ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ 24 - ئاۋغۇستىكى سانىدا ھازىر ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان شىمالىي كورېيەلىك پارك جىھىيوننىڭ«شىمالىي كورېيەلىك قىزلار خىتاي پاھىشىخانىلىرىدا قۇل قىلىنماقتا» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالە ئاپتورى پارك جىھىيون ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ 1998 - يىلى ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە شىمالىي كورېيەدىن خىتايغا قىچىپ كېلىپ، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە پاناھلىق تىلەپ كەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خىتايدىكى ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا مەلۇم بىر يېزىدىكى ئەرگە بەش مىڭ سوم خىتاي پۇلىغا خوتۇنلۇققا سېتىۋىتىلگەنلىكىدىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدىكى شىمالىي كورېيەلىك خانىم - قىزلارنىڭ تەغدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان.
پارك جىھىيون ماقالىسىنىڭ بېشىدا«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكى خەلقارا جەمئىيەتكە ئاللقىچان ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي جەمئىيىتىدىكى شىمالىي كورېيەلىك خانىم - قىزلارنىڭ پاھىشىخانىلاردا قۇل قىلىنىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاجىئەدىن دۇنيا خەۋەرسىز بولسا كېرەك» دەيدۇ.
ئۇ ماقالىسىدە، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئاغرىقچان ئاتىسىنىڭ، ھەربىي سەپتە خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئىنىسى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ يەردىن باشقا بىر دۆلەتكە تىزرەك قىچىپ كېتىش ھەققىدە نەسىھەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆرلىشىشى نەتىجىسىدە، شىمالىي كورېيەگە مەبلەغ سالغان خىتاي شېركەتلىرىنىڭ يالغۇز شىمالىي كورېيەدە سودا - سېتىق قىلىش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئادەم بىدىكچىلىكى سودىسى بىلەنمۇ شۇللىنىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان پارك جىھىيون ماقالىسىدە:«خىتاينىڭ يېزا، قىشلاقلىرىدىكى قىزلار شەھەرلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىپ، تۇرمۇش قۇرۇپ كەتكەنلىكتىن خىتاي يېزىلىرىدىكى ئەرلەرنىڭ نىكاھلىنىشى تەسكە توختىغان. شىمالىي كورېيەدىكى خىتاي سودىگەرلىرى شىمالىي كورېيلىك قىزلارنى ئالداپ يالغاندىن خىتايدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن كۆپلىگەن قىزلارنى قاچاق يوللار ئارقىلىق خىتايغا يۆتكەپ ئەكلىپ ئۇلارنى يېزىلاردىكى بويتاق ئەرلەرگە خوتۇنلۇققا ۋە پاھىشخانىلارغا سېتىۋەتكەن» دەيدۇ.
پارك جىھىيون ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ بىر خىتاي ئەرگە سېتىلىش جەريانىنى بايان قىلىپ: «1998 - يىلى شىمالىي كورېيدىن ئىنىم بىلەن بىرگە ئاغرىقچان ئاتامنى كارۋىتىغا تاشلاپ قويۇپ دەريا ئارقىلىق ئادەم بېدىكلىرىنىڭ يىتەكچلىكىدە خىتايغا كەلدۇق. خىتاي خوجايىن مەندىن ئىنىمنى ساقچىلارغا ئېيتماي ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن كۆپ پۇل بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. مەن ئەگەر ئۇنىڭغا پۇل بەرمىسەم، ئۇ، ئىنىمنى ساقچىغا چىقىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەندە نەدە پۇل بولسۇن. ئاقىۋەتتە ئۇنىڭغا بەش مىڭ سوم پۇل بېرىپ ئىنىمنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن يېزىلىق بىر ئەرگە بەش مىڭ سوم خىتاي پۇلىغا سېتىلدىم» دەيدۇ.
