شىۋېتسىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيىلەر ۋە سىياسەتچىلەر ھەر يىلى شىۋېتسىيەنىڭ گوتلاند ئارىلىدىكى ۋىسبىي شەھىرىگە يىغىلىپ، ئېلىپ بارىدىغان ئالمۇدالىن ھەپتىلىك سىياسىي پائالىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.
ھەپتىلىك سىياسىي پائالىيەت شىۋېتسىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ئۇچرىشىدىغان ھەمدە ئۆز پارتىيەلىرى ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان، دۆلەت ئىچى ۋە تاشقى سىياسەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ھەپتىلىك سىياسىي پائالىيەت بولۇپ ھەر يىلى ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
بۇ يىل 6-ئاينىڭ 30 -كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك سىياسىي پائالىيەتكە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئىككى نەپەر ۋەكىل ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاتتى.
ھەپتىلىك سىياسىي پائالىيىتىنىڭ بەشىنچى كۈنى، 2-ئىيۇل كۈنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، فالۇڭگۇڭ قاتارلىق تەشكىلات ۋەكىللىرىگە مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىلغان.
پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە 2-ئىيۇل كۈنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ۋەكىللەردىن ئابدۇلئەزىز قۇتلۇق سەھنىگە چىقىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەرنى پاكىتلار بىلەن ئاڭلاتتى.
پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر، شىۋېتسىيەدىكى ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ۋە ھەرقايسى سىياسىيونلار بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشتى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەزكۇر ھەپتىلىك پائالىيەتكە ئالدىنقى يىلىمۇ قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان بولۇپ، بۇ ئىككىنچى قېتىملىقى ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ پائالىيەتتە يەنە، شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى تەشكىلاتلىرى بىلەن شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان فالۇنگۇڭچىلار ھەمدە تىبەت تەشكىلاتلىرىمۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ ئەھەد بۇ پائالىيەت ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر توغرىسىدا توختالدى.