گوللاندىيە ئاخباراتلىرى: پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا بولمايدۇ

0:00 / 0:00

گوللاندىيە ئاخباراتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تۈرلۈك زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى شۇڭا سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ھەرگىز قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇ پىكىرلەر ئۇيغۇر سىياسىيسى پاناھلانغۇچىلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان خەۋەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ ھەقتىكى يەنە بىر پارچە خەۋەردە يېقىندا گۇمان بىلەن ئىشتىن توختىتىلغان ئۇيغۇر تەرجىمانلار ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار بېرىلگەن.

2013-يىلى 12‏-ئاپرېل گوللاندىيە «NU» تېلېۋىزىيىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە «گوللاندىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىن كەلگەن پاناھلانغۇچىلارنى قوغدىشى كېرەك» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن گوللاندىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ ھەمكارلىقىدا بېرىلگەن مەزكۇر خەۋەردە: «گوللاندىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىن كەلگەن مۇسۇلمان ئىلتىجاچىلارنى قوغدىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار قايتۇرۇلسا، خەتەرگە يولۇقىدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمىلەرگە قامىلىدۇ ۋە تەن جازاسىغا دۇچار بولىدۇ. بەزى قايتۇرۇۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپمۇ كېتىدۇ.» دەپ، گوللاندىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئاگاھلاندۇرۇلغان.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغان بىرى مىسال كەلتۈرۈلگەندە، گوللاندىيە ئىلتىجاچىلار ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ ئۇ ئىشقا ئېرەن قىلىپ كەتمىگەنلىكى مەلۇم بولغان. ۋەھالەنكى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ، ئۇنى كىچىك ئىش دەپ ساناشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى ۋە مەزكۇر ئىككى ئورگاننىڭ «خىتاي بىلەن قانداق ئالاقە قىلىش توغرىسىدا» گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە تەكلىپلەرنى سۇنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا گوللاندىيە ھۆكۈمىتى2012‏-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشقا 5 قېتىم ھەرىكەت قىلغان. بۇ ئۇرۇنۇشلار ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەر داۋام قىلغان. يەنى قايتۇرۇۋېتىلىشكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلار، ھەتتا ئېگىردىن چىقىرىلىش باسقۇچىدا ئاران توسۇۋېلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككىسى ئولتۇرۇم ئالغان بولسىمۇ، قالغانلىرىنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بولمىغان.

خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا «زۇلۇم» دەپ كىچىك بىر تېما قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا: «ئۇيغۇرلار بولسا، شىنجاڭنىڭ ئەسلى يەرلىك پۇقراسى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تىلى تۈرك تىلى سىستېمىسىغا تەۋە. ئۇيغۇرلار ئۇزۇندىن بىرى بۇ زۇلۇملار ۋە يوقىتىلىش تەھدىتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ كەلدى. بۇلار خىتاينىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر توپلامىدۇر. ئۇلار ھەر ۋاقت ئەركىنلىك ۋە يۈكسەك ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئەمما خىتاي ئىزچىل باستۇرۇپ كەلمەكتە» دېيىلگەن.

بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ساھەسىدە ئۇيغۇرلارنى«تۇنجى قېتىم شۇ ماكاننىڭ ئەسلى پۇقراسىدۇر، يەرلىك ئاھالىسىدۇر» دەپ ئاتىشى ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە يەنە، گوللاندىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئورگىنى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىرلىشىپ، يەنە پارچە ئون نەچچە بەتلىك بىر دوكلات تەييارلىغان ۋە 12‏-ئاپرېلدىن باشلاپ گوللانىدىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە شەخسلەرگە يوللىغان. دوكلاتتا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكار بولىدىغانلىقى مەزمۇن قىلىنغان.

13‏-ئاپرېل مەزكۇر دوكلات خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدىمۇ ئېلان قىلىنغان.

ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇچۇرلاردىن، مەزكۇر ئىككى تەرجىمانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ئىنچىكە تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

10-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «مىڭلارچە ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلار، ئىككى تەرجىماننىڭ قۇربانى» ماۋزۇلۇق يەنە بىر قىسقا خەۋەردە، بۇ ئىككى تەرجىماننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغانلارنىڭ مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا خەلق ئېغزىدا ئېقىپ يۈرۈۋاتقان ئۇچۇرلاردا، گوللاندىيەدىن قايتىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلارنىڭ قايتىپ كېتىشىدە ئۇلارنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى توغرىلىق سۆزلەر تارقالماقتا.

نۆۋەتتە، دۇنيانىڭ بارلىق يەرلىرىدىن ئۇيغۇرلار مەزكۇر ئىككى تەرجىمان مەسىلىسىنىڭ تولۇق پاش قىلىنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.