كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگۇڭ ۋە ۋېيتناملىقلارنىڭ نارازىلىق كۆلەڭگۈسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ كەلگۈسى 30-40 يىللىق نىشانى «گۈللەنگەن، دېموكراتىك، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىناق زامانىۋى سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭ كۆپرەك خىتاينىڭ كېلەچەكتىكى نىيىتى گۇمانلىق، دەپ قارايدىغان دۆلەتلەرنى تەسكىن تاپقۇزۇزۇشقا تىرىشىپ، خىتاينىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغانلىقىنى، چۈنكى، ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن تىنچلىققا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، خىتاينىڭ تەرەققىيات يولى ۋە تەرەققىي قىلسا قانداق دۆلەت بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «مەن ئىشىنىمەنكى، بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەر قايسىڭلار دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاشلا بۇ سوئالغا ناھايىتى قىزىقىسىلەر. بۇ ئىككى سوئالغا قارىتا نۇرغۇن ئوخشىمىغان قاراشلار بار. بەزىلەر جۇڭگونى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بەزىلەر جۇڭگوغا ئۈمىدۋار قارايدۇ. بەزىلەر جۇڭگودىن ئەنسىرەيدۇ. يەنە بەزىلەر بار، ئۇلار جۇڭگو نېمە قىلسا شۇنى خاتا، دەپ قارايدۇ. بىراق بۇمۇ نورمال ئەھۋال. بۇ خىل ئوخشىماسلىقنىڭ بولۇشى تەبىئىي. جۇڭگو بىر مىليارد 300 مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلەت. ئۇ ئىنسانلار توپىدىكى گىگانت ئادەمگە ئوخشايدۇ. باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشى تەبىئىي ئەھۋال. شۇڭا، بۇ گىگانت ئادەم باشقىلارنى قىستاپ، ئۇلارنىڭ يېرىنى ئىگىلىۋالامدۇ، دېگەن ئەندىشە بولىدۇ» دېگەن.

لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ نۇتقىدا باشقا دۆلەتلەرنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ، بۇ دۆلەتلەرنى قانداق تەسكىن تاپقۇزۇشقا ياكى كىشىلىك ھوقۇقنى قانداق ياخشىلاشقا دائىر ھېچقانداق كونكرېت پىلان ئوتتۇرىغا قويمىغان ۋە ياكى ھېچقانداق كونكرېت ۋەدە بەرمىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بولسا ئاۋسترالىيە ئابوت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. دۈشەنبە كۈنى، مەزكۇر ئورگاننىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى سوفىيە رىچاردسون خانىم، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، «شى جىنپىڭغا پارلامېنت سەھنىسى بېرىش كۆۋرۈكنى بەك ئۇزۇن سېلىۋەتكەنلىك. ئۆز دۆلىتىدە خەلقنىڭ نازارەتچىلىكىگە يول قويمايدىغان ئەدەمگە نېمە دەپ بۇنداق پۇرسەت بېرىلىدۇ» دېگەن.

سوفىيە رېچاردسوننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ئىكەنلىكى راست. بىراق پارلامېنتتا نۇتۇق سۆزلەش شەرەپلىك ئىش بولسا، ئۇ ئىقتىسادى مەنپەئەتكە بۇنچىلىك ئاسان قۇربان قىلىنىۋەتمەسىلىكى كېرەك. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتايدا سىياسىي ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارغا ئۆزىنىڭ تەكلىپنامىسىدە قانداق ئورۇن بېرىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشى زۆرۈر.

رېچاردسون يەنە، شى جىنپىڭنىڭ ئۆكتىچىلەرنى قاتتىق باستۇرۇپ، دېموكراتىك ھوقۇققا دۈشمەنلىك قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇنىڭدا ئەركىن ئاخبارات يوق، تورغا ئېغىر چەكلىمە بار. ئەدلىيە كونترول قىلىنىپ، كومپارتىيىگە خىزمەت قىلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت تەن جازاسىنى ھەل قىلىشتا چوڭ ئۆزگىرىش يوق. تىبەت ۋە شىنجاڭدا دەپسەندىچىلىك داۋاملىق يۈز بېرىپ كەلدى» دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇنيا خىتاينىڭ سۆزىگە ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە قارايدۇ. ئىچكى قىسىمدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى باستۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە نوپۇسىنى يوقىتىپ، يەر زېمىن ۋە بايلىقىنى بۇلاپ تالىغان بىر دۆلەت، خەلقئارادا ھېچقاچان ئىشەنچلىك بىر دۆلەت بولالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ چوقۇم ئىچكى قىسىمدا كىشىلىك ھوقۇققا، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەرخىل ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەدىسىدە سەمىمىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك.

