ئاقسۇ ئايكۆلدە بىر سىياسىي تۇتقۇن دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن

0:00 / 0:00


بۇلتۇر رامىزاننىڭ 29 ‏-كۈنى يۈز بەرگەن «ئاقسۇ ئايكۆل ۋەقەسى» دە تۇتۇلغانلاردىن بىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ساقچىلار يەنە ئۆلگۈچىنىڭ ئايكۆلنىڭ 16 ‏-كەنت ئەزاسى ۋە 31 ياكى 32 ياشلاردىكى بىر سىياسىي تۇتقۇن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ساقچىلار گەرچە ئۆلگۈچىنىڭ قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئۆلگۈچىنىڭ بىر تۇتقۇن ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلماسلىقى، ئۇنىڭ قېيىن ‏- قىستاقتىن ياكى تۈرمە شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئىشارەت قىلماقتا.

پەيشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ئاقسۇ ئايكۆلدە بىر تۇتقۇننىڭ قېيىن‏-قىستاقتىن ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان ئىدى.

سوئال: ئايكۆل ساقچىخانىسىمۇ؟
خادىم: شۇنداق، نېمە گەپ.
سوئال: قايسى كۈنى ئۆلگەن مەھبۇس بالىنىڭ ئىسمى نېمە؟
خادىم: ئىسمىنى بىلمەيمەن.
سوئال: ئۇ بالا قايسى كەنتتىن؟
خادىم16 :‏-كەنتتىن.
سوئال: دوختۇرخانىدا ئۆلدىمۇ، قاماقخانىدىمۇ؟
خادىم: دوختۇرخانىدا.
سوئال: قايسى دوختۇرخانىدا؟
خادىم: ئۇنى بىلمەيمەن.
سوئال: ئۆلگۈچى بۇلتۇرقى ۋەقەدە ئوق تەگكەنلەردىنمۇ ياكى قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنمۇ؟
خادىم: شۇ بۇلتۇرقى ۋەقەدە سىياسىيغا چېتىشلىق دەپ ئاڭلىدىم، قالغىنى ئۇقمايمەن. ھۈسەنجان سوجاڭنى چاقىرىپ قوياي شۇ جاۋاب بەرسۇن.
سوئال: سىز ھۈسەنجانمۇ؟
خادىم: مەن شۇ.
سوئال: ئۆلگەن بالىنىڭ ئىسمى نېمە؟
خادىم: بۇ ئىشلارنى سىزگە دەپ بېرىپ بولالمايمىز، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن سورىغان بولسىڭىز؟
سوئال: باشقا نەرسە ئەمەس، پەقەت ئىسمىنىلا سوراۋاتىمەن؟
خادىم: ياق، دەپ بېرەلمەيمىز.
سوئال: ئۇنداقتا بۇ ئىشنى ئاشكارىلىماڭلار دېگەن بۇيرۇق بارمۇ؟
خادىم: ياق، ئۇنداق ئەمەس، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن سوراڭ دەۋاتىمەن.
سوئال: سىلەر مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ئەمەسمۇ؟
خادىم: .................................
ئايكۆل بازارلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر ئەزاسى ۋە بىر كەنت مەسئۇلىمۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ ئۆلگەن تۇتقۇننىڭ 16 ‏-كەنتتىن ئىكەنلىكىنى ۋە بازارلىق ھۆكۈمەتتە بۇ ھەقتە بۈگۈن بىر يىغىن ئېچىلغانلىقىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما يىغىننىڭ تەپسىلىي مەزمۇندىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

ئاقسۇنىڭ ئايكۆل بازىرىدا ئۆتكەن يىلى رامىزاننىڭ 29 ‏-كۈنى قورالسىز ئامما بىلەن خىتاينىڭ قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ۋە توقۇنۇشتا، خىتاي تەرەپ قورالسىز ئاممىغا ئوق چىقارغان ئىدى. شۇ قېتىمقى ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن 8 نەپەر ساقچى يارىلانغان، ئامما تەرەپتىن ئاز دېگەندە 3 كىشى ئۆلگەن، يۈزلەرچە كىشى يارىلانغان ئىدى.

ئوقتا يارىلانغانلار ئىچىدە 4 ياشلىق قىز سۇبھىنۇر مەمەت بىلەن 50 نەچچە ياشلىق ئايال پاتەم تۇردىمۇ بار ئىدى.