خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن جۈمە باشلىغان داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە ھازىرغىچە تۇتقۇن قىلىنغانلار 190 نەپەردىن ئاشقان.
خىتاينىڭ بۇ «جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوللىنىلغان ئاقىلانە تەدبىر، دۆلەت ھاكىمىيىتىگە بولغان تەھدىتنى دەل ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى» دەپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقان قاراتمىلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى، خىتاي ئۆكتىچىلىرى، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ بىردەك كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.
يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان يەنە، ئامېرىكا ئاقساراينىڭ تور بېتىدە «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى بايقۇت قىلىش تەكلىپى»گە ئىمزا قويۇش باشلاندى ۋە بۇ ئارقىلىق ئوباما ھۆكۈمىتى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، شى جىنپىڭدىن ھەر خىل باھانە، سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىلدى. بۇ تەكلىپكە ئىمزا ئاتقانلار 100مىڭغا يەتكەندە ئاقساراي مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «شى جىنپىڭ بۇ نۆۋەت ئامېرىكا زىيارىتىدە تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالدا قالىدۇ» دېدى.
دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە بولسۇن.