شايار تويبولدىنىڭ قۇمئېرىق كەنتىدىن 83 نەپەر ياش ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015-01-09
Share
ayal-gumandar-shayar-hijret-delosi.jpg شايار ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى خادىملىرى گۇاڭجۇدىن تۇتۇپ كەلگەن ئايال گۇماندار(سولدىن ئىككىنچى).
sina.com.cn diki munasiwetlik maqalidin élin’ghan


مۇخبىرىمىزنىڭ ئاقسۇ شاياردا يۈز بەرگەن 30 - ئىيۇن ھىجرەت دېلوسى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، تويبولدى يېزىسىنىڭ قۇمئېرىق كەنتىدىنلا 83 نەپەر ياشنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، قۇمئېرىق كەنتىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 1000دىن تۆۋەن بولۇپ، بۇ، مەزكۇر كەنتتىكى ياشلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. كەنت مەسئۇللىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ تۇتۇلغانلارنىڭ 30 - ئىيۇن ھىجرەت دېلوسى بىلەن ئالاقىسى يوق بولۇپ، ئۇلار پەقەت تۇرمۇشىدا ھالال - ھارامنى بەكرەك ئايرىغان، كەنت كادىرلىرى بىلەن باردى - كەلدى قىلمىغان ۋە بەزىلىرى ئۇشتۇمتۇت ھاراق تاشلىغان ياشلاردىن ئىكەن. ياۋروپادا ياشاۋاتقان سىياسىي ئانالىزچى زۇمرەت خانىم، خىتاينىڭ بۇ تۈر كەڭ - كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوننىڭ بۈگۈن ۋە كەلگۈسىدىكى ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە توختالدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىز تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، تويبولدى يېزىسىدىكى بىر قانچە كەنت سېكرىتارى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تويبولدىنىڭ قۇمئېرىق كەنتىنىڭ ئۆزىدىنلا 83 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتلىشىچە، تويبولدى يېزىسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 38 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ نوپۇس، 30 كەنتكە بۆلۈنگەن. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى زۈمرەت خانىم، مەزكۇر كەنتتە ياشلار نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. زۇمرەت خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ كىشىلەر تۇتۇلغان مەزگىل يېزىلاردا دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولۇپ، بۇ، شۇ كەنتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاقسىتىشى، ئاھالىلەردە ئەسلىدىنلا مەۋجۇت پاراكەندىچىلىكنى تېخىمۇ كۆپەيتىشى مۇمكىن.

كەنت مەسئۇلللىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۇتقۇنلار دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان، ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامەتلىرى دەپ ئىش - ھەرىكەتلەر ھالال - ھارامنى كۆپ تەكىتلەش، ئۇشتۇمتۇت ھاراق تاشلىۋېتىش، كەنت كادىرلىرىنى ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئىشلىدى دەپ چەتكە قېقىش قاتارلىقلار.

زۇمرەت خانىم سۆزىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يىلتىزى ئەسلىدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادىغا تايىنىپ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، خىتاي تەرەپنىڭ ھۇجۇمنى دىنىي ئېتىقادقا قاراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدە خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن نورمال بىر ئىنسانىي تۇيغۇغا ئىگە بولۇشنىڭلا كۇپايە ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بولسا، رايوندىكى مەسىلىنى دىنغا باغلاپ تەشۋىق قىلىپ، مەسىلىنىڭ ئەسلى يىلتىزىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، بۇ تۈر كەڭ - كۆلەملىك تۇتقۇننىڭ خىتاي ئويلىغاندەك ئەبەدىي ئەمىنلىككە ھەسسە قوشالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، رايوندىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئەزەلدىنلا ناچار، خىتاينىڭ مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، يەنە يېڭى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشى، بۈگۈنكىلا ئەمەس، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئارىسىغىمۇ مىللىي ئۆچ - ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چېچىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

زۇمرەت خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا،«بۇ خىل كەڭ - كۆلەملىك تۇتقۇن خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ رايوندىكى ھاكىمىيىتىنىڭ ئىستىقبالىغا قارىتا ئەندىشىسىنىڭ يۈكسەك پەللىگە چىققانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت