خىتايدا ساقچىخانىلارنىڭ «شەخس سالاھىيەت» ئىسپاتى بەرمەسلىك بەلگىلىمىسى قانداق ئىجرا قىلىنىدۇ ؟

0:00 / 0:00


خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 12 ئورگان 11 - ئاۋغۇست بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 1 - سېنتەبىردىن باشلاپ كىشىلەرنىڭ شەخسى سالاھىيىتى ھەققىدىكى 20 تۈردە ساقچىخانىلارنىڭ ئىسپات چىقارمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي خەۋەرلىرىدە مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتا. ئۇنداقتا دائىرىلەر چىقارغان يېڭى بەلگىلىمە خىتاي پۇقرالىرىغا راستىنلا ئاسانلىق ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟ بۇ خىل بەلگىلىمە - قانۇنلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن دىنىي، سىياسىي ۋە مىللىي سىياسەتتە قاتتىق باستۇرۇش يۈرگۈزۈلىۋاتىدۇ دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا قانداق ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىن؟

يېقىنقى يىللاردا خىتايدا ئەۋج ئالغان، كىشىلەرنىڭ قولىدا كىملىك، خىزمەت كىنىشكىسى قاتارلىق كىنىشكىلار بار تۇرۇقلۇق بەزى ئورگانلارنىڭ ئىش بىجىرىشتە شۇ كىشىنىڭ شەخسى سالاھىيىتى ھەققىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانىدىن ئىسپات تەلەپ قىلىشى پۇقرالارغا قولايسىزلىق كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خىتاي ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆپلەپ بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ بىرى ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بەلگىلىمىدە شەخسنىڭ سالاھىيىتى ۋە ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان، شۇ كىشىنىڭ ئىسمى، ئىلگىرىكى ئىسمى، كىملىك نومۇرى، مىللەت تەركىبى،تۇغۇلغان يۇرتى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي، نوپۇسنىڭ يۆتكىلىش ئەھۋالى، تۇرالغۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى، نوپۇستىن ئۆچۈرۈلۈشى، ئائىلە نوپۇس باشلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، توي قىلىش - ئاجرىشىش ئەھۋالى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، ئۆلۈم ئىسپاتى، دەم ئېلىشقا چىققۇچىلارنىڭ ياشانغانلىق پاراۋانلىق سۇغۇرتىسى ئېلىشى، تۇغۇلۇش ئىسپات قەغىزى، چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىش سەۋەبىدىن نوپۇسى بولماسلىق قاتارلىق 20 تۈرلۈك ئەھۋالدا، يەرلىك ساقچىخانىلارنىڭ ئىسپات چىقىرىپ بەرمەيدىغانلىقى، بەلكى شۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان كىملىك، نوپۇس، پاسپورت، خىزمەت كىنىشكىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرلا كۇپايە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكا فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈن ئەپەندى رادىيومىزدا ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، مەزكۇر بەلگىلىمە ھەقىقەتەن ئەمەلىي ئىجرا قىلىنسا، ئەلۋەتتە خىتاي تاراتقۇلىرىدا دېيىلىۋاتقاندەك، خىتاي پۇقرالىرىغا ئاسانلىق تۇغدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ نۆۋەتتە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارغىمۇ بەزى ئاسانلىقلارنى تۇغدۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ بەلگىلىمە ئەگەر ئەمەلىي ئىجرا قىلىنسا، نۆۋەتتە "تېررورلۇق، دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش" نامىدا پۈتۈن خىتاي مەملىكىتىدە ئۇيغۇرلار زەربە بېرىش نىشانى قىلىنىۋاتقان شارائىتتا، خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈش، تۇتقۇن ئوبىكتى قىلىش، مېھمانخانا، ئۆي ئىجارە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇيغۇرلاردىن يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ ئىسپاتىنى تەلەپ قىلىشتەك بەزى مىللىي كەمسىتىش خاراكتېرىنى ئالغان قىلمىشلارغا چەكلىمە قويۇلۇشى مۇمكىن» دېدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇ خىل قانۇن، بەلگىلىمىلەرگە ئۈمىتۋار قارىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، دائىرىلەر ئېلان قىلغان مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى يىللاردا ئېلان قىلغان تۈرلۈك بەلگىلىمە، قانۇنلارغا ئوخشاش پەقەتلا قەغەز يۈزىدىكى قانۇن، بەلگىلىمە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، ھەتتا خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن بولسا، بۇ خىل قانۇن، بەلگىلىمىلەرنىڭ ئەسلا ئىجرا قىلىنماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ما خەييۈن ئەپەندى بولسا، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە يەرلىكتە يۈرگۈزۈۋاتقان، خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن پەرقلىق ھالدىكى قاتتىق باستۇرۇش، تەقىپ قىلىش كۈچلۈك بولغان يەرلىك سىياسىتىگە توغرا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، رايوندا ئەمەلىي ئىجرا قىلىشتا بەلگىلىك پەرق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى مەلۇم نىسپەتتە چەكلەش رولىمۇ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتىدى.

ما خەييۈن: «ئىلگىرى ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن پەرقلىق ھالدا قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن تەرىپلىنەتتى. 5 - ئىيۇل نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى رايونغا جاڭ چۈنشيەننى ئاپتونوم رايوننىڭ سېكرىتارى قىلىپ بەلگىلىدى. جاڭ چۈنشيەن دەسلەپكى مەزگىلدە رايوندا «يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى»نى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى مەزگىللەردىكى ۋەزىيەت ئۇنىڭ سىياسىتىنىڭمۇ ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدىكى«قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى» ئىكەنلىكىنى تەرىپلىمەكتە. ھەتتا جاڭ چۈنشيەن رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ۋۇ جىئې ناملىق ئورگان تور بېكىتىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىڭپىڭنى ئاشكارا ئىستىپا بېرىشكە چاقىرىدىغان ئىمزالىق خەتمۇ ئېلان قىلىندى. ئەلۋەتتە بۇ خىل شارائىتتا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارار، بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەينەن ئىجرا قىلىنىشىغا گۇمان قوزغالماقتا. لېكىن مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، ۋۇجىئې تورى ۋەقەسى سەۋەبىدىن بىرقىسىم كىشىلەرگە زەربە بېرىلگەندىن كېيىن، جاڭ چۈنشەنمۇ مەركىزىي ھۆكۈمەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر رايوندا "تېرورلۇققا زەربە بېرىش" نى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى"نى تەكىتلەپ، يەرلىك مىللەتلەر كۆڭلىنى ئۇتۇشنى تەشەببۇس قىلماقتا. مېنىڭچە، رايوندا ئۇيغۇرلار زەربە بېرىش ئوبىكتى قىلىنىپ، ساقچىلارغا زىيادە كۆپ ئىمتىياز بېرىلگەن شارائىتتا، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ چىقىرىلىشى بىر ياخشى ئەھۋال. ئەمما 1 - سېنتەبىر بۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەت تەرەققىياتى قانداق بولىدۇ؟ بۇنى داۋاملىق كۆزىتىش كېرەك.»

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر خىل قانۇن، بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل قانۇن، بەلگىلىمىلەرنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشىدا جايلاردا پەرق بارلىقى، ھەتتا بەزى جايلاردا ھېچقاچان ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقى، خىتايدىكى ئىجتىمائى ئالاقە تور بېكەتلىرى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلاردا تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قېتىم خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى قاتارلىق 12 ئورۇننىڭ ئورتاق نامىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر بەلگىلىمە - ئۇقتۇرۇشنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىشى يەنىلا خىتاي خەلقى ۋە خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولماقتا.