بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرىكى بۈگۈن، يەنى 2009-يىلى 26-ئىيۇن شياۋگۇەندىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىغا بويالغان پاجىئەلىك بىر كۈن. بۇ كۈندە، توققۇزاق ناھىيىسىدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە مەزكۇر زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلەۋاتقان 819 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرى يېرىم كېچىدە ياتاقلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەن خىتايلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە تاياق، توقماقلار بىلەن تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. زاۋۇت بىگۇناھ ئۇيغۇر قىز، يىگىتلىرىنىڭ قېنىغا بويالدى. ئۇيغۇرلار شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان بۇ قانلىق ئىرقىي ھۇجۇمىغا شاھىت بولدى. شياۋگۇەن ۋەقەسى 2009-يىلدىكى 10 چوڭ ۋەقەنىڭ بىرى سۈپىتىدە دۇنيا قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شياۋگۇەن ۋەقەسىنى ۋاقتىدا، ئادىل بىر تەرەپ قىلماسلىقى 5-ئىيۇلدەك يەنە بىر قېتىملىق زور ۋەقەگە سەۋەب بولدى. ئۇيغۇرلار شياۋگۇەن ۋەقەسىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى ۋە خىتايلارنىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە شياۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگرامما دىققەت ئېتىبارىڭلارغا سۇنىمىز.
شۇ كۈنىدىكى پاجىئەنى ئەسلەپ ئۆتسەك:
2009-يىلى 26-ئىيۇن گۇاڭدۇڭ ۋاقتى سائەت سەھەر 2، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى توققۇزاق ناھىيىسىدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە گۇاڭدۇڭنىڭ شياۋگۈەن شەھىرىدىكى شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا كېلىپ ئىشلەۋاتقان 819 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرى تۇيۇقسىز تاياق، توقماقلار بىلەن باستۇرۇپ كىرگەن 10 مىڭچە خىتاي ئىشچىنىڭ پىلانلىق، كوللېكتىپ رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىدى، ھەتتا قىزلارمۇ ئوخشاشلا خىتاي ئىشچىلارنىڭ يامغۇردەك تاياق-توقماقلىرى ئاستىدا قالدى. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭپاۋ گېزىت» نىڭ خەۋىرىدە، گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدىكى «شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتى» دا، خىتاي ئىشچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن زور كۆلەملىك قانلىق توقۇنۇش 27-ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 4 تە تىنچىتىلغان، دەپ ئاشكارىلىدى. شياۋگۇەن ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، رادىئومىز مۇخبىرلىرى شياۋگۇەن ۋەقەسىدە ساق قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن تۇنجى قېتىم ئالاقە باغلىيالىدۇق، ۋەقەنىڭ شاھىتلىرى ئۇيغۇر ياشلىرى شۇ كۈنى كېچىچە قولىدا تۆمۈر توقماقلار ۋە تاياقلار بىلەن قوراللىنىۋالغان خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ تاياق-توقمىقى، تىل-ئاھانىتىگە ۋە رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈشىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ بۇ خىل ئىرقىي ھۇجۇمىنىڭ دائىرىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىسىز ئۇچ-تۆت سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغانلىقىنى، ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
ۋەقەدە خىتاي ئىشچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ھۇجۇمغا قاتناشقان، بىۋاسىتە قاتناشمىغانلىرى بولسا ھەتتا قىزلارنىڭمۇ ئېچىنىشلىق نالە-پەريادلىرىغا پەرۋا قىلماي، ئادەم قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بەھۇزۇر تاماشا قىلغان، بەزىلىرى تېخى يانفونلىرىدا تارتىۋالغان سىن ۋە سۈرەتلىرىنى خىتايدىكى ئاممىۋى تور بەتلەرگە غەلىبە سۈپىتىدە چاپلىغاندىن كېيىن ۋەقە دۇنياغا ئاشكارا بولغان ئىدى. شياۋگۇەن قانلىق پاجىئەسى دۇنيانى چۆچۈتتى، بۇ قەدەر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنلىق ۋە كەمسىتىش ئۇيغۇرلارنى غەزەپكە تولدۇردى. خىتاي تەرەپ دەرھال ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى يېپىشقا تىرىشتى. بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا شياۋگۇەن ۋەقەسىنى ئادەتتىكى ئىجتىمائىي بىر ماجىرا قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇنىڭ كېلىپ چىقىشىغا جۇڭ فامىلىلىك بىر خىتاينىڭ 6-ئاينىڭ 16 كۈنى تور بەتلەرگە «6 نەپەر ئۇيغۇر، 2 نەپەر بىگۇناھ خىتاي قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلدى» دېگەن يالغان ئۇچۇرنى تارقاتقانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە 28-ئىيۇن كۈنى ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي بەزى ئاخباراتلىرىدا زاۋۇتتىكى خىتاي ئىشچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ توپلىشىپ ماجىرالىشىش ۋەقەسى دەپ كۆرسەتتى ۋە ۋەقە جەريانىدا ھاشىمجان ئەمەت، سادىقجان غازى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ھەر ئىككىسىنىڭ قەشقەر توققۇزاقتىن ئىكەنلىكىنى، 120 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ 81 نەپىرىنىڭ ئوخشاش توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ دېھقانلىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئۇيغۇرلار خىتاي ئىچىدە يولۇققان ئەڭ ئېغىر، ئەڭ قانلىق ۋە ئوچۇق-ئاشكارا مىللىي كەمسىتىش ھەرىكىتى دەپ قارالغان شياۋگۈەن ۋەقەسى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭمۇ بىرى. ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايلارنىڭ ئىرقىي ئۆچمەنلىكى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەسىنى ۋاقتىدا، ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىغا بولغان نارازىلىق پىكىرلىرى ئۇلغايدى، ئۇلار تىنچ ھالدا تور بەتلەردە ئىنكاس قايتۇرۇش يوللىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىگۇناھ ئۇيغۇر قىز، ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرگەن قاتىللارنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى ۋە بەزى زىيالىيلار ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاگاھلاندۇردى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ سەۋەبلىرىنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىپ، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىمۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىرى سۈپىتىدە جازالىدى. ئاخىرى-5 ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شياۋگۇەن ۋەقەسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكەشنى توختىتىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ تىنچ يول بىلەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى. نامايىش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باستۇرۇشى بىلەن خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك توقۇنۇشىغا تەرەققىي قىلدى، ئاخىرى نامايىش خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بىلەن قانلىق باستۇرۇلدى.
شياۋگۇەن سوتى 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى شياۋگۇەن ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك 7 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر خىتايغا ئۆلۈم جازاسى، يەنە بىرىگە 7 يىللىق قاماق جازاسى، قالغان ئىككى خىتايغا 6 يىللىقتىن قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى، ئۇيغۇرلاردىن يارمەمەتجان ئىسمائىل مۇددەتلىك 6 يىللىق قاماق جازاسىغا، ئوسمانجان ئوبۇل 6 يىللىق قاماق جازاسىغا، يۇسۇپجان تۇردى 5 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بۇ ئۈچ ئۇيغۇر ھۆكۈمگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ يۇقىرى دەرىجىلىك سوتقا ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، گۇاڭدۇڭ يۇقىرى سوتى تەرىپىدىن شياۋگۇەن سوتىنىڭ بۇ ئۈچ ئۇيغۇرغا بەرگەن سوت ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە قىلىندى.
رابىيە قادىر خانىم ئىلگىرى باياناتلىرىدا شياۋگۇەن ۋەقەسىنى «ئۇيغۇرلار شياۋگۇەن ئىرقىي ھۇجۇمىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى ۋە خىتايلارنىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
شياۋگۇەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن رادئىومىز ۋە باشقا خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا بايانات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، گەرچە مەزكۇر قانلىق ۋەقەگە 5 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھېلىھەم ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە«ئۇيغۇرلار بۇ ۋەقەنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئادالەتپەرۋەر دۆلەت ۋە خەلقلەرمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ، خىتاي شاۋگۇەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قانلىق باستۇرۇشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ... » دەپ كۆرسەتتى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق شياۋگۇەن ۋەقەسىدە ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنى ئېچىنىش ئىچىدە ئەسلەش بىلەن بىرگە، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادە قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.