ئۈچ كۈندىن بۇيان ئۈندىدار ۋە فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ كېپەنلەنگەن كۆرۈنۈشى ۋە ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە قېيىن-قىستاقتا ئۆلگەنلىكى غەيرىي رەسمىي ئۇچۇر بولۇپ تارقالماقتا.
ئۇچۇردا ئۆلگۈچىنىڭ ئاقسۇ ئاۋاتتىن ئىكەنلىكى ۋە 8 ئاينىڭ ئالدىدا «چەتئەل بىلەن قانۇنسىز ئالاقىلەشتى» دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. رادىئومىزدا بۇنىڭدىن دەل 8 ئاي ئىلگىرى ئاۋات ناھىيىلىك سوت مەھكىسىنىڭ بىر ئايال خادىمىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش گۇمانى بىلەن خىزمەتتىن توختىتىلغانلىقى ھەققىدە بىر قىسقا خەۋەر بېرىلگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇرۇن بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىنى قايتىدىن تەكشۈرۈشى ۋە قايتىدىن ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىشى داۋامىدا، ئىككى خەۋەردە دېيىلگەن كىشىنىڭ بىر شەخس ئىكەنلىكى يەنى ئاۋات ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچىسى گۈلنار ئابلەت ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.
مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدىكى خىتاي ساقچىلىرى بىر سىياسىي مەھبۇسنى ئېغىر ئاغرىق ھالىتىدە ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئۇلار مەھبۇسنى ئائىلىسىگە تاپشۇرغاندا ئۇنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىگە ئائىت ئىسپاتنامە يازدۇرۇۋالغان. ئائىلە مەھبۇسنى ئاۋات ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئاپارغىنىدا دوختۇرلار ئۇنى داۋالاپ ساقايتىشقا كۆزى يەتمىگەن ۋە كېسەلنى ئۈرۈمچىگە يوللىغان. ئۈرۈمچى 2-دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بىمار قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جان ئۈزگەن. چارىسىز ئائىلە بۇ ھەقتە ھېچكىمگە ھېچنېمە دېيەلمىگەن؛ ئۆلگۈچىنىڭ دوستلىرى جەسەتنى رەسىمگە ئېلىپ ئۈندىدار قاتارلىق تاراتقۇلاردا تارقاتقان. رەسىملەردە جەسەتنىڭ يۈز ۋە پۇت بارماقلىرىدىكى زېدە ئىزلىرى كۆرۈلمەكتە ۋە خەۋەردە ئۆلگۈچىنىڭ قېيىن-قىستاقتىن ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقى ئەسكەرتىلگەن. يەنە خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۆلگۈچى بۇنىڭدىن 8 ئاي بۇرۇن چەتئەل بىلەن قانۇنسىز ئالاقىلىشىش گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەردە ئۆلگۈچىنىڭ ئاقسۇ ئاۋاتتىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كەسپى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. بۇ ئۇچۇردىكى ئۆلگۈچىنىڭ جىنسى ۋە يۇرتى رادىئومىزدا بۇنىڭدىن بۇرۇن خەۋىرى بېرىلگەن بىر تۇتقۇننىڭ كىملىكىنى ئەسكە سالماقتا؛ يەنە بۇ ئىككى خەۋەردىكى مەھبۇسنىڭ تۇتۇلغان ۋاقتى ۋە تۇتۇلۇش سەۋەبىمۇ ئوخشىشىپ كەتمەكتە. ئەينى چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا تۇتقۇننىڭ ئاۋات ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ كاتىپى ئىكەنلىكى ۋە ئىسمىنىڭ بولسا گۈلنار ئابلەت ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى.
ئەينى چاغدا ئاۋاتتىكى ئالاقىدار خادىملار ئاۋات ناھىيىلىك سوتتا گۈلنار ئابلەت ئىسىملىك بىر خادىمنىڭ خىزمەتتىن توختىتىلغانلىقىنى يوشۇرمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن جازالانغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن. بىز بۈگۈن ئاۋات ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىگە كۆپ قېتىملاپ تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفوننى قوبۇل قىلغۇچىلار چىقمىدى. بىز ئاخىرى، نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان، ئاۋات ناھىيىسىدە كەڭرى ئالاقە تورى بولغان بىر ئۇيغۇر مۇھاجىردىن، گۈلنار ئابلەتنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. مۇھاجىر خانىم ئاقسۇدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق، گۈلنار ئابلەتنىڭ 10-مارت كۈنى ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزدى.
سوئال: زۇمرەت خانىم، گۈلنار ئابلەتنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالىدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: ئالدىم. ئاۋاتتىكى بىر سابىق خىزمەتدىشىمنىڭ دېيىشىچە، گۈلنار ئابلەت تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، گۈلنار ئابلەتنىڭ ئائىلىسى نازارەت ئاستىدا ئىكەن، شۇڭا مېنىڭ تونۇشلىرىم ئۆلۈم پەتىسىگە بېرىشقا پېتىنالماپتۇ.
سوئال: سىزگە بۇ ئۇچۇرنى بەرگەن كىشىلەر، گۈلنار ئابلەتنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئىمكانىغا ئىگە كىشىلەرمۇ؟ يەنى مۇشۇ خەۋەر ئىشەنچلىكمىدۇ سىزچە؟
جاۋاب: ئاۋاتتەك بىر ناھىيە ئۈچۈن، بۇ ناھايىتى چوڭ بىر ئىش، بۇنى جەمئىيەتكە ئارىلىشىپ يۈرگەن ھەممە كىشى بىلەلەيدۇ. مەن گۈلنار ئابلەتنىڭ ئەھۋالىنى سورىشىمغا بىر دوستۇم «سەنمۇ بۇ گەپنى سورىغىنىڭغا قارىغاندا ئوتنى پاختىنىڭ ئىچىدە ساقلىغىنى بولمايدىكەن-دە؟» دېدى، مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ گۆلنار ئابلەتنىڭ بېشىغا بىر ئىش كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، مەن 4 كىشىدىن سورۇدۇم، ھەممىسىلا، گۈلنار ئابلەتكە بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىدى.
سوئال: سىزمۇ ۋەتەندە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن قانۇن ساھەسىدىكىلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ باققان بىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، گۈلنار ئابلەتنىڭ تۇتۇلۇش ۋە جان ئۈزۈش سەۋەبىنى قانداق تەخمىن قىلىسىز؟
جاۋاب: تەخمىن ئەمەس، ئەھۋالنىڭ ئېنىق جەريانىنى ئۇقتۇم. گۈلنار ئابلەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ئىكەن، ناھىيىلىك سوتتا خاتىرىلىگۈچى (پۈتۈكچى) ئىكەن. بۇلتۇر 6-ئايدا بىر سوت ئېچىلىپتۇ؛ سوت ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بىر سىياسىي مەھبۇس ئۈستىدىن ئىكەن. سوت جەريانىدا مەھبۇسقا گەپ قىلىش پۇرسىتى بەرمىگەندىن باشقا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق-قوپال مۇئامىلە قىپتۇ؛ بۇ جەرياننى قول تېلېفونىغا چۈشۈرۈۋالغان گۈلنار ئابلەت سوتتىكى بۇ كۆرۈنۈشنى ق ق تورىدىكى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ «بۇنىڭغا سىلەر قانداق قارايسىلەر؟» دەپ سوراپتۇ. يەنى سىياسىي مەقسەتلىك قىلغانمۇ ئىش ئەمەس، پەقەت كۆزى كۆرگەن ھەقسىزلىككە قارشى دوستلىرى بىلەن پىكىرلىشىپ باقماقچى. بۇ كۆرۈنۈش دەرھال توردىن ئۆچۈرۈلۈپتۇ ۋە ئۇ تۇتقۇن قىلىنىپتۇ؛ ئارىدىن 8 ئاي ئۆتكەندە ئۆرە تۇرغۇچىلىقى يوق ھالەتتە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلۇپتۇ.
گۈلنار ئابلەتنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋە ئۆلتۈرۈلۈش جەريانى ھەققىدە رەسمىي دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن بولساقمۇ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى ۋە ۋەقە ھەققىدە تارقالغان غەيرىي رەسمىي ئۇچۇرلار، ئۇنىڭ ئاتالمىش دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە قاماقخانىنىڭ ناچار شارائىتى ۋە قېيىن قىستاقلار سەۋەبىدىن جان ئۈزگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە.