كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە شى جىنپىڭغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.03.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
firansiye-prezidenti-hollande-shi-jinping.jpg فىرانسىيە پرېزىدېنتى خوللاند خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كېلىشىمگە قول قويۇپ بولغاندىن كېيىن قول ئېلىشىپ بىر-بىرىنى تەبرىكلەشتى. 2014-يىلى 26-مارت، پارىژ.
AFP

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بريۇسسېل زىيارىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭ بريۇسسېل كەلگەندە كىشىلىك ھوقۇقنى نۇقتىلىق مەسىلە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ فىرانسىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇ، 28‏-مارت باشلىنىدىغان گېرمانىيە زىيارىتىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلنى زىيارەت قىلىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 27‏-مارت ياۋروپا كومىسسىيىسى پرېزىدېنتى خوسې مانۇئېل باروسو ۋە ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى ھېرمان فون رۇمپويغا چاقىرىق قىلىپ، ئۇلارنى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئىلھام توختى، شۇ جىيوڭ قاتارلىق ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىش، ياۋروپا ئەمەلدارلىرىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇش، خىتاي ئىچىدىكى مۇستەقىل گۇرۇھلار بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئۈندىگەن.

ئوچۇق خەتتە: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ھەرىكەت پىلانى ھەققىدىكى ئىستراتېگىيە رامكىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسئۇلىيەتكە ئاساسەن بىز بۇ زىيارەتتە، ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىرىمىز. ھالبۇكى، بىز سىلەر بۇرۇن ئېلان قىلغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى ھەققىدىكى باياناتنىڭ كونكرېت بولمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندۇق» دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بريۇسسېلدىكى تارمىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باشقا بىر باياناتىدا يەنە، مەزكۇر ئىشخانىنىڭ مەسئۇل خادىمى لوتتې لېيچ، كىشىلىك ھوقۇقنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىپلا قالماي، ئۇنى ئاممىۋى سورۇندا ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

ئۇ: ياۋروپا ئىتتىپاقى پان-ياۋروپا سودىسىدا بىرلىشىشكە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، پرىنسىپاللىق ۋە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىرلىشىشكە ئېھتىياجلىق. شۇنداق قىلىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز پىلانىدا بار نەرسە. بىراق، ياۋروپا رەھبەرلىرى خىتايغا كەلگەندە بۇ مەسئۇلىيىتىدىن باش تارتىۋاتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا، دېگەن.

بۇ، مەزكۇر ئورگاننىڭ شى جىنپىڭ ياۋروپا زىيارىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرۇلۇق 2‏-قېتىم ئوچۇق خەت ۋە بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا رەھبەرلىرىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىشى. مەزكۇر ئورگان شى جىنپىڭ فىرانسىيەنى زىيارەت قىلىشتىن سەل بۇرۇن بىر قېتىم ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە پرېزىدېنتى فرانشىئوس خوللاندنى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغانىدى.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي زىيالىيسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەت دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھەربىي ۋە ساقچىلارغا تايىنىپ ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تۈگىتەلمەيدۇ. ئۇ ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، زور توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار بىلەن دىئالوگ قۇرۇشى كېرەك.

چېن كۇيدې: سەن زوراۋانلىق بىلەن نوقۇل ھەربىي ۋە ساقچىلارغا تايىنىپ، پۈتۈن ئۇيغۇرنى قىرىپ تۈگىتەلمەيسەن. سېنىڭ بۇنداق ئىقتىدارىڭ يوق بولۇپلا قالماي، سېنىڭ بۇنىڭغا كۈچۈڭ ۋە يۈرىكىڭ يەتمەيدۇ. شۇڭا، سەن سىياسىتىڭدا خاتالىق بار-يوقلۇقىغا قارا. ئۇيغۇرلار بىلەن ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسى ھەق-ھوقۇقى، مەدەنىيەت، ئەنئەنىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، كومپارتىيىنىڭ بۇرۇن يولغا قويغان سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ئويلىنىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن دىئالوگ قۇرۇش كېرەكمۇ قانداق، دېگەن مەسىلىنى ئويلىنىپ باق. مۇ مەسىلىلەرنى ئۇيغۇرلار بىلەن چوقۇم ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىش لازىم، دېدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئوچۇق خەتتە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق ئىچكى ئاخباراتنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى، 2013‏-يىلى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، توردا سۆز ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىل ئەمەسلىكى، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ كونترول قىلىنىشى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ باستۇرۇلۇشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن سودا، بىخەتەرلىك ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى نېگىزلىك پىلانلىرىنى ئالغا سۈرۈشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ» دېگەن.

ئوچۇق خەتتە كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭ ھوقۇق سورىغاندىن بۇيان دائىرىلەر ئاممىۋى گۇرۇھلارنى قاتتىق باستۇرۇپ، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش، ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان نۇرغۇن تىنچ پائالىيەتچىنى تۇتقۇن قىلغان، جازالىغان ۋە ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سالغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئوچۇق خەتتە يەنە، خىتاي-ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ۋە دىئالوگنىڭ رولىغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ: ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي رەسمىي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئىنتايىن ئاز نەتىجىگە ئېرىشىپ كەلدى. بىز ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ئىستراتېگىيىلىك رامكىسى ياكى ھەرىكەت پىلانىنىڭ خىتايدا تىلغا ئالغۇدەك ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى كۆرمىدۇق. شۇ سەۋەبلىك، بىز سىلەرنى بۇ زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇنىڭ قانچىلىك نەتىجە قازانغانلىقى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشىدا قانچىلىك ئەمىلى رول ئوينىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشكە چاقىرىمىز، دېگەن.

بىراق، چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى نوقۇل كىشىلىك ھوقۇق بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، بۇنى خەنزۇ دوستلارمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. شىنجاڭدا ئەمەلىيەتتە، مەيلى خىزمەتكە ئورۇنلىشىش پۇرسىتى، مەيلى ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ھەق-ھوقۇق جەھەتلەردە بولسۇن، ئۇيغۇرلار ھەر جەھەتتىن بارغانچە چېكىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىر سەۋەبى، خەنزۇلارنىڭ كۆپلەپ كۆچۈپ كىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنە بىر سەۋەبى بولسا، مەيلى خىزمەتكە تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرىدا بولسۇن ياكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە مەمۇرى خادىم قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا بولسۇن، ئومۇمەن پۇقرالارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەنپەئىتىگە ئالاقىدار بارلىق ساھەلەرنى ئاساسەن خەنزۇلار كونترول قىلغان. ئۇيغۇرلارغا پۇرسەت يوق دېيەرلىك. چۈنكى جۇڭگو ئادىل ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق رىقابەت ئۇسۇلى بىلەن خىزمەتكە قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت، ئەنئەنە، تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادى بولسىمۇ، بىراق ئىمتىھان ۋە باشقا ئىشلاردا خەنزۇ تىلىنى قوللىنىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. بۇ رىقابەتتە خەنزۇلارغا پايدىلىق ئەھۋال. شۇڭا، ئۇيغۇرلار خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە باشقا ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئىزچىل كەمسىتىشكە ئۇچراپ كەلگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى، بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېل شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى. ئۇ 31‏-مارت گېرمانىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بريۇسسېل يېتىپ كېلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.