شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى (1): گۇۋاھچىلار

0:00 / 0:00

بىر قىسىم ئانالىزچىلار ئۇيغۇر جەمئىيىتى تارىختىكى ئەڭ زور كرىزىسقا ئۇچرىماقتا دەپ تەسۋىرلەۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە خۇددى بەزىلەرنىڭ يازغىنىدەك مۇھاجىرەتتىكى ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى دەردلىرىنى قەلبىدە ساقلاشنى ئەۋزەل كۆرۈپ، سۈكۈتنى تاللىغانلىقى مەلۇم. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇپ، ئۆزى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ كەچمىشلىرىنى دادىللىق بىلەن ئاڭلىتىش يولىنى تۇتقانلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. يېقىندا ئاۋسترالىيەدىكى «شاكىچىك قىزىل پودكاست» ناملىق تور رادىيوسى تەييارلىغان مەخسۇس پروگراممىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنلەر ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىكى ئىنسانلاردۇر.

ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گرېيم سىمىس ۋە ئىلگىرى BBC، دۆلەتلىك ئاۋام رادىيوسى (NPR) قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن لۇيىزا لىم بىرلىكتە ساھىبخانىلىق قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى» سەرلەۋھىلىك ئۇزۇن سۆھبەتتە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى ئۆزلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ نەچچە مىڭ كىلومېتىر نېرىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ئارقىلىق ئاۋسترالىيەدىكى ۋە ياۋروپادىكى بۇ پروگراممىنى ئاڭلىغۇچى مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىشىلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم جانلىق دەرس ئاڭلىدى.

ئالدى بىلەن لۇيىزا لىم سۆز ئېلىپ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ» دەپ ئاتايدىغان، ئەمما ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ رايوندا نۆۋەتتە مىليونلاپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا سولىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل بۇ پاكىتنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ھۆنەت-تېخنىكا ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىۋاتىمىز، دەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا پروفېسسور سىمىس ئالاقىدار ماتېرىياللار ئاساسىدا بۇ مەركەزلەردىكى ئەھۋالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقاننىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى، بۇ جايغا قامالغانلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە مېڭىسى يۇيۇلۇپ، دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئالدى بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن ئابدۇسالام ئالىم ئاۋسترالىيەگە كەلگىلى 20 يىلچە بولۇپ قالغان كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئۈچۈن تەييارلاپ كەلگەن ئىسىملىكتە ئۇنىڭ ۋە ئايالىنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە ئەزالىرىدىنلا ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنغان 12 كىشىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى بېرىلگەن. ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن، ئۇلاردىن بەش كىشى 10 يىلغا قەدەر قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان. ئەمما ئابدۇسالامنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئەسەبىي» دەۋاتقان بۇ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار پەقەت كۈندىلىك بەش ۋاق نامىزىنى قازا قىلماي ئوقۇشقا تىرىشىدىغان، رامىزان ئايلىرىدا روزا تۇتىدىغان نورمال مۇسۇلمانلار ئىكەن. ئەمما شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىنى «زەھەر»، «ئەپيۈن» ياكى «روھىي كېسەللىك» دەپ تەسۋىرلەۋاتقان ئەھۋالدا ئىسلام ئېتىقادىدىكى ئۇيغۇرلار بىردەك تۇتقۇن ئوبيېكتى بولۇپ قالغان.

رىياسەتچىلەرنى ھەممىدىنمۇ بەك ھەيران قالدۇرغىنى ئابدۇسالام ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنىڭ ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن نورمال بولغان دىنىي ئېتىقادقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنىش بولغان. ئۇلار بۇ ھەقتە ئابدۇسالامدىن بۇنىڭدىن باشقا بىرەر جىنايىتى بولغانمۇ، دەپ سورىغاندا ئۇ ئاچچىق قىلىپ «ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر جىنايىتى ئۇيغۇر بولغانلىق. ھازىر ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى جىنايەت!» دەيدۇ.

ئابدۇسالامنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ تۇتقۇن ھەرىكىتىدە ئۇيغۇرلارغا نومۇر قويۇش ئۇسۇلىنىڭ رولى بەكمۇ چوڭ بولغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ھەرقايسى مەھەللە كومىتېتلىرى بىردەك جەدۋەل تارقىتىپ ئۇيغۇرلارغا سىياسىي جەھەتتە نومۇر قويۇپ چىققان. شۇنىڭدەك ئۇلارنى «ئىشەنچلىك»، «مەسىلىلىك» ۋە «ئىشەنچسىز» دەپ ئۈچ كاتېگورىيەگە ئايرىغان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقاد بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلار، چەتئەلگە ساياھەتكە بارغانلارنىڭ ھەممىسى «ئىشەنچسىز» لەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ھەمدە بىردەك لاگېرلارغا قامالغان.

