16-سېنتەبىر ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەلەپنامە يوللاپ ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ يىغىندا خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەلەپنامە يوللاپ،19-سېنتەبىردىن ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ يىغىندا خىتايدىكى كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان ئۇيغۇر،تىبەت،موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە توختالدى.
ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى «ن ھ ك » نىڭ 19-سېنتەبىردىكى ئەتىگەنلىك خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە،ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 13-سېنتەبىردىن باشلاپ نيۇيوركتا چاقىرىلىۋاتقان 71-قېتىملىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىننىڭ 19-سېنتەبىر كۈنىدىكى مۇساپىرلار مەسىلىسى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى توغرىسىدىكى يىغىنىدا سۆز قىلىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە،ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان خىللاري كىلىنتون خانىم بىلەن مەخسۇس ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللانغان مەزكۇر تەكلىپنامىدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئائىت مەزمۇنلار كۆپ قىسىمنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە تۇرمۇھەممەت ھاشىم قىسقىچە توختالدى.
ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيە دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دايچىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر تەلەپنامىدە نۆۋەتتىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى موڭغۇللارنىڭ سىياسىي ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ۋەكىلىمىز چېچىك بۇرجىگىن خانىم ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئۇيغۇر،تىبەت،موڭغۇللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باش ۋەزىرى شىزو ئابېنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى تەلەپ قىلىپ تەكلىپنامە سۇندۇق. تەكلىپنامىدە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى موڭغۇل مائارىپىنىڭ پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇلۇۋەتلىكى سەۋەبىدىن موڭغۇل تىلىنىڭ ھازىر يوقىلىش گىردابىغا كېلىپ قالغانلىقىنى،خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قالايمىقان كان ئېچىشى سەۋەبىدىن، ئېكولوگىيىلىك بۇلغىنىشنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق» دېدى.
تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە،مەزكۇر تەكلىپنامىدە يەنە تىبەتلەرگە ئائىت بەزى بىر مەلۇماتلارمۇ بېرىلگەن.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە،ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللانغان ئۇيغۇر،تىبەت،موڭغۇللارنىڭ بۇ تەلەپنامىسى ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر،تىبەت،موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلىكتە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان تەلەپنامىسى ھېسابلىنىدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.