ستوكھولىمدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى خىتاي سىياسىي كېڭەش رەئىسىنىڭ شىۋېتسىيە زىيارىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

4-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ستوكھولىمدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ شىۋېتسىيە زىيارىتىگە قارشى ئاممىۋى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىش ستوكھولىم ۋاقتى سائەت 17:00 باشلاندى.

قوللىرىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە لوزۇنكىلار كۆتۈرگەن نامايىشچىلار ستوكھولىم شەھەر مەركىزىدىكى سېرگېل توريېت مەيدانىغا يىغىلىپ خىتايغا قارشى غەزەپلىك شوئارلارنى توۋلىغىنىدا ئەتراپتىكى نۇرغۇنلىغان شەھەر خەلقى بۇ يەرگە كېلىپ نامايىش ئەھۋالىنى كۆردى.

خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ مەسئۇللۇقىدا تەشكىللەنگەن خىتاي زىيارەت ئۆمىكى 3-ئىيۇندىن باشلاپ شىمالىي ياۋروپادىكى دانىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە رەسمىي دۆلەت زىيارىتى ئېلىپ بارماقتا. بۇ يۈ جېڭشېڭنىڭ خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق ياۋروپا زىيارىتى ئىكەن. تۈنۈگۈندىن باشلاپ شىۋېتسىيە پادىشاھى كارل گۇستاف 16، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارل بىلدت قاتارلىقلار يۈ جېڭشېڭ بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشكەن. بۈگۈن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىش كۈنى بولۇشىغا قارىماي يۈ جېڭشېڭنىڭ شىۋېتسىيە زىيارىتىگە قارشى نامايىش تەشكىللىگەن.

بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇللا ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ نامايىش ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بەردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.