مىللىي بىر دۈلەتنىڭ قوغدىشى نېسىپ بولمىغان شەخسىي بايلىقنىڭ شۇ شەخسنىڭ ئائىلىۋىي بەخت - سائادىتىلا ئەمەس، ھەتتا خاتىرجەملىكىگىمۇ كېپىل بولالمايدىغانلىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى يۈز يىللىق تارىخىدا كۆپلىگەن مىساللار بىلەن ئىسپاتلاندى. نۆۋەتتە ئىئوردانىيەدە ياشاۋاتقان 60 نەچچە نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھايات كەچمىشى مانا بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى. زىيارەت ئوبيېكتىمىز سېيىت نادىرخاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بوۋىسى 1930 - يىللارنىڭ ئالدى - كەينىدە ھىندىستان بىلەن شەرقى تۇركىستان ئارىسىدا سودا قىلغان، قەشقەر، خوتەن، يەكەنلەردە تىجارىي دۇكانلىرى بولغان چوڭ بىر سودىگەر. ئۇنىڭ بوۋىسىدىن دادىسىغا مىراس قالغان 2400 مو يەر ۋە باشقا بايلىقلار خىتاي كومپارتىيسى دەۋرىدە مۇسادىرە قىلىىنىپلا قالماستىن يەنە، دادىسى سېيىت ئابدۇللاخاننىڭ ئۇرۇپ سوقۇلۇشى ۋە ۋەتەندىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان. سىيىت نادىرخان مۇخبىرىمىز بىلەن سۆھبىتىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا دادىسىنىڭ كىملىكى ۋە كەچمىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مەلۇمكى، خىتاينىڭ دۆلەت كۈچى گەرچە مەزكۇر ئائىلىنىڭ مال - دۇنياىسىنى بۇلاپ ئېلىۋېلىشقا يارىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئائىلىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ياشاش ئىقتىدارى، جۈملىدىن سودىگەرلىك ئېڭى ۋە ئىشچان تەبىئىتىگە چېقىلالمىغان. شۇڭا شەرقى تۈركىستاندىن - پاكىستانغا قۇرۇق قول چىقىپ كەتكەن بۇ ئائىلە پاكىستان، تەيۋەن ۋە ئىئوردانىيە تۇپراقلىرىدا تىرىكچىلىك قىلىپ يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە قەددىنى قايتىدىن رۇسلىغان. بۇ جەريانلارنى بۇنىڭدىن كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق ھالدا تونۇشتۇرىمىز.