2 - ماي كۈنى ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىلەن د ئۇ ق بىرلىكتە يارۇپا پارلامېنتىغا خەت يېزىپ، 23 - ئاپرىل «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» نى تەكشۈرۈشكە چاقىرغاندىن كېيىن، 4 - ماي كۈنى د ئۇ ق نىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ ياۋرۇپا پارلامېنتىغا مەكتۇپ يوللاپ، «سېرىقبۇيا ۋەقەسى»نىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئېنىقلاشنى ئىلتىماس قىلغان.
د ئۇ ق نىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى ئۆز مەكتۇبىنى ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ خىتاي بىلەن دىئالوگ قىلىش گۇرۇپپىسى، ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى شۇنداقلا ياۋرۇپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى قاتارلىق ئۈچ ئورگاندىكى 90 دىن ئارتۇق ۋەكىلگە يوللاپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىگە تارتىشقا تېرىشقان ھەمدە «سېرىقبۇيا ۋەقەسى»نى ياۋرۇپا پارلامېنتىدىن تەرەپسىز بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ ئېنىقلاپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان.
ئەنۋەرجان ئەپەندى مەكتۇبىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە قارىتىلغان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئەگەر دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇ قېتىم يەنە تەدبىر ئالمىسا، خىتاي خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تۈرلۈك ئويدۇرما باھانىلەرنى تېپىپ، يۇرتىمىزدا ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان «قاتتىق باستۇرۇش» سىياسىتىنى داۋام ئەتكۈزىدۇ، دېگەن. ئۇ يەنە ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋەكىللىرىدىن، پارلامېنتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىلىق «پەۋقۇلئاددە قارار لايىھەسى» تەقدىم قىلىشلىرىنى ئىلتىماس قىلغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق نىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
0:00 / 0:00