ئۇ، ئۆزىنىڭ خىتاي يېزىسىدىكى ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ:«بۇ يېزىدا جەمىي بەش نەپەر شىمالىي كورېيىلىك قىز بار بولساقمۇ، ئەمما بىزنىڭ ئۆز - ئارا گەپ قىلىشىمىزغا ئەرلىرىمىز يول قويمايتتى. سەۋەبى ئەرلىرىمىز بىزنى بىرلىكتە قېچىپ كېتىدۇ - دەپ ئەنسىرەيتتى. ھەتتا بىزنىڭ پۇتىمىزغا ئاياقمۇ كەيگۈزمەيتتى. بىز ئەتىدىن كەچكىچە ھويلا - ئارامدا ئىش قىلىش بىلەن كۈنىمىزنى ئۆتكۈزەتتۇق. ئېغىر ئاياق بولۇپ بالا تۇغۇشىمىزغا ئەرلىرىمىز يول قويمايتتى. چۈنكى تۇغۇلغان باللىرىمىزنى خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇسقا ئالمايتتى. باللىرىمىزمۇ بىزدەك ۋەتەنسىز بولۇپ قالاتتى. بىز بۇ خىل ھايات ئىچىدە قۇللارچە ياشىدۇق. شۇنداقتىمۇ مەن دوختۇرخانىغا بارماي مەخپىي بىر ئوغۇل تۇغدۇم» دەيدۇ.
پارك جىھىيون ئۆزىنىڭ يېزىدىكى ئازاپلىق تۇرمۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاخىرى ئۆزىنى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىگە ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:«مەن خىتاي ساقچىلىرىغا ئۆزەمنىڭ شىمالىي كورېيەلىك قاچقۇن ئىكەنلىكىمنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇلار بۇ يېزىدىكى بەشىمىزنى تۇتۇپ كەتتى. بىزنى تۈرمىگە ئاپىرىپ سولاپ قويدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن ئايال ساقچىلار كېيىملىرىمىزنى سالدۇرۇپ تەكشۈرۈپ، كېيىن بىزنى شىمالىي كورېيە تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەردى» دەيدۇ.
ئۇ ماقالىسىدە، ئۆزىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قايتۇرۇلغاندىن كېيىن تۈرمىگە ئالتە قامىلىپ كېيىن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى، ئۇ يەردە پۇتلىرى ئېشىپ قاتتىق ئاغرىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن، ساقچىلار ئۇنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى، كېيىن ئوغلىنى كۆرگىلى كۆپ پۇل تۆلەپ قاچاق يول بىلەن خىتايغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
پارك جىھىيون ماقالىسىدە، خىتايغا كەلگەندىن كېيىن ئوغلىنى ئىزدەپ تېپىپ، دەرھال ئوغلىنى بىرگە ئېلىپ بېيجىڭدىكى بىر چېركاۋدا خىزمەت قىلىدىغان ئامېرىكا پۇقراسى كورېيەلىك بىرسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەنگلىيەگە بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:«مەن ئوغلۇم بىلەن ئەنگلىيەگە كېلىپ ھەققىي ئىنسانىي ھاياتىمنى باشلىدىم» دەيدۇ.
ئۇ،ماقالىسىنىڭ ئاخىرىسىدا: «خانىم - قىزلارنى مەجبۇرىي ھالدا پاھىشىخانىلارغا ۋە ئەرلەرگە سېتىش خەلقئارا قانۇندا چەكلەنگەن. خىتاينىڭ قانۇنىدىمۇ ھەم. بىراق، خىتاي جەمئىيىتىدىكى پاھىشىخانىلارغا، ئەرلەرگە مەجبۇرىي سېتىلىۋاتقان شىمالىي كورېيىلىك مەندەك قىزلارنىڭ ۋە ياش ئانىلارنىڭ تەغدىرىگە كىم كۆڭۈل بۆلۈدۇ؟ مەن ئەلۋەتتە،خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايدىكى شىمالىي كورېيەلىك قىزلارنىڭ تەغدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمەن» دەيدۇ.
ھازىر ئاۋسترالىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈلمىرە زۇنۇن خىتاي ئۆلكىلىرىدە يالغۇز شىمالىي كورېيەلىك قىزلارلا خورلۇققا ئۇچراپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىشىنچا ئەمگەك كۈچى دەپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت - كارخانىلارغا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭمۇ پاجىئەلىك تەغدىرلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئىلگىرى گۇاڭجۇدىكى مەلۇم بىر شىركەتتە خىزمەت قىلغان، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى گۈلىستان ئەزىزى خانىم خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ھەققىدە توختالدى.
يۇقىرىقى ئاۋازدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00