ئۇيغۇرلارنىڭ 26-ئىيۇن شياۋگۈەن ۋەقەسىگە ئادالەت تەلەپ قىلىشى 8 يىلدىن بۇيان داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

«26-ئىيۇن» ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنتۇلماس بىر كۈن. بۇندىن 8 يىل مۇقەددەم 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى يېرىم كېچىدە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شياۋگۈەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا كېلىپ ئىشلەۋاتقان 800 دەك ئۇيغۇر ئىشچىلار، قوللىرىدا پالتا، پىچاق، تومۇر توقماقلار تۇتقان ھالدا ياتاقلىرىغا تۇيۇقسىز بېسىپ كىرگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئىشچىلارنىڭ زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، ئۇرۇش، ئۆلتۈرۈشلەر يېرىم كېچىدىن تا تاڭ سۈزۈلگىچە داۋام قىلىدۇ، مىللىي ئۆچمەنلىك ئەكس ئەتكەن بۇ قانلىق كۆرۈنۈشلەر ھەتتا پاجىئەنى تاماشا قىلغۇچى خىتايلار تەرىپىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە تارقىتىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي دائىرىلەرنىڭ ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلماسلىقى ئاخىرى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ پىلىتىسىگە ئوت ياقىدۇ. ئۇيغۇرلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى 26-ئىيۇن شياۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ خىتاي كۆرسەتكەندەك تاسادىپىي بىر ماجىرا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىر قانلىق پاجىئە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

شياۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ-8 يىللىق خاتىرە كۈنىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇللىرىدىن زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقان مىللىي كەمسىتىشلەرنىڭ جانلىق ئىسپاتى بولغان شياۋگۈەن ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلار ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ، ئادالەت تەلەپلىرىمىز توختاپ قالمايدۇ» دەپ بىلدۈردى.

26-ئىيۇن شياۋگۈەن ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋەزىيەتنى ئەسلەپ ئۆتسەك، شۇ يىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە، ئەرزان ئىشچى سۈپىتىدە تۈركۈملەپ يۆتكىشى يۇقىرى باسقۇچقا چىققان مەزگىللەر ئىدى،2009-يىلى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدىن گۇاڭدۇڭدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا يۆتكەلگەن 800 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ،بۇ زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقىنىغا ئىككى ئايچە بولغان مەزگىلى ئىدى. 26-ئىيۇن ئۇلار مىڭلىغان خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان كېچە بولسا، بۇ ئىشلەمچى بالىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئېغىر ئەمگەكتىن يېنىپ ياتاقلىرىدا ئارام ئېلىۋاتقان پەيتى بولۇپ، بۇ قارا باسقان كېچىدىكى خىتايلارنىڭ ئۇلارنىڭ ياتاقلىرىغا بېسىپ كىرىپ تاياق ‏-توقماقلىق قوغلاپ، ئۇرۇپ، ئۆلتۈرۈشلىرى دەخلىسىز ھالدا بىر قانچە سائەت داۋام قىلغان.

ئەينى ۋاقتىدا خىتاينىڭ ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، تور بەتلىرىدە شاۋگۈەن ئىرقىي ھۇجۇمىنىڭ تاماشا قىلغۇچى خىتايلار تەرىپىدىن يانفونلاردا تارتىلغان فىلىملىرى تارقىتىلدى، سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلەردە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ مىڭلارچە خىتايلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلۈش جەريانلىرى، چارىسىز قالغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نالىلىرى، ئۆلگەن ئۇيغۇرنىڭ قان ئىچىدە ياتقانلىرى، قىزلارنى پۇتلىرىدىن سۆرەپ نەلەرگىدۇ ئېلىپ كېتىلىشى قاتارلىق قانلىق جەريانلار، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى،نارازىلىقىنى، نامايىشلارغا ئوخشاش جانلىق ئىنكاسلىرى يۇقىرى باسقۇچقا چىقارغان ئىدى.

شاۋگۈەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەدە جەمئىي 120 كىشى يارىلانغان، بۇلاردىن 81 كىشى ئۇيغۇر، قالغان 39 نەپىرى خىتاي؛ ۋەقەدە 2 كىشى ئۆلگەن؛ ئۆلگۈچىلەر ئۇيغۇر. بوشۈن قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەر سانى 18 نەپەر بولۇپ، بۇلاردىن 12 نەپىرى ئۇيغۇر، 6 نەپىرى خىتاي. پەقەت ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، 400 نەپەر ساقچى، 152 نەپەر جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمى، 48 قېتىم جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ھەرىكەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى گۇاڭجۇدىن شۇ يىلى 23-سېنتەبىر خەۋەر تارقىتىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە شاۋگۈەن شەھەرلىك ۋۇجياڭ رايونى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شياۋ جيەنخۇا قاتارلىق 5 كىشىنىڭ مەقسەتلىك زىيانكەشلىك قىلىش دېلوسىنى، لۇ شياۋچياڭ قاتارلىق ئالتەيلەننىڭ توپلىشىپ مۇشتلىشىش دېلوسىنى قانۇن بويىچە ئەيىبلىدى، يۇقىرىدا ئەيىبلەنگەن جاۋابكارلار بۇ يىل 26-ئىيۇن شاۋگۈەن شەھىرى شۈرى ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئىشچىلارنىڭ توقۇنۇشىدا، دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، مەقسەتلىك ھالدا ئادەم يارىلاندۇرغان، توپلىشىپ مۇشتلىشىپ، نۇرغۇن ئادەمگە تالاپەت يەتكۈزۈپ، مال-مۈلۈككە زىيان سېلىپ، ئايرىم-ئايرىم مەقسەتلىك ئادەم زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى ۋە توپلىشىپ مۇشتلىشىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن... دېگەنلەرنى بايان قىلغان.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بولسا، بۇ ۋەقە ۋە ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ۋەقەلىرىدىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، ماھىيەت جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇرلارنى خىتاي شەھەرلىرىگە يۆتكەپ، ئۇلارغا ئىش بەردۇق دېگەن باھانىنى كۆرسەتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئارقىلىقلا ئەمەس، پۈتۈن خىتاي پۇقرالىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن يەردە ئۆلتۈر، ئۇچرىغان يەردە ئۇجۇقتۇر دېگەندەك سەپەرۋەرلىك شەپىسىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

ئەركىن ئاسىيا رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ، ئەينى چاغدا ۋەقە بولغان نەق مەيداندىن قېچىپ قۇتۇلۇپ، شاۋگۈەندىكى بىر مېھمانخانىدا پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بالىسى بىلەن 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن بولسا، شۇ كۈنى 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئېغىر ۋە يېنىك دەرىجىدە يارىدار بولغانلىقىنى ۋە ھەتتا قىزلارنىڭمۇ رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.

26-ئىيۇن شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەگە 8 يىل تولغان بۈگۈن، شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا تېلېفون قىلدۇق، زاۋۇتتا پەقەت زاۋۇت ئىشچىلار ئاشخانىسىنىڭ تېلېفونى ئېلىندى ۋە بىر خىتاي ئۆزى ئىشلەۋاتقان بۇ زاۋۇتتا «ھازىر شىنجاڭلىقلار يوق» دەپ بىلدۈردى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقەنى ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق ۋەقەلەرنىڭ بولمىغانلىقىنى، تىنچلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىدە، گەرچە ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئۇ زاۋۇتتا بولمىسىمۇ، ئۇقۇشماسلىقتىن كېلىپ چىققان بىر توقۇنۇش دەپ ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك ئۇنتۇلماس بىر پاجىئەنىڭ خاتىرە كۈنىدىكى ۋەزىيىتىنى ئىگىلەش مەقسىتىدە، كونا شەھەر ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىشخانىلىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، تېلېفونغا قوپال جاۋاب بەرگەن بىر ئايال كادىرنىڭ: «مۇشۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتىمۇ بۇلارنى سورامسىز ؟» دېگەنلىرى دائىرىلەرنىڭ شاۋگۈەن ۋەقەسى خاتىرە كۈنىدە جىددىيلەشكەنلىكىدىن بېشارەت بەردى. بۇ ئايالنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشىچە، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ناھىيىدە قوراللىق چارلىماقتا، ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالماقتا ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئاسىيا ئۇچۇر تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن كۈنى شاۋگۈەن ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي تەرەپنىڭ شاۋگۈەن ۋەقەسى بىلەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى ھەققىدە ئېيتقانلىرى بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسىتىۋاتقان سانى ناھايىتى پەرقلىق. مۇستەقىل بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى مەخسۇس ئېنىقلاپ چىقمىغۇچە، بۇ ساننى ئايدىڭلاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.»

بۇ تەتقىقات ئورنى شاۋگۈەن ۋەقەسىنىڭ كۆرۈنۈشتە، بىر ئۆسەك سۆز سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا كۆچمەن سىياسىتىدىكى تەدبىرسىزلىكنىڭ پاجىئەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر تەتقىقات ئورنى دوكلاتىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەدەنىيەت جەھەتتىن تامامەن ئوخشىمىغان، ئۆز ‏-ئارا تىلىنى ئۇقۇشمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىسىدا تارىخىي مەسىلىلەر بولغان ئىككى مىللەت ياشلىرىنى بىر ئورۇندا ئىشلەشكە تەشكىللەش ناھايىتى چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر.»
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان گۇاردىيان گېزىتىنىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىچە، زاۋۇتتىكى خىتاي ئىشچىلار، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ۋە ئولتۇرۇپ ‏-قوپۇشىنى ياختۇرمىغانلىقىنى، ئىككى مىللەت ئىشچىلىرى ئارىسىدا داۋاملىق سۈركىلىش بولۇپ تۇرغانلىقىنى، قىسقىسى بۇ ئىككى مىللەت ياشلىرىنىڭ بىر جايدا ئىناق ياشىيالىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بىلدۈرگەن.

شۇ مەزگىللەردە ئېلان قىلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گۇاڭدۇڭ شياۋگۈەن قانلىق ۋەقەسى ھەققىدىكى باياناتىدا 2006-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى، توي قىلمىغان ياش ئەر-ئاياللارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنىڭ، ئەسلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ يوقىتىش ۋە مىللىي قىرغىن قىلىش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتچىلەردىن باشقا يەنە، چەتتە تۇرغان ساقچى ۋە ئامانلىق قوغداش قىسىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ياللانما ئىشچىلار بىلەن خىتاي ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك بۇ قانلىق توقۇنۇش بولسا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي تازىلاش سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلى بولۇپ، بۇ قېتىمقى تراگېدىيەنىڭ باش جاۋابكارىمۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت.

ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى يوشۇرۇپ، ئاخباراتنى كونترول قىلىپ كەلمەكتە، بۈگۈن بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇل تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ، خىتاينىڭ ۋەقە توغرىسىدا دۇنياغا ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ھەققىدىكى تەلىپىنىڭ، ۋەقە ئادىل بىر تەرەپ قىلىنمىغۇچە، ۋەقەدىكى جىنايەتچى خىتايلار سوراققا تارتىلمىغۇچە، خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان تەشكىلات، ئورگانلارنىڭ ۋەقەگە ئارىلىشىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا يول قويمىغۇچە توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.