سىتوكھولمدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى 5-ئاپرېل كۈنى ماشتا رايونىدىكى ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ يېڭى ئالغان پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەت ئالدى بىلەن دىنىي زىيالىي قۇربانجاننىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى. ئاندىن تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىققان ئۇيغۇر كومىتېت رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تارىخى شارائىت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى ۋە ئىنقىلابنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش جەريانىنى تەپسىلىي ئاڭلاتتى.
شىۋېتىسيەدىكى جامائەت ئەربابى پارۇق سادىق بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم رولى ۋە بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلەشنىڭ ياشلارغا بولغان ئەھمىتىنى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
پائالىيەت جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ يېڭى ئېلىنغان پائالىيەت مەركىزى تەبرىكلەندى ھەمدە ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى قايتا سايلاپ چىقىلدى ۋە بۇندىن كېيىنكى خىزمەت پىلانى ئورۇنلاشتۇرلدى.
ئاخىرىدا كۆپچىلىك داستىخاندىكى تائاملاردىن غىزالاندى، بارىن ئىنقىلابىدا شېھىت بولغانلار ھەمدە ھازىرغىچە خىتاي تۈرمىلىرىدە ئېغىر قىسمەتلەرگە يولۇقۇۋاتقان غازىلار ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى. پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى سائەت 16 دە باشلىنىپ، 20 دە ئاخىرلاشتى.