بىراق ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى» باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، شى جىنپىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ تەرەققىيات يولى توغرىلىق ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق كومپارتىيەنىڭ پىكرى قالايمىقان، ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىش مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «كومپارتىيە نەزەرىيە جەھەتتە پۈتۈنلەي قايمۇقۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ھەرىكىتى بىلەن سۆزى ئۆز ‏- ئارا زىتلىق بىلەن تولغان. بۇ جەھەتتە ماۋ زېدۇڭ دەۋرىگىمۇ يەتمەيدۇ. ماۋ زېدۇڭ دەۋرى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋەھشىي بىر دەۋر بولسىمۇ، بىراق ئۇ نەزەرىيە جەھەتتە بىر خىل ئىدى. بىراق كومپارتىيە ئىسلاھات ئېلىپ بارغانغا ئۇزۇن يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھازىرقى ھەرىكىتى بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. بۇرۇن بەرگەن ۋەدىسىنىڭ تەتۈرىنى قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇ نەزەرىيە جەھەتتىمۇ زىدىديەتكە تولغان.»

شى جىنپىڭ 15‏- ئۆكتەبىر ئاۋسترالىيەنىڭ برېسبان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن مەزگىلدە، پارلامېنت سىرتىدا ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگۇڭ ۋە ۋىيېتناملىق قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن ئۇنى قوللىغۇچى بېيجىڭپەرەس خىتايلار ئوخشاشلا نامايىش قىلىپ كۈچ كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، فالۇنگۇڭ ۋە ۋىيېتناملىق نامايىشچىلار ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىشىگە، ئاۋسترالىيە-خىتاي ئەركىن سودا كېلىشىمىگە قارشى چىققان. بىراق ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئاقلاپ، «سۆھبەت جەريانىدا پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك، سىياسىي مەھبۇسلارغا مۇئامىلە قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر، تىبەت مەسىلىسى، تەن جازاسى ۋە ئۆلۈم جازاسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، «ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ ئۆتكەن 30 يىلدا ئالغا باسقانلىقىنى، خىتاي خەلقىنىڭ بۇرۇنقىدىن زور ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، بىراق بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى قارىشىمىز يەنىلا پەرقلىق» دېگەن.

لېكىن دوكتور سوفىيە رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىشى خىجىل بولارلىق بىر ۋەقە. ئاۋسترالىيە ۋە خەلقئارانى بۇ خىجىلچىلىقتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىردىن بىر يولى‏- پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ شى جىنپىڭدىن سوئال سوراشقا يول قويۇشنى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇش ۋە خىتايدا نېمىشقا ئادەتتىكى نورمال سوئال سورىغان ئاۋام پۇقرالار تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقىنى سوراش.

رېچاردسون ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سورىشىنى تەلەپ قىلىپ، «نېمە ئۈچۈن سىزنىڭ ھۆكۈمىتىڭىز 2010‏-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو ۋە ئايالى ليۇ شيانى داۋاملىق قامايدۇ؟ يىغىلىش ئەركىنلىكىگە يۈكسەك ھۆرمەت قىلىدىغان بىر دۆلەت، نېمە ئۈچۈن بارلىق نەرسە دۆلەت كونتروللۇقىدىكى بىر ئەل بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن دۆلەت سىياسىتىنى تىنچ تەنقىد قىلغان ئادۋوكات، زىيالىي، ژۇرنالىستلارغا تەھدىت مۇئامىلىسى قىلىنىدۇ؟ سىز ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە قاچان ئەقەللىي ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا باشلايدۇ؟ خەلق قاچان نامزات بولۇش، بىلەت تاشلاپ سايلام قىلىش ئارقىلىق، سىز ھازىر ئېرىشكەن بۇ ئورۇنغا ئېرىشەلەيدۇ؟» دېگەن سوئاللارنى قويغان.