پىتىر داھلىننىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سەيشەنبە كۈنى ئاخشام ۋە چارشەنبە كۈنى ئەتىگەنلىك خەۋەرلىرىدە شىۋېتسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى پىتىر داھلىننىڭ ئۆز جىنايىتىنى «ئىقرار» قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى تارقاتقان.

ئۇ كۆرۈنۈشلەردە ئۆزىنىڭ خىتاي قانۇنلىرىغا خىلاپ پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «مەن خىتاي خەلقىنىڭ دىلىغا ئازار بەردىم. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن. مېنىڭ ھېچقانداق ئېتىرازىممۇ يوق. مېنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىم ھەق» دەپ سۆزلىگەن. خەۋەردە يەنە ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسىمۇ ئىقرار قىلدۇرۇلغان.

بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن پىتېر داھلىن 2009- يىلىدىن بۇيان خىتايدا دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدىغان ئەرزىيەت ئىشلىرى ئۈستىدە تەربىيىلەش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان «خىتايدا جىددىي ھەرىكەت خىزمەت گۇرۇپپىسى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ بۇ يىل 1- ئاينىڭ 3- كۈنى تايلاندقا يولغا چىقىش ئالدىدا بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن مەخپىي بىر جايدا تۇتۇپ تۇرۇلغان بولۇپ، دائىرىلەر ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىرى بىلەن ياكى خىزمەتداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىغىمۇ يول قويمىغان ئىدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە، داھلىن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكى كىشىلەرنىڭ «كۆپچىلىكنى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، پىتىر قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان «خىتايدا جىددىي ھەرىكەت خىزمەت گۇرۇپپىسى» تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى مايكىل كەستېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ ئەيىبلەشلىرىنى قەتئىي رەت قىلغان ۋە «پىتېرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە زەربە بېرىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى، دېيىش پۈتۈنلەي بىمەنىلىك» دېگەن. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن پۇقرالارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاتالمىش «چەتئەل دۈشمەن كۈچلىرى» نىڭ خىتايغا يەرلەشتۈرۈپ قويغان ئادەملىرى پەيدا قىلدى، دەپ باشقىلارغا ئارتىپ قويىدىغان ئادىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەلچىسى ھانىس دىتمار شىۋېسگات مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزلىرىنى جىددىي ئەندىشىلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «بۇ ۋەقەنىڭ خىتايدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ۋەقەلىك بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، بىراق ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا خەتەرلىك بىر ئېقىمنى كۆرۈۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى بوب دېيتېز ئەپەندىمۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ھېچقاچان ھازىرقىدەك ناچار بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «خىتايدا بىز داۋاملىق بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان يەنى
‹بىر يىغىۋالىدىغان، بىر قويۇۋېتىدىغان› پەرقلىق باسقۇچلارنى كۆرۈپ كەلگەن ئىدۇق. مەسىلەن، ھۆكۈمەت تۇرۇپلا ئىنتايىن قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزىدۇ، كېيىن ئاستا - ئاستا يەنە ئازراق سىياسىتىنى يۇمشىتىدۇ. بولۇپمۇ ئاخبارات ساھەسىدە بۇنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن روشەن ئىدى. لېكىن مەن شۇنى دېيەلەيمەنكى، مەن كېيىنكى بىر قانچە ئون يىل ئىچىدە تۈزۈمنىڭ بۇ دەرىجىدە چىڭىپ كەتكىنىنى كۆرمىگەن ئىدىم. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق كونترولنى قول ئاستىغا ئېلىش نىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە مەن ۋەزىيەتنىڭ يېقىن زاماندا ئۆزگىرىدىغانلىقىغىمۇ ئىشەنمەيمەن.»

بۈگۈن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پىتېر داھلىننى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئورۇننى ئاشكارىلاشقا چاقىردى. ئۇلار ئېلان قىلغان جىددىي چاقىرىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پىتېر داھلىننىڭ بارلىق قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى كاپالەتلىك قىلىشنى، ئۇنى ئائىلىسى، شىۋېتسىيە ئەلچىخانىسى خادىملىرى ۋە ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، داھلىننىڭ بۆرەك ئۈستى بېزى ياللۇغى كېسەللىكى بار بولۇپ، ئۇ ئەگەر كۈندە مۇۋاپىق تېببىي ياردەمگە ئېرىشمىگەن تەقدىردە ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىكەن.

داھلىن مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئېلان قىلىنغان كۆرۈنۈشىدە ئۆزىنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ ئۆزىنى ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا، پىتېر داھلىن ھېچكىم بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەچكە ئۇنىڭ بۇ سۆزىنىڭ چىنلىقىنى دەلىللەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا خىتايدا ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ماقۇللانغان «دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە شۇنداقلا « چەتئەل مۇستەقىل ئورگانلىرىنى باشقۇرۇش» قا ئائىت قانۇن لايىھەسىنىڭ چۈشىنىكسىز ۋە مەنىسى كەڭ ئىبارىلەر ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرى ھەم شۇنداقلا خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەل ئورگانلىرىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلارنى ئىلگىرىلەپ قامال ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچىسى پاترىك پۇن رادىئومىز قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىتېر داھلىننى زادى نېمىگە ئاساسەن قولغا ئالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات كۆرسەتمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرى ھەم خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا جامائەتنى قايىل قىلارلىق جاۋاب بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرغان.