېلى ئۇزۇن سۆزلەشكەن، بۇ جەرياندا ئەھۋالنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلغان. يۇقىرى بۇ ئۆيگە ساقچى ئەۋەتكەن. ھۆكۈمەتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كەلگەن ساقچىلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ساقچى باشلىقىنىڭ تاپانچىسى ۋە ئالتە پاي ئوقى بار. چۈشەندۈرۈشكە قارىغاندا، مەھەللە كومىتېتىدىكى خادىملار يۇقىرىغا ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى مەلۇم قىلمىغان. ئەگەر ئەھۋال جىددىي بولغان بولسا، يۇقىرى قوراللىق ساقچى قىسىملارنى ئەۋەتكەن بولاتتى. كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر ئادەمنىڭ تاپانچىسى بار. بۇنىڭ ئۆزى ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنىڭ ئۇنچىلىك ئېغىر ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە بىر نۇقتا، ئەگەر بۇ ئۆيدىكى ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن تېررورلۇققا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولسا، ئۇلار مەھەللە كومىتېتىنىڭ خادىملىرىنى دەرھال جايلىۋەتكەن بولاتتى. ئۇلارنىڭ يۇقىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىغا ۋاقىت بەرمەيتتى. دېمەك ئەھۋال ئۇنچىلىك ئېغىر ئەمەس. ئۇ ھالدا بۇ قانلىق توقۇنۇش قانداق كېلىپ چىقتى؟ بۇ بىزنى شۈبھىلەندۈرۈۋاتقان گۇمانلىق نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر.
د ئۇ ق چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋەقە توغرىلىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر قېتىم بۇ خىل ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتسىمۇ، بىراق ئاتالمىش تېررورلۇق ھەققىدە ئىزچىل قايىل قىلارلىق ئىسپات كۆرسىتىپ بەرمەيۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. د ئۇ ق باياناتىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، بېسىمنى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئۇچۇرنى قامال قىلىش، خىيالى تۇتقۇن قىلىش، ئىز - دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش ھەرىكىتىنى توختاتقانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
بەز ئىئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەنى چەتئەلگە باغلىمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقەنىڭ ئامېرىكىدا «بوستون تېررورلۇق ھۇجۇمى» يۈز بەرگەن مەزگىلدە بولغانلىكىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى ۋەقە ئوتتۇرىسىدا ئۆز - ئارا پارالىللىق قۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سېرىقبۇيىدىكى ۋەقەنى «بوستون تېررورلۇق ھۇجۇمى» بىلەن ئوخشاش سەۋەبكە، يەنى ۋەقە تېرىغۇچىلارنى جىھاد ھەققىدىكى دىنىي تەشۋىقات فىلىملىرىنى كۆرۈپ، رادىكاللاشقانلىقىغا باغلىغانلىقى بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.
0:00 / 0:00