شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدىن كېيىنكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە باھالار

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىغا قىلغان رەسمىي زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تېخنىكا جاسۇسلۇقى، پۇل قىممىتى ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى تۈپەيلىدىن سۈركىلىشلەر كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى. شۇ سەۋەبتىن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش ۋە كەپ چىقىدىغان نەتىجىلەر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى. بىراق، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بىر ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئۇلار مۇلاھىزىلىرىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن پەرقلەر ۋە زىددىيەتلەر مەۋجۇت بىر شارائىتتا، بۇندىن كېيىن «ئورتاق زېمىن ھازىرلاش» نىڭمۇ قېيىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا سەپىرى ۋاتىكان پوپى فىرانچىسنىڭ ۋاشىنگتوندىكى داغدۇغىلىق زىيارىتى ھەم شۇنداقلا خىتايغا قارشى نامايىشلارنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا باشلىغان ئىدى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆزى جىددىي دەپ قاراۋاتقان ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ۋە ئىقتىساد مەسىلىلىرىنى جىددىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ نەتىجىسىگە بولغان ئۈمىد ئىنتايىن سۇس. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەرنىڭ كۆپىدە ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كونكرېت بىر نەتىجە چىقمايدىغانلىقى بايان قىلىندى. س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاشىنگتوننىڭ بۇ ئۇچرىشىشلاردىن كۈتۈۋاتقان نەتىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا تۆۋەن ۋە ھەتتا يوق دېيەرلىك دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

س ن ن تېلېۋىزىيىسى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شەرىپىگە جۈمە كۈنى ئاخشىمى دۆلەت زىياپىتى بەرسىمۇ، بۇ خىل مۇراسىم-رەسمىيەتلەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مەسىلىلەرنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىدىكى مەسئۇلىيىتى، ھەربىي جىددىيلىكلەر، سودا ئىختىلاپلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبلىك خەتەرلىك ھالغا كەپ قالدى. شۇڭا بۇ ئۇچرىشىشلارغا بولغان ئۈمىدنىڭ ئازلىقى ھەيران قالارلىقمۇ ئىش ئەمەس. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنى سۆزلىشىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭدىن نەتىجە چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ئەكسىچە ھازىر ۋاشىنگتوندا بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزگە قايتىدىن قاراپ چىقىدىغان ۋاقتىمىز كېلىپ قالدىمۇ-قانداق، دېگەن مۇنازىرە باشلىنىپ كەتتى.

دەرۋەقە، ھازىر ئامېرىكىدا داۋام قىلىۋاتقان پرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا نامزاتلار قىزغىن مۇنازىرىلىشىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتى. پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوبامانىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، ئۆزلىرى پرېزىدېنت بولغان تەقدىردە خىتايغا قاتتىق قول بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. بۇ قېتىم شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى جەريانىدىمۇ بىر قىسىم نامزاتلار ئۆزلىرىنىڭ قارشى مەيدانىنى ئىپادىلىدى. مەسىلەن، جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلاردىن ماركو رۇبىيۇ، دونالد ترۇمپ، بەن كارسونلار ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى خىتاي سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلاردۇر. ماركۇ رۇبىيۇ بۇ قېتىم ئوبامانىڭ شى جىنپىڭنى دۆلەت زىياپىتى بىلەن كۈتۈۋېلىشىنى تەنقىد قىلىپ «دۆلەت زىياپىتى دېگەن ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش قىممەت قاراشقا ئىگە بولغانلارغا بېرىلىشى كېرەك» دېدى. جۇمھۇرىيەتچى بەن كارسون بولسا «دۆلەت مەنپەئەتى» ژۇرنىلىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يىللاردىن بۇيان خىتايغا خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈپ، خىتاي ئالدىدا ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزى پرېزىدېنت بولغان تەقدىردە خىتايغا قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاپ چىقتى. يەنى، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىش، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ھەربىي شېرىكلىرىنى قوللاش ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش، خىتاينىڭ ئەخمىقانە ئىگىلىك ھوقۇق دەتالاشلىرىغا رىقابەت ئېلان قىلىش، خىتايغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش، تور ھۇجۇملىرىغا ۋاقتىدا زەربە بېرىش قاتارلىقلار.

س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتايغا قارىتا قاتتىق قول بولۇش تەشەببۇسى پەقەت جۇمھۇرىيەتچى ئەزالار ئىچىدىلا بولۇپلا قالماستىن، دېموكرات پارتىيە نامزاتلىرى ئىچىدىمۇ كەڭ يېيىلىۋاتقان بولۇپ، ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى 2016-يىلىدىكى سايلامدا مەيلى قايسى پارتىيە ئۇتۇپ چىقىشىدىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىتاي سىياسىتىنىڭ ھازىرقىدىن قاتتىق بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتىكەن.

ۋال سىترىت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە ئېيىتىلىشىچە، بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي يېڭى ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئۆزىگە قاتتىق قول بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئوبامانىڭ ھازىرقىدەك يۇمشاق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئىگىلىك ھوقۇق دەتالىشىنى قانچىلىك قىلالىسا شۇنچىلىك قىلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارايدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇندىن كېيىن خىتاي ئۆزىمۇ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يەنە 7 پىرسەنتلىك رەقەم بىلەن ئۆرلەشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئىقتىساد ئانالىزچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزىنى «قۇرۇق پو» دەپ قارىغان. ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس ئاندرۇ تىلتوننىڭ ۋال-سترىت ژۇرنىلىغا ئېيتىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى ئاللىقاچان 6 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە بىر قانچە يىل داۋام قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىپ بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتايدىكى پايدا ياراتمايدىغان زور تىپلىق دۆلەت كارخانىلىرىنى تاقاش ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە، نۇرغۇن كىشى ئىشسىز قالىدىغان بولۇپ، زور مىقداردىكى ئىشسىزلىق ئىستىمالغا تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن بىرلىكتە، ھازىر مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭمۇ خىتاي بازىرىغا بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلەپ كەتكەن. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭ بۇنى ئاز دەپ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ بۇزۇۋالسا ئۆزىگە پايدا بولمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، بۇندىن كېيىن بەكرەك ماسلىشىشچان سىياسەت قوللىنىدۇ، دەپ قارايدىكەن. گوردون چاڭغا ئوخشاش ئانالىزچىلار بولسا، خىتاي ھەر جەھەتتىن كرىزىسقا پېتىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئوڭشاشنىمۇ مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ بۇ ھەقتە كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن «ئورتاق زېمىن» تاپمىز دەپ ئولتۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى، خىتايغا كەسكىن بولۇشى كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ ئەمدى ئويۇننى خەلقئارانىڭ قائىدىسى بويىچە ئوينايدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.