شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئەزەربەيجان تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا
2013.02.28
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ شۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئەزەربەيجان توپلۇقلىرى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىلىرى ۋە مىللىي ھەمكارلىقى يىلدىن-يىلغا كۈچەيمەكتە.
قېرىنداش ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئىراننىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان جەنۇبىي ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقى ئۇلارنى ئۆز كېلەچىكى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن يېقىنلاشتۇرماقتا.
ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان شۋېتسىيىدىكى قېرىنداش ئەزەربەيجان توپلۇقلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى جانلىنىش ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلغان. 1992-يىلىدىكى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا، ئەرمەن ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەزەربەيجاننىڭ خوجالى ۋە قاراباغ ۋىلايەتلىرىدە يۈرگۈزۈلگەن قانلىق قىرغىنچىلىق خاتىرىلەنگەن. خوجالى قىرغىنچىلىقىنىڭ 21 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ستوكھولمدىكى ئەزەربەيجان ۋە تۈرك بىرلىكلىرى، شۋېتسىيە-ئەزەربەيجان دوستلۇق گۇرۇپپىسى ھەمدە شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ستوكھولمدا نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. 26-فېۋرال كەچقۇرۇن ستوكھولمدا ئەزەربەيجان فېدىراتسىيونىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن يىغىن چاقىرىلغان. يىغىندا ئەزەربەيجان پارلامېنتىدىن ۋەكىل بولۇپ كەلگەن ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بۇنىڭدىن 21-يىل بۇرۇنقى خوجالى قىرغىنچىلىقى توغرىلىق يىغىن قاتناشچىلىرىغا بايانات بەرگەن.
مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەخمەتجان تۇرسۇن ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزەربەيجانلار بىلەن قېرىنداش خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن خوجالى قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە خانىۋەيران بولغان ئەزەربەيجان خەلقىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن مىللىي زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئاخىرىدا ئۇ ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزالىرىدىن 2009-يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندە ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى ھەمدە بۇ قەتلىئامغا قاتتىق نارازىلىقى بىلدۈرگەن تۈركىيىنى يالغۇز قالدۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەپسۇس، ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمىگەن ھەمدە يىغىن قاتناشچىلىرى ئالدىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى تارتقان. ئەمما يىغىندىن كېيىن ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن ئۆتكۈزگەن شەخسىي سۆھبەتتە ئۆزلىرىنىڭ دىنداش ۋە قېرىنداش خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەخمەتجان تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.