شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كومىتېتى غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن، «5-فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ 19 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 5-فېۋرال كۈنى ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن كومىتېت مەركىزىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
خاتىرىلەش پائالىيىتى ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ۋە دىنىي زات قۇربانجاننىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.
ئالدى بىلەن سۆز قىلغان ئۇيغۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق كۆپچىلىككە «5-فېۋرال ۋەقەسى» نى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
ئۇ سۆزىدە، 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئۆزىنى ئۇيغۇر دېگەن ھەر بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر كومىتېت ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى قۇربانجان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن ئالغان تەسىراتىنى مۇنداق ئاڭلاتتى: «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇ كۈنكى قاتتىق سوغۇققا ۋە خىتاي قوراللىق قىسمىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشلىرىغا قارىماي، قەھرىمانلىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىشتەك روھىدىن تەسىرلەندىم.»
ئاخىرىدا خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان جامائەت ۋەكىللىرىدىن رەھىم ئەپەندى «5-فېۋرال» ۋەقەسىنى خاتىرىلەشنىڭ، يېقىنقى تارىخىمىزنى ياشلارغا ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، ئەتراپىمىزدىكى شىۋېت پۇقرالىغا ئاڭلىتىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيىتى بارلىقىنى بالدۇردىن.
خاتىرىلەش پائالىيىتى شۇ يەر ۋاقتى 19:00 دە باشلىنىپ 21:00 دە ئاخىرلاشتى.