«دىنىي ئەسەبىيلىك» كە باغلانغان بۇ خىل باستۇرۇش سەۋەبىدىن ئىسلام دىنى بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلىكى شەيئىلەر مەنئى قىلىنىشقا باشلىغان. ئاقىۋەت 2018-يىلىدىن باشلاپ دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا ئورتاق بولغان «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ سالاملىشىشمۇ «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە مەنسۇپ قىلىپ قويۇلغان. بۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆزئارا سالاملىشىشتا ھېچقانداق دىنىي پۇراق بولمىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش ئەۋج ئالغان.

ئابدۇسالام بايان قىلغان ئەھۋاللارنىڭ ئىچىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولغان بىر ھادىسە ھازىر چەتئەلدىكىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولماسلىقى ھېسابلىنىدۇ. بىرەر يىللار بۇرۇن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئۆزئارا تېلېفون قىلىشىپ «ئاكاڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ» دېگەندەك «مەخپىي تىل» لار ئارقىلىق كىم-كىمنىڭ لاگېرغا كېتىپ قالغانلىقىنى بىلىش مۇمكىن بولغان. ئەمما ھازىر ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، ھازىر چەتئەلدىكىلەر تېلېفون ئۇرۇشنى خالىسىمۇ، ئەمما ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ «سىياسىي ئاۋارىچىلىك» قا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن تېلېفون ئالاقىسى قىلماسلىقنى تاللىۋالغان. چۈنكى چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بولۇش ھازىر چوڭ «سىياسىي مەسىلە» بولۇپ قالماقتا ئىكەن.

ئابدۇسالامدىن «سىز ھازىر بىخەتەر ماكاندا ياشاۋاتىسىز. ئۆزىڭىزنى قانداقراق ھېس قىلىسىز؟» دەپ سورىغاندا روھىي دۇنياسى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ئابدۇسالام «بىز قارىماققا نورمال كۆرۈنىمىز. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. بىز پەقەت ئۆزىمىزنى خىزمەتكە ئۇرۇش ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەجبۇرلايمىز» دەيدۇ. ئۇ پەقەت ھاياتقا بولغان ئۈمىد ۋە ئاللاھقا قىلىۋاتقان دۇئالىرى سەۋەبىدىن ھامان بىر كۈنى ياخشىلىقتىن بىر خەۋەر بولۇپ قالار، دېگەن ئارماندا ياشىماقتا.

ئابدۇسالامدىن كېيىن سۆز قىلغان يەنە بىر كىشى بولسا ئىسمىنى ئېيتىشنى خالىمىغان. ئەمما ئۇمۇ ئىسلام دىنى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان مەزمۇنلارنىڭ ھازىر ئەڭ چوڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ئاساسلىقى ئايالىنىڭ ئىسلامىي شەكىلدىكى ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى كىيگەنلىكى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىملاپ سوئال-سوراققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئۆزى سودا ئىشى بىلەن ئىچكىرىگە بارغاندا شۇ جايلاردىكى ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ سوئال-سوراق قىلغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى، ئاۋاز ئەۋرىشكىسى دېگەندەك فىزىئولوگىيەلىك ئەۋرىشكىلىرىنى ئالغانلىقىنى، «بۇلارنى ئۈرۈمچىدە بىر قېتىم ئېلىپ بولغان» دەپ چۈشەندۈرگەننىڭ پايدىسى بولمىغانلىقىنى، بۇ خىلدىكى سوئال-سوراقلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبلىك گۆدەك ئىككى پەرزەنتىنىڭ تەقدىرىدىن خاتىرجەم بولالماي بالىلارنى ئېلىپ ئاۋسترالىيەگە كەلگەنلىكىنى، ئايالىنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەي لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئەمما گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغۇز دىنىي ئېتىقادقا ئىگە بولغان كىشىلەرنىلا قاماققا ئېلىش بىلەن چەكلىنىپ قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قارامايدىن كەلگەن پەرھات ئىسىملىك يەنە بىر ياش ئاتا-ئانىسىنىڭ «غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى» گە ئالتە ئاي بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. پەرھاتنىڭ دادىسى شەھەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئانىسى بولسا 30 يىللىق تارىخقا ئىگە ساقچى خادىمى ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ قىزىل بايراق ئاستىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ مۇشۇ قىزىل بايراق ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن كادىرلار ئىكەنلىكىنى، دادىسى كومپارتىيەگە قەتئىي ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن ھازىرقىدەك مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلغانلىقىنى، ئۆمرىدە دادىسىنىڭ بىرەر قېتىم ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئاقىۋەت ئۆتكەن يىلى ئاشۇ خىلدىكى تەربىيەلەش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى ھەرقانداق ئۇيغۇرغا يېتەرلىك «قالپاق» بولۇۋاتقانلىقىنى ئاچچىق ئىچىدە بايان قىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل يوسۇندىكى گۇۋاھلىقلىرى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا زور ئىجابىي قىممەتكە ئىگە بولۇپ، بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە سۈكۈت قىلىش ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىشىغا يول ئاچىدۇ» دەپ قارىماقتا ئىكەن.