رابىيە قادىر خانىم: «شاۋگۇەن ۋەقەسى»ئۇنتۇلمىدى، خىتاي دائىرىلىرى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك

0:00 / 0:00


2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قەشقەر توققۇزاقتىن گۇاڭدۇڭ شاۋگۈەندىكى شۈرى ئويۇنچۇق فابرىكىسىغا ئىشچىلىققا ئېلىپ بېرىلغان مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر، فابرىكىغا قەدەم بېسىپ 2 ئاي ئۆتمەستىن، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كالتەك - چوماقلىق كوللېكتىپ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.

ھۇجۇمدا، خىتاي ھۆكۈمەت مەلۇماتى بويىچە ئىككى ئۇيغۇر ئۆلىدۇ ۋە 118 ئۇيغۇر يارىلىنىدۇ. تەرەپسىز ئاخباراتلارنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 18 نەپەر ئۇيغۇر ئۆلىدۇ، يۈز نەچچە ئۇيغۇر يارىلىنىدۇ. بۇ ۋەقە «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» ئىبارەت ئۇيغۇر تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ بىر ۋەقەنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

«شاۋگۈەن ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان بۇ مەشھۇر ۋەقەنىڭ يەتتە يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزدا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «شاۋگۈەن ۋەقەسى» نى تېخى ئۇنتۇمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى مەزكۇر ۋەقەدىكى جاۋابكارلىقىنى كېچىكتۈرمەستىن ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىردى. رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

سوئال: ھۆرمەتلىك رابىيە خانىم، دۇنياۋى تەسىر پەيدا قىلغان ۋە «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ قوزغاتقۇچ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولغان «شاۋگۈەن ۋەقەسى» نىڭ يۈز بەرگىنىگە

7 يىل بولۇپ قالدى، سىزچە بۇ ۋەقە ئۇنتۇلدىمۇ، بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر - خىتاي مۇناسىۋىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى تازىلاندىمۇ؟

جاۋاب: جامائەت سورۇنلىرىدىكى سۆھبەتلەردىن، تورلاردىكى ئىنكاسلاردىن، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، ئۇيغۇرلار «شاۋگۈەن ۋەقەسى» نى تېخى ئۇنتۇمىدى، ئۇنتۇيالمىدى. چۈنكى شاۋگۈەن ۋەقەسى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دە غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىچە ئىز - دېرىكى بولمىدى، «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئېتىلغان ۋە كېسىلگەنلەرنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ھېلىھەم يىغلاپ، قاقشاپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن تېخىمۇ شىددەتلەنگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە يېقىنقى 2 - 3 يىلدىن بېرى تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ چىقىۋاتقان سىياسىي پاناھلانغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ «شاۋگۈەن ۋەقەسى» نى ئۇنتۇمىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى.

سوئال: بۇ دېگەنلىرىڭىزدىن «شاۋگۈەن ۋەقەسى» ئۇيغۇر - خىتاي مۇناسىۋىتىدە تارىخىي بىر يارا پەيدا قىلدى،دېگەن مەنە چىقىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق چۈشىنىشكە بولامدۇ؟

جاۋاب: دەل شۇنداق. چۈنكى شاۋگۈەن ۋەقەسى كۆرۈنۈشى شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق؛ ئاقىۋىتى شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق تۇرۇپ، تا ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ۋەقەدىكى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى. پەقەت «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» كېلىپ چىققاندىن كېيىنلا ۋەقەدە رول ئالغان بىرقانچە كىشىنى جازالىغان بولدى، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆڭلى تەسەللى تاپقۇدەك، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئۈمىدلەنگۈدەك تەشۋىقاتمۇ، ئىجرائاتمۇ بولمىدى.

سوئال: ۋەقەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ جاۋابكارلىقى نېمە؟

جاۋاب: «شاۋگۈەن ۋەقەسى» دە ئۇيغۇرلار ساقچىلارنىڭ ياكى ئەسكەرلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىمىدى، پۇقرالارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى؛ كۆرۈنۈشلەردىن مەلۇمكى بىر نەچچە كىشىنىڭ ئەمەس، يۈزلەرچە كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، بۇ ھۇجۇم مىڭلارچە كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بەردى؛ ۋەقە يۈز بېرىپ 4 سائەتكىچە ھۇجۇمنى توسىدىغانلار، ئاجرىتىدىغانلار بولمىدى. ئۇلاردىكى بۇ رەھىمسىزلىك، بۇ جاسارەت نەدىن كەلگەن؟ بۇنى ھۆكۈمەت باسقۇنچىلىق ھەققىدىكى پىتنە - پاساتتىن، دەپ چۈشەندۈردى. بۇ قۇرۇق گەپ، بۇ رەھىمسىزلىك ۋە جاسارەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى؛ ئۇيغۇرلارنى توختىماي تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەش ۋە دۆلەت دۈشمىنى قىلىپ تەسۋىرلەش بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىدا ئەنە شۇنداق نەپرەتنى پەيدا قىلغان بولسا، ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ھەتتا سوتسىز جازالاشلار، بەزى خىتاي پۇقرالىرىدا يۇقىرىقىدەك جاسارەتنى شەكىللەندۈردى. ئېچىنىشلىق ۋە ئەندىشىلىنەرلىك يېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ خاتالىقىنى تېخىچە ئېتىراپ قىلغىنىمۇ يوق، تۈزەتكىنىمۇ يوق، داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇنداق شاۋگۇەن ۋەقەلىرى چىقىشى تەبىئىي، مەن شۇ چاغدىمۇ يەنە شۇ پۇقرالارنى ئەمەس، ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەيمەن، چۈنكى تەشۋىقات ۋە مائارىپ خىتايدا پۈتۈنلەي دۆلەتنىڭ قولىدا.

سوئال: ھەر يىلى شاۋگۈەن ۋەقەسىنى ئەسلەپ بايانات بېرىۋاتىسىز، شاۋگۈەن ۋەقەسى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ ئاقىۋىتى ئېغىر بولغىنى ئۈچۈنمۇ؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە خىتاي - ئۇيغۇر مۇناسىۋەت تارىخىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش يالغۇز «شاۋگۈەن ۋەقەسى» لا ئەمەس، ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ، ئارقىسىدىمۇ، شۇنىڭغا ئوخشىغان ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر قان تۆكۈلگەن ۋەقەلەر بولدى. ئەمما «شاۋگۈەن ۋەقەسى» ئىجتىمائىي ئاخباراتنىڭ كۈچى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ كەڭ ۋە ئەڭ تەپسىلىي تارقالغان بىر ۋەقە. ئۇنىڭ ئۈستىگە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن ئىبارەت دەۋر بۆلگۈچ بىر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا قوزغاتقۇچ رول ئوينىغان ۋەقە. شۇڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شاۋگۈەن ۋەقەسىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى يەنى خاتالىقىنى تەكرارلىماسلىق ھەققىدە سىگنال بېرىشى شەرقى تۈركىستاندا مۇقىملىقنىڭ شەكىللىنىشىدىكى باشلانغۇچ قەدەم.

سوئال: «جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش» دېگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كونكرېت ھالدا نېمىلەرنى كۈتىسىز؟

جاۋاب: ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تېررورلۇق تەشۋىقاتىنى توختىتىشى كېرەك، «شاۋگۈەن ۋەقەسى» دىكى قاتىل گۇماندارلىرىنى دەرھال تۇتمىغان ۋە ۋەقە ھەققىدە ئۇيغۇر خەلقىگە دەرھال مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، 5 - ئىيۇل كۈنى «شاۋگۈەن ۋەقەسى» گە ئادالەت تەلەپ قىلغان نامايىشچىلارنى جاۋابسىز قالدۇرغانلىقىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى بوينىغا ئېلىشى كېرەك. شۇندىلا «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دە ھەقسىز جازالانغان مىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭ داۋاسىغا قايتا قاراپ چىقىشنىڭ بىر شەپىسى بولغان بولىدۇ ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىنىڭ پەسىيىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.

سوئال: بىر ئانا ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، «شاۋگۈەن ۋەقەسى» نىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە قانداق تەكلىپ - تەۋسىيەلىرىڭىز بار.

جاۋاب: «شاۋگۈەن ۋەقەسى» دىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، خەلقىمىز ئىچىدە بەزىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ خىتاي خەلقىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى بىر رېئاللىق. مەن شۇنى ئەسكەرتىمەن، دۇنيادا «ياخشى مىللەت»، «يامان مىللەت» دېگەن نەرسە بولمايدۇ، ھەرقانداق مىللەتتە ياخشى ئادەملەر مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما شۇ كۆپ سانلىقنىڭ ئىرادىسى ھاكىمىيەتتە ئەكس ئەتمەيدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. خىتاي دىكتاتور بىر ھاكىمىيەت، خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقانلىرى خىتاي خەلقىنىڭ ئىرادىسى ئەمەس، پەقەتلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىرادىسى. خىتاي - ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى تارىخى يالغۇز «شاۋگۈەن ۋەقەسى» لا ئەمەس، تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىساق، نەچچە مىڭ يىللىق قوشنىدارچىلىق تارىخىمىزدا بىر - بىرىمىزنىڭ ۋەتىنىنى بېسىۋالغان، زېمىنىنى ئىگىلىۋالغان، ئۇرۇشقان - تالاشقان يىللىرىمىزغا قارىغاندا، بىر - بىرىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، مۇستەقىل، تىنچ ۋە باراۋەر قوشنا ياشىغان ۋاقىتلىرىمىز سان جەھەتتىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. شۇڭا مەن خەلقىمىزنى خىتاي - ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكىدىن ئۈمىدۋار بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